ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش مەدىنىيىتى
ئۇيغۇر ئەر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادەتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى قىزلار بويىغا يەتكەن ( رەسىدە بولغان ) مەزگىلىدە بېشىغا چىمەن دوپپا كىيەتتى . چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالاتتى . چېچىنى بوغمايتتى . يۈزىگە چۈمبەل تارتاتتى . پۇتىغا يوپۇچ كىيەتتى .
بۇ خىل كىيىنىشلەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى مۇنداق :
چىمەن دوپپا ئۇنىڭ بويىغا يەتكەنلىكىنى ، گۈل - غۇنچىدەك مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ، ئۇچۇرما بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى .
سېكىلىكى بولسا ئۇنىڭ تېخى تولۇپ يېتىلىپ بولمىغان بالا ئىكەنلىكىنى ، توي قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى .
چۈمبىلى بولسا يۈزى ئېچىلمىغان قىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى .
قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن چېچىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ئىككى تال ئۆرۈيدۇ . ماڭلاي ( سېكىلەك ) چېچىنى چېچىغا قوشۇۋېتىدۇ . قاش - كىرپىكلىرىنى تېرىپ ياسايدۇ . قاشلىق ئېتىدۇ . يۈزىدىكى تۈكچىلەرنى ئالغۇزۇپ ، ئۇپا - ئەڭلىك سۈرۈپ گىرىم قىلىدۇ . چۈمبەل تارتمايدۇ .بېشىغا گۈل كەشتىلىك دوپپىلارنى كىيىدۇ . ھالقا ، زەنجىر ، ئۈزۈك ، بىلەيزۈك قاتارلىق زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقايدۇ .بالىلىق بولغان ئاياللار ئالدى تەرىپى ئوچۇق كۆڭلەك كىيىدۇ . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيىدۇ . كەمزۇل كىيمەيدۇ . گىرىم قىلمايدۇ . پۇتىغا ئۆتۈك ياكى توپلەي كىيىدۇ .
بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: ئالدى ئوچۇق كۆڭلەك كىيىدۇ ، لىپتىك (باغىرداق) تاقىمايدۇ . ---- بالا ئېمىتىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ . كىيىملەرنىڭ تۇتۇق رەڭ بولۇشى ، گۈزەل ياشلىقى ، ئارزۇ - ھەۋەسلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ، بارلىقىنى بالىسىغا ، ئائىلىسىگە ئاتىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا ) يەتكەندە ، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى . ئۇچىسىغا ( يەڭ ، ياقا ، پەۋازلىرىغا ) گۈل ، چىلتەك - جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى . بىلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى . ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى . پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال - بۇرۇت قويمايتتى .يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، بېشىغا چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىنى بېشىنىڭ ياڭشىقىغا ( بېشىنىڭ يان تەرىپىگە ) كىيىۋالاتتى . ئۆرە ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقنى تۇمارچە (ئۈچ بۇرجەك) شەكلىدە يانپاش سۆڭگىچىنى باستۇرۇپ چىگىۋالاتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىسىنى ئىككىلىك قايرىپ ، قونجىغا غىلاپلىق پىچاقنى قىستۇرۇۋالاتتى . ئۆتۈك ئىچىگە تىزىنى يىپىپ تۇرىدىغان كەشتە پايپاق كىيىۋالاتتى ھەم بۇرۇت قويۇۋالاتتى .
ئەرلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ، بۇرۇتىدىن باشقا يەنە داقال قوياتتى . بېلىگە قىزىل ياكى جىگەر رەڭلىك پوتا باغلايتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىنى يېرىمىغىچە قايرىۋالاتتى . غىلاپنى پوتىسىغا ئېسىۋالاتتى . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيەتتى .
بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق : داقال ---- ئۇنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى .
پوتا ---- ئۇنىڭ رەسمىي ئەر بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى .
پوتا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
غىلاپنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىشى --- ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ، بالىلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەتتى . كىيىملەرنىڭ تۇتۇقراق رەڭلىرى بولسا ، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ .
ئەرلەر بالا - چاقىسى كۆپەيسە قارا ساقال ئەر دەپ ئاتىلىدۇ . ساقال قويىدۇ ، بېشىغا سىدام ياكى تۇتۇق رەڭدىكى گۈل كەشتە قىلىنغان دوپپىلارنى ، كۇلا - تۇماقلارنى كىيىدۇ . ئۇچىسىغا يان ئىزمىلىق ياكى قاپ شەكىللىك ، تىك ياقا كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە پوتا باغلايتتى . پۇتىغا قىشتا ئۆتۈك ، باجىڭگىر ، يازدا شىۋەك كىيەتتى .
بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق:
سىدام دوپپىسى ---- ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى ؛
ساقال --- كۆپ بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ؛
تىك ياقىلىق قاپ كۆڭلەك --- تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ رىجىمىغا ئېلىنغانلىقىنى ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى .
ياشانغان ( 45 ياشتىن ئاشقان ) ئەرلەر بېشىغا يازدا سىدام دوپپا ياكى شاپاق دوپپا ، كۈزدە ياكى قىشتا كەمچەت تۇماق كىيەتتى . ئۇچىسىغا يازلىقى يەكتەك ، قىشتا پىرىجە ( تون ) ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيەتتى .
ياشانغان ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىيىنىش ئادىتى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت .
ئاياق كىيىملىرى 1 . چورۇق : چورۇق ---- كالا ، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ خام تېرىسىنى پۇتقا ماس كەلگۈدەك كېسىۋېلىپ ، چۆرىسىگە تۆشۈك ئېچىپ ، تاسما ، شوينا قاتارلىق ( بوغقۇچ ) نى ئاشۇ تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، پۇتقا چىڭ باغلىۋالىدۇ ، پۇت تەبىئىي قىلىپ ) مودېل ) بولىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمىنى كىشىلەر چورۇق دەپ ئاتايدۇ .
2 . ئۆتۈك : ئۆتۈك --- ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىيىپ كېلىۋاتقان ئاياق كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ ، ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ . ئۇنىڭ ( ئەرەنچە - ئايالچە ) نۇسخىلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ . ئۇنىڭ يەنە قىشلىق - يازلىقلىرى پەرقلىنىدۇ . قىشتا كىيىدىغانلىرىغا ( ئەستىرىگە ) نېپىز تېرە ياكى كىگىزلەر قات قىلىنىدۇ . كۈزدە كىيىلىدىغانلىرى يالاڭ تىكىلىدۇ . ئايالچە ئۆتۈكلەرنىڭ پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ . رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ . سىپتا تىكىلىدۇ . قونجى ۋە باش قىسمىغا تىكمە ، باسما ھەم چاپلىما قىلىپ ، ھەر خىل نۇسخىدىكى گۈل - نەقىشلەر قىلىنىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئومۇميۈزلۇك كىيىدۇ . ئۇنىڭ يەنە ، قىشلىق كىيىلىدىغان ، يۇڭدىن ئىشلىنىدىغان كىگىز ئۆتۈك دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈرىمۇ بار .
3 . مەسە - پايپاق : مەسە پايپاقلار ئاساسەن ئىچكى ئاياق كىيىم ھېسابلىنىدۇ . كۆن - خۇرۇم ۋە بۇلغاردىن تىكىلگەن پايپاقلارنى مەسە دەپ ئاتايدۇ . ئۇ يەنە ئۆتۈك مەسە ۋە پايپاق مەسە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . پايپاق مەسىلەر ، ئۇزۇن قونجىلىق ، كالتە قونجىلىق قىلىپ ، نېپىزرەك ماتىرىياللاردىن سىپتا قىلىپ تىكىلىدۇ ، ئاقۇرت قويۇلمايدۇ ، يۇمشاق بولىدۇ . ئۇنى ياز ، كۈز - ئەتىيازلىقى كىيىدۇ .
4 . كالاچ : كالاچ ---- پۇتنى سېپىپ كىيىدىغان بىر خىل ئاياغ كىيىم ھېسابلىنىدۇ . كالاچ -- ئاساسەن مەسە بىلەن كىيىلىدۇ . سۇڭ تەرىپى پەس بولىدۇ ، ئاقورتى بولمايدۇ ، كىيىپ - سېلىشقا ئەپلىك . كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ ، پاشنىسى پەس بولىدۇ . ئۇنى ، ئوتتۇرا ياشلىق ھەم ياشانغان ئەر - ئاياللار ئورتاق كىيىدۇ . كالاچ --- پايپاق كالىچى ، ئۆتۈك كالىچى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ ، شەكلى ئۇچلۇق تۇمشۇق ، توغرا تۇمشۇق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .
5 . ساپما كەش : ساپما كەش ( تو شېي ) ، سۇڭى بولمىغان ، پۇتىنى سىپىپ كىيىپ سۆرەپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان بىر خىل ئاياغ كىيىم.
.6 . شىۋەك : شىۋەك ---- كالاچقا ئوخشاش سېپىپ كىيىشكە قولايلىق بولغان يازلىق ئاياق كىيىم . ئۇ ، كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلىدۇ ، شەكلى كالاچقا ئوخشايدۇ . ئەمما ، سۇڭى بار بولۇپ ، ئاقۇرت قويۇلۇپ ، ئازراق پاشنا قويۇلۇپ تىكىلىدۇ . ئۇ نېپىزرەك ( يالاڭ ) بولىدۇ . كىيىپ - سېلىشقا قولايلىق ، يېنىڭ ، ئازادە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .
