مائارىپچى، شائىر ئابدۇقادىر ھەسەن(خالىس) ئەپەندى ۋاپات بولدى
مۆلجەرتاغ باغرىدىكى ھارماس كۈيچى، مائارىپچى، شائىر، قىسمەتنىڭ ئۇستازىئابدۇقادىر ھەسەن(خالىس) ئەپەندى ۋاپات بولدى
پىشقەدەم مائارىپچى، شائىر ئابدۇقادىر ھەسەن(خالىس) ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 30 : 5 دا 62 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇم 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن قولتۇق قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
http://bbs.xjzjxh.com/upload/125%20拷贝-20111030233110367.jpg
http://bbs.xjzjxh.com/upload/SSL20364-20111030233128239.JPG
ئالدى رەت سولدىن: ئابدۇقادىر ھەسەن (دوپپا كىيگەن كىشى)، ئىبراھىم قۇربان («يەتتە قىزلىرىم» قاتارلىق ئۆلمەس داستانلارنىڭ ئاپتورى)، ئىمام مۇھەممەت («سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى)
ئابدۇقادىر مۇئەللىم تولۇق ئوتتۇرىدا بىزگە دەرس بەرگەن، بىزنى «بالام» دەپ گەپ قىلىدىغان كىشى ئىدى. 1994-يىلى يازغان بىر پارچە شېئىرىمگە مۇئەللىمنىڭ «يارايسەن بالام» دەپ ئىمزا قويغىنى ھېلىھەم ئېسىمدە. مۇئەللىمنىڭ شۇ بىر ئېغىز سۆزى مېنىڭ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا سەۋەب بولغان، «قىسمەت ئەپەندى» بولۇشۇمغا يول ئاچقان ئىدى.
مانا بۈگۈن مۇسىبەت خەۋىرىڭىز يەتتى. يېنىڭىزدا بولالمىدىم، جىنازىڭىزنى كۆتۈرەلمىدىم. سىزگە باقىيدىمۇ ئالىي مەرتىبە نېسىب بولغاي مۇئەللىم، ئەلۋىدا !
ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!
ھەممىمىزنىڭ بارار جايى شۇ، تۆت كۈنلۈك جاھاندا بىر- بىرىمىز بىلەن ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتەيلى! ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! رەھمەتلىكنىڭ يازمىلىرىنى شۇنداق ياقتۇراتتىم. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
ياتقان يېرى جەننەتنىڭ تۆرىدە بولغاي...ياخشى شائىر، ياخشى بالىلارنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ياتقان يېرى كەڭرى بولغاي! مەرھۇم بىزگە ياخشى پەرزەنتلەرنى ۋە ئۆلمەس،ئۆچمەس ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
مەرھۇمنىڭ نامى ۋە ئىش ئىزلىرىنى پەرزەنتلىرىمىزگىچە يەتكۈزۈش تىرىكلەردە قالدى!
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتلەردىن قىلغايسەن، ئامىن ! ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
ئائىلە سۇلتانلىقىمىزنىڭ پاسىبانى،مەڭگۈلۈك ئۈلگەم،سۇيۈملۈك دادامدىن ئايرىلغىلى 20 كۈندىن ئېشىپتۇ.بۈگۈن مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ تاسادىپي پۇرسەتتە يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە دادامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى كۆرۇپ،يەنە ئۆپكەم ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. تېخى 5 كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئىنىم ئۆزى يازغان شېئېرىنى ئېۋەتىپ بېرىپ، قەلبىمنى ئۆرتىۋەتكەن ۋە بۇ ئۆرتىنىش بېسىلماي تۇرۇپ بۇنى كۆرۈپ يەنە كوزۇمگە ياش كەلدى.ئىچ- ئىچىمدىن چىقىۋاتقان يىغىنى بېسىپ تۇرۇپ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە بۇرۇن ئانچە كىرىپ باقمىغان،مۇنبەردىكى ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن دوستلادىن مىننەتدار بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aptapliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:56
بەت:
[1]
2