ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:21:34

ئېرىڭىزنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئورتاقلىشىشنى بىلىۋېلىڭ

ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: مەن كىتاپ ئوقۇشنى، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىشنى، كىنو- تېلېۋىزور كۆرۈشنى، ئۇنى- بۇنى يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن؛ ئېرىم بولسا كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىشنى، ئۆزى چىقىم تارتسىمۇ باشقىلارنى خۇشال قىلىشنى... ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە بەزىدە چىقىمغا چىدىمىساممۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېر بىلەنلا بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىغا ئاچچىقىم كەلسىمۇ، لېكىن ئېرىمنىڭ شۇ ئىشلاردىن تاپقان خۇشاللىقى مېنىمۇ تەڭ خۇشال قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىزدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى، ئېرىمىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىسام ئىنتايىن سۆيىنىمەن.
   ھەۋەس دېگەن ھەر بىر  ئادەمنىڭ بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى يۆلەنچۈكى.
   ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا ئورتاق ھەۋەسنىڭ بولۇشى نىكاھ تۇرمۇشنى تېخىمۇ بېيتىشقا، تۇرمۇشنى مول مەزمۇنلۇق قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە ناھايىتى پايدىلىق. باشقىللارنى جەلىپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ قىزىقىدىغان تىمىدا پاراڭلىشىش؛خوتۇن بولۇشنىڭ بۇرچى نېمە؟ ئېرىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىش.
   ئەگەر ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى سىز ياخشى كۆرمىسىڭىز، ھەرگىز ئۇنىڭ قىزقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ، بىز باشتا ئەرلەرنى « ئادەم بالا» دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز دەپ ئېيتقان ئىدۇق. باللىرىڭىزنىڭ ئويۇنچىقىنى تارتىۋالسىڭىز، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناتمىسىڭىز، باللىرىڭىزنىڭ سىزگە قانچىلىك خاپا بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئەلۋەتتە، ئەرلەرمۇ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ئىشلارنى ئايالىنىڭ قوللىشىنى، ئورتاقلىشىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەڭ بولمىغاندا ئاغزىڭىزدا بولسىمۇ ئۇنى قوللاپ قويسىڭىز، سەبى قىزلاردەك: « بۇ ئىشلار راستىنلا شۇنداق قىزقارلىقمۇ؟»، « ۋاقتىڭىز چىققاندا ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭ، بولامدۇ؟» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز، ئېرىڭىز چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، ھەم ئۆزنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ.
   نىكاھنىڭ قاتىلى نامراتلىق ئەمەس، ئەرلەر ياكى ئاياللارنىڭ ناچار مىجەزىمۇ ئەمەس، ئەيدىزنىڭ تەھدىتى ياكى ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قىستۇرۇۋېلىشىمۇ ئەمەس. بەلكى تۇرمۇشنىڭ زېرىكىشلىك بولغانلىقىدا. ياخشى كۆرۈش بولسا ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى. ئېرىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا قويۇۋېتىڭ. تۇرمۇشۇڭلارغا مەنا قوشۇلسۇن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ ئەرلەرنى قېتىپ قالغان تۇرمۇش ئىچىدە مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋالمايدۇ.
   ئائىلىدە مەنىۋى تەڭسىزلىك بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقمايدىغان ۋە ئۇنى ئىلھاملاندۇرالايدىغان ئايال، ئېھتىمال ياخشى ياىدەمچى، ئىقتىسادچىل، مىھرىبان بولۇشىمۇ مۈمكىن. لېكىن ئۇ بەرىبىر تولۇق ۋە يۈكسەك مەنىدىكى ئاياللىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.
                                ئەزىزتارىم

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:06:37

كىرىشىمدىلا ئېسىل يازمىغا ئېغىز تېگىپتىمەن. ئەزىز تارىمغا تەشەككۈر! ئېيتقانلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇقتۇر.
   مەنمۇ ئاخشام ئۆزۈمچە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم. بىرقانچە بالا كەچلىك تەكرار تۈگەپ قايتاشىدا:«مۇئەللىم، جاپا سېلىپ قويدۇق.»، «مۇئەللىم، خوش ئەمىسە» دەپ ماڭسا مەن ئۆزۈمچە تەسىرلىنىپلا كېتىپتىمەن. 14-15 ياشلىق بالىلار بولسىمۇ يەنىلا سەبىي بولىدىكەن بىر يەرلىرى، گەپلىرىمۇ بىر خىل ئوماق، سەمىمى. ئاندىن ئۇنىڭغا «ھاردۇقىڭىز چىقىپلا قالىدىغاندۇ ھە» دېسەم كۈلۈپ قويدى ھەم « ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مەنپەئەت تىگىپ قالسا مەن رازى» دەيدۇ. مەن شۇڭا ئۇنى خەير-ساخاۋەتچى دەيمەن دائىم. شۇنىڭدەك ئورتاقلىشىش، چۈشىنىشمۇ مۇھىمكەن!
  

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:17:16

ھىم ! كۈندە توپ مۇسابىقىسى كۆرىۋاتىمىززززززززز

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 02:12:43

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:17 static/image/common/back.gif
ھىم ! كۈندە توپ مۇسابىقىسى كۆرىۋاتىمىززززززززز

;P كۆز ئالدىمغا كەلدى ...

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:26:15

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:17 static/image/common/back.gif
ھىم ! كۈندە توپ مۇسابىقىسى كۆرىۋاتىمىززززززززز

سىزگىمۇ ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ مايكىسىنى ئېلىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ؟

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:29:11

چاتاق ! بىزنىڭ ئۆيدىكىسى بۇ تېمىنى كۆرۈپتىمۇ نىمە؟ يېقىندىن بۇيان قىلىۋاتقانلىرىمغا قىزىقمىسىمۇ  « كېيىنچە ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭ جۇمۇ» دەپ بەزلەپ قويىدىغان بولۇپ قالدى دىسە. :o
بەت: [1]
: ئېرىڭىزنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئورتاقلىشىشنى بىلىۋېلىڭ