7 . پوپۇچ : پوپۇچ -- بۇ ئاساسەن قىزلارنىڭ ئاياغ كىيىملىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ، لاتىدىن ھەم خۇرۇم ياكى بۇلغاردىن تىكىلىدۇ . ئۇ يېنىك ، يۇمشاق بولىدۇ . كىيسە پۇت ئازادە تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تۈر ، نۇسخىلىرى كۆپ .
8 . باجىڭگىر : باجىڭگىر -- دېگەن بۇ ئاتالغۇ بوغ - جەم - گىر دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىككەن ئىسىم ( ئاتالغۇ ) . بوغ --- بوغۇش ، چىگىش ، باغلاش دېگەن مەنىلەرنى ؛ جەم --- توپلاش ، يېغىش ، جەملەش دېگەن مەنىلەرنى ؛ گىر ---- قىسىش ، سىقىش ، چىڭىتىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمنى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئورتاق كىيىۋېرىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمنى كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇن قونجىلىغى ، كالتە قونجىلىغى ھەم قونجىسىزلىرى بولىدۇ . ئۇنىڭ يەنە قىشلىق ۋە ، كۈز - ئەتىيازلىق كىيىدىغان تۈرلىرى بولىدۇ.
.9 .توپلەي : توپلەي ---- ئاياللار كىيىدىغان باجىڭگىرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ، ئۇنىڭ تىكىلىشى ، نۇسخا - پاسونلىرى ئەرلەر كىيىدىغان باجىڭگىر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئەمما ، زىلۋاراق ھەم پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ
باش كىيىملىرى تۇماق --- ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئاساسلىق باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . باش كىيىم تۈلكە ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، قوزا ، سۈلەيسۈن ، تىيىن قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن پىششىقلاپ ( ئەيلەپ ) ئىشلەنگەن ماتىرىياللاردىن تىكىلىدۇ . تۇماقلارنىڭ كەمچەت (قاسقانلىق) تۇماق ، كۇلا تۇماق ، پىپى تۇماق ھەم سالۋار تۇماق دەيدىغان تۈرلىرى بار ، تۇماقلار ئاساسەن قىشلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ . ئەمما ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ( ئەر - ئايال ) تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىۋېرىدۇ . تۆۋەندە باش كىيىملەرنىڭ تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى :
1 . كۇلا تۇماق : ----- بۇ خىل تۇماق رومبا شەكلىدە ئىگىز قىلىپ تىكىلىدۇ . بۇ خىل تۇماققا ئاساسلىقى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) ئىشلىتىلىدۇ . ئىچى كىگىز ياكى رەخت بىلەن ، سىرتى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) بىلەن قاپلىنىدۇ .
2 . پىپى تۇماق : ---- بۇ خىل تۇماق غەكىل جەھەتتىن كەمچەت تۇماق بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئوخشىمايدىغان يېرى ، ئاغزىغا توم قاسقان قىلىنماي ، ئاددىي جىيەك تۇتىلىدۇ . رەخت بىلەن سىرتى قاپلانمايدۇ ، بەزىلىرىگە زىننەت ئۈچۈن زىغىرلىق تۇتىلىدۇ ، تېرىدىن تىكىلىدۇ . موم ( يۇڭ ) تەرىپى ئىچ تەرەپ قىلىنىدۇ.
. 3 . سالۋار تۇماق : ------ بۇ خىل تۇماق ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ . شەكلى پىپى تۇماققا ئوخشايدۇ . بىراق ، ئاغزىغا ھېچقانداق جىيەك تۇتۇلمايدۇ . تېرىنىڭ يۇڭلىرى سىرتىغا سالۋاراپ چىقىپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇ خىل تۇماق سالۋار تۇماق دەپ ئاتىلىدۇ .
4 . تەلپەك :------ خوتەن رايونىدىكى ياش ھەم ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ باش قىسمىغا قادىۋالىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ شەكلى كېسىك كۇنۇشقا ئوخشايدۇ . ئۈستى تەرىپىگە چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى كەشتىلىنىدۇ . قالغان قىسمى قارا رەڭدە ئىنتايىن نەپىس ھەم سىپتا قىلىپ سىركاي چوڭلىقىدا قىلىپ تىكىلىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۇنى باش ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرىۋالىدۇ .
