gulhan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:02:07

يەنە مىنىڭ دوپپام

يەنە مىنىڭ دوپپام

مۇبارەك نۇرۇز ئايلىرى، ھاۋا سەل سۇغۇق بولسىمۇ شاخلارغا چىچەك قۇنۇپ ئۈلگۈرگەنىدى. مەنمۇ چىچەك قوندۇرۇلغان دوپپامنى ئالدىم، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ ئۇشبۇ كۈن- سائەتلارنىڭ ھەققى -ھۆرمىتىنى؟  بىر خوشلۇق بىلەن دوپپامنى چىرايلىق قوندۇرۇپ خىزمەتكە ماڭدىم.  يېرىم يولغا بارغاندا سەل غەلىتە بوپ قالدىم. يولدا ماڭغانلىكى كىشىلەر خۇددى يات پىلانىتادىن ئادەم كىلىپ قالغاندەك ھەيرانلىق، قىزىقسىنىش، ھەتتا بەزىلىرى سەل گۇمان نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ ئۈلگۈرگەنىدى. گەرچە يامان ئىش قىلمىغان بولساممۇ سەل قورۇنۇپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە  ئۇ بىر دوپپا ئىدى خالاس.
تۇنۇشلاردىن بىر نەچچىسى «.نىمە بولدى؟ ۋاھ ، يارىشىپتىغۇ؟ نىمە كۈن بۈگۈن؟.....»دىگەچ، يەنە ئاللاقانداقتۇر چاقچاقلارنى قىلغاچ ئۈتۈپ كەتتى.
ئەگەر مەنمۇ ئەر كىشى بولغان بولسام «مىنىڭ دوپپام »دىكىدەك بولمىسىمۇ يەنىلا «كىم تۈگەپ كەتتى؟ » دىيىشى ئىنىق ئىدى. بىراق، مەن گىلەم دوپپا،ئ ەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ماڭغانىدىم. خىزمەت ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا ئالدىراپ ئىشخانىغا ماڭدىم.  يەنە سوئاللار دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ كەتتىم.
-بۈگۈن نىمە كۈن ؟
-بىرەر پائالىيەت بارمۇ؟
-خاتىرە كۈنمۇ؟
-مۇسابىقە بارمىكەن؟
-بىرەر باشلىق كەپتىمۇ؟............. ئاشۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىسىگە نورۇز نىمانداق تەس كىلىدىغاندۇ؟
سۇئاللارغا بەزىدە زەردە بىلەن، بەزىدە كۈلۈپ تۇرۇپ، بەزىدە تەنە بىلەن جاۋاپ بەردىم.
- بۈگۈن نۇرۇز، كىيىۋالدىم، ياراشماپتىمۇ ياكى بولماپتىمۇ ؟
-ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى ئىچىمگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر كۈن خىزمەت جەريانىدا  دوپپامنى نەچچە قېتىم ئېلىۋېتىپ  يەنە كىيدىم . ئەجىبا خاتىرە كۈندىلا كىيىپ، باشقا كۈندە كىيسە بولمامدىكىنە  بۇ سوئالنى ئويلاۋېتىپ ئۈزۈم ئەندىكىپ كەتتىم.  ئەمەلىيەتتە مەن ئۈزۈم دەل شۇنداق قىلغانىدىم.
مەن شۇنداق قىلغان، بىز شۇنداق قىلغان، بىز شۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئاندىن باشقىلار شۇنداق دىيشىۋاتاتتى .  دىمەك ، مەن ،سىز،ئۇ...بىز باشلاپ بەرگەنىدۇق.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:52:29

شۇ دوپپا كىيگەن ھالىتىڭىزنى بىر كۆرۈپ باققان بولسامچۇ:P

gulhan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:24:44

شۇنچە كۆپ ئادەم ھەيران قالغاندىكىن سىزنىڭمۇ  كۆرگىڭىز كەپتۇدە،سەنەمجان! دوپپپامچىلىك كىلىدىغان بۇ ناھىيىدە دىيىشىدىغان يەر بۇ! ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىڭ ئىشلەيدىغان يىرىمدە تەڭدىن تۇلىسى باشقا مىللەت دەڭا،  شۇڭا ئۇلارغا يات تۇيۇلغان چېغى!ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس...

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:23:39

بۈگۈن ئەتتىگەن ئىشقا كېتىۋېتىپ بىر قىزنى كۆرگەنىدىم شۇنداق يارىشىپتۇ دوپپىسى ،مەستلىكىم كېلىپ كەينىمگە قايرىلىپ قاراپ كېتىپتىمەن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:25  

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 02:21:32

ئاھ دوپپام ...

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:58:50

ھېيت كۈنى بىركۈن دوپپام بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرۈپ كەتتىم. ئەتىسى ....ھەي ! :L

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:57:34

قەشقەرگە بارساملا ئۇرۇق-تۇققانلار دوپپا كەيگۈزىدۇ،سۇۋغاتلىقڭمۇ ئېىرىنمەي ئالىمەن.لىكىن زە ناماز ۋە ئۈلۈم-يىتىمدىلا كىيىپ قالىمەن.
بەت: [1]
: يەنە مىنىڭ دوپپام