شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى
كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>.بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>>.
خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش>>.
ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئاق رەڭلىك سۇ>>.
كۇچا_ئۇيغۇرچە<<تار كۇچا،خاڭ يولى>>قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە.
شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى>>دىن ئىبارەت.
باي_ئۇيغۇرچە<<باي بولماق ،بايلىق>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى<<گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق>>.
قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<قىزىل رەڭلىك سۇ>>.
ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئارچا دەرىخى>> بولۇپ،يەنە<<ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى>>دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق تاغ>>.
ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى <<چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال>>.
ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق چىغ>>دىن ئىبارەت .
قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي>>،قەدىمكى ساك تىلىدا<< قاشتېشى توپلانغان جاي>> دىگەندىن ئىبارەت.
قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي>>.
پوسكام_تاجىكچە مەنىسى <<ئالتۇن دەرياسى>> ئۇيغۇرچە مەنىسى<<مۇنبەت تۇپراق>>.
يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر>>.
قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئولتۇراقلىشىشقا
بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي>>.
مەكىت_ئۇيغۇرچە <<ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<يارباكۇ>>دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ<<بىر قەبىلە>> دىگەن مەنىگە ئىگە.
پەيزۋات_ئۇيغۇرچە <<ئىكى دەريانىڭ ئارىسى>> دىگەن مەنىگە ئىگە.
مارالبېشى_ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە
تاشقورغان_ئۇيغۇرچە<<تاش شەھەر>>دېگەن مەنىگە ئىگە.
قارىقاش_ئۇيغۇرچە <<قارا رەڭلىك قاشتېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
لوپ_ئۇيغۇرچە <<تاغاق سۆڭىكى>>يەنە <<لوپنۇرلۇقلار>>دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار.
چىرىيە_ئۇيغۇرچە <<چىلان>>دېگەن مەنىگە ئىگە.
مەنبە : تور دۇنياسىدىن ئېلىندى.
تۇرپان-كۆكتات، مېۋە چىۋە ماكانى دىگەن مەنىدە. تۇرپان تارىخى ماتىرىياللاردا « تۇرفاندالىق» دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن. بۇ سۆز پارىسچىدىكى « كۆكتات مېۋىلەر بالدۇر پېشىدىغان جاي» دىگەن مەنىدە ئىكەن.
بۇندىن باشقا تۇرپان نامىنىڭ قويۇلىشىدا يەنە بىر قاراش بار بولۇپ، تۇرپان سۆزى تۇر كۆپ بولغان جاينى كۆرسىتىدىكەن. تۇر قەدىمىي دەۋرلەردە خاندانلىق ھەربىي ئالاقە قىلىشتا قىسقا ئارلىقتا ئىگىز تۇرلارنى قۇرۇپ، ئوت يېقىپ خەۋەر بېرىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا تۇرپاننىڭ ئۆزىدىمۇ بۇرۇندىن قالغان تۇرلار خېلى بار.
بەت:
[1]