.5 . دوپپا : ---- دوپپا ----- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەبىۋى باش كىيىمى بولۇپ ، ئۇنى ئەر - ئاياللار ئورتاق ھالدا ياز ، كۈز ھەم ئەتىيازدا كىيىدۇ . ئەمما دوپپىنىڭ رەڭگى ، گۈل نۇسخىلىرى ھەمدە ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللىرىغا قاراپ تاللاپ ، ئۆزىنىڭ ياش قورامىغا ، جىنسىغا ھەم نەسەب - مەرتىۋىسىگە قاراپ ماسلاشتۇرۇپ كىيىدۇ .
6 . قالپاق : ----- ( شىلەپە ) ئىلى رايونىدىكى تارانچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل باش كىيىم . ئۇنىڭ شەكلى قىرغىزلارنىڭ قالپىقىدىن پەرقلىنىدۇ . رەڭگى مەللە رەڭدە بولۇپ ، چەكمەن رەختتە قاتۇرۇپ تىكىلىدۇ . ئالدى تەرىپىدە چىكى بولىدۇ . تەلپقكى ئۈستى تەرەپكە قايرىلىپ تۇرىدۇ .
7 . قۇلاقچا : ----- قىشلىقى كىيىلىدىغان ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . قۇلاقچىلارغا كۆپە ( قوزا تېرىسى ) ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، تاۋرغان ، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئەيلەنگەن تېرىلىرى ، تېشىغا ھەر خىل رەڭلىك رەختلەر ھەم خۇرۇم ، بۇلغار قاتارلىق ماتىرىياللار ، قىتىغا پاختا ، يۇڭ ھەم كىگىز قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .
8 . كۇلا : ----- سوپى - ئىشان ، باخشى - دەرۋىشلەر كىيىدىغان باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل باش كىيىم ھەر خىل گۈللۈك ھەم سىدام رەختلەردىن قاتۇرۇلۇپ ، ئۇزۇن كۇنۇس شەكلىدە تىكىلىدۇ .
9. پوسما : ---- ئاساسەن بالىلارنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ كۇلاسىمان ) كۇنۇس شەكلىدە ) بۆكىسىمان ، تۇماقسىمان شەكىللىرى بار .
10 . ياغلىق ( رومال ) :------- ( باش ياغلىقى ) ياكى شال دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقان باش كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ . ياغلىق پاختىدىن ، يۇڭ - تىۋىتتىن ، مەشۈت ھەم يىپەكتىن ، سۈنئىي تالالاردىن توقۇلىدۇ .
ئۈستىۋاش كىيىملەر ( ئىڭىل )
1 . چاپانلار : چاپانلار --- ئۈستىۋاش كىيىملەر ئىچىدە تاشقى ( سىرتقى ) كىيىم ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ شەكىل ، تۈرلىرى ، نۇسخا - پاسونلىرى ناھايىتى كۆپ خىل . ئۇنىڭ يالاڭ ، ئەستەرلىك ھەم پاختىلىق تۈرلىرى ھەم ئۇزۇن چاپانلار تون ----( پىرىجە) ، پەلتۇ (پەشلىك تون ) ، پىلاش (قىسقا پەشلىك تون ) ، جەندە قاتارلىقلار كىرىدۇ . قىسقا چاپانلارغا --- كاستوم قاتارلىق چاپانلار كىرىدۇ . چاپانلارغا ، ھەر خىل رەڭدىكى سىدام رەختلەر ، چاقماق رەختلەر ، خۇرۇم قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ . ئىچىگە يەنە تېرە ، يۇڭ ، پاختا قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ . چاپانلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى يانچۇقلار قىلىنىدۇ . قەدىمكى زامانلاردا ئە كىشىلەرنىڭ تونلىرى ئۇزۇن ھەم قىسقا بولاتتى . ئايالچە تونلار -- ئارقا بوي پۈتۈن بولاتتى . ئوتتۇرا ياش ھەم ياشانغان ئاياللار كىيىدىغان يەنە بىر خىل توننىڭ پاسونلىرى ھەم فورمىلىرى ، ئەرلەرنىڭ تونلىرىغا ئوخشايتتى .
2 . پەرىجە : پەرىجە --- ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلىق ھەم ياشانغان ئەرلەر كىيىدىغان ئۇزۇن پەشلىك (ئىتەكلىك) تون ھېسابلىنىدۇ . پەرىجىگە ھېچ يېرىگە چەك قويۇلمايدۇ . گۈل - بېزەكلەر قىلىنمايدۇ . ئارقا بوي پۈتۈن بولىدۇ . ئالدى ئىككى پەش ئوچۇق بولىدۇ . ياقىسى ئويما شەكلىدە بولىدۇ . ئەستەرلىك ياكى پاختىلىق قىلىپ تىكىلىدۇ . ئۇنى كىشىلەر كۈز - ئەتىيازلىقى ھەم قىشلىقى كىيىدