نىكاھ تۇرمۇشىنى تۇلۇقلاشتىكى قىزىقىش
1.ئايالىڭىزنى «سىز» دەپ چاقىرىڭ.يېقىنلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆز ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ.2.بۇرۇنقى چۈشنى ئەسلەڭ.بۇرۇنقى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرمىسەڭلار،رومانتىك كەيپىيات يارىتالمايسىلەر.
3.بىر قەپەس ئوينىشىپ كۆرۈڭ.مەسلەن:ئۆزئارا غىدىقلىشىڭلار، بىربىرىڭلارغا سەمىمى ئىكەنلىكىڭلارنى ،بىربىرىڭلارنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەڭلار.
4.چاقچاقلىشىڭ.گۈدەكلىك ۋە پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىڭىزنىڭ چېنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر ئىككىڭلار تەڭلا كۈلسەڭلار،بۇ سىلەرنىڭ بىربىرىڭلارنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەيدۇ.
مەنبە:«ئەي ئاتا ئاگاھ بولۇڭ»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى. بولىدىغان گەپلەركەنغۇ:$ ئايالىڭىزنى «سىز» دەپ چاقىرىڭ،مەن نىمىشكە چاقىرالمايمەن؟ otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:07 static/image/common/back.gif
ئايالىڭىزنى «سىز» دەپ چاقىرىڭ،مەن نىمىشكە چاقىرالماي ...
بىزنىڭ غۇلجىدا بۈگۈنى تونۇشۇپلا ئەتىسى‹ سەن› دەيدۇ، يىگىتلەر، بىز شۇنىڭغا بەك كۆنگەچكىمۇ، تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ‹ سىز› لىگىنىنى ئاڭلاپ بىر قىسىم تۇيۇلغان ئىدى، ئەمما ھازىر كۆنۈپ كەتتىم;P ئەمما ،مەن سىز دىگەننى مەڭگۇ دىيەلمەيمەن.خۇددى شاىرىمىز تىيىپجان ئېلىيوف يازغاندەك
بىر چاغلاردا سەن دىگەن تىلىڭ،
ھەجەپ بۈگۈن سىزگە بۇرالدى.
بىلسەڭ ئىدىڭ جىنىم شۇ تاپتا،
يۈرۈگۈمگە قايغۇ ئورالدى. ‹سىز ›دىسە ياخشىكەن ، بەزىبىر چاغلارغا رەنجىشىپ قالغاندا قوپالراق سۆزلەپ سالسىمۇ بەك ئېغىر كەلمەيدىغان :$
بۇرۇنقى چۈشنى ئەسلەڭ.بۇرۇنقى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرمىسەڭلار،رومانتىك كەيپىيات يارىتالمايسىلەر..
كىچىككىنە ئىشلار دائىم شۇ بۇرۇنقى چۈشلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ، تېخى بەزىدە تەڭلا دەپ سالىمىز ، بەك يېقىملىق تۇيغۇ ئۇ ;P ئۇنى كۆپ ھاللاردا سىز دەيمەن. بەزىدە يېقىملىق قىلىپ سەنلەپ سۆزلىسەم شۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتۇ. كېيىن « سىز » دىسەم، « تەنە قىلىۋاتامسىز» دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى.
توۋا، ئۇنى بىر قېتىممۇ چۈشەپ باقمىدىم. يېقىندىن بۇيان ساپلا كونا تەرەكتۇرلارنى چۈشەيدىغان بوپ قالدىم. قايتا تەربىيلىنىشكە چۈشەمدىمكىن يا. مەنمۇ ھازىر سىز دېگەن گەپنى ئاڭلىسام خۇددى ياتلا بىرى گەپ قىلۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، زورلاپ سەن دىگۈزىمەن;P
بەت:
[1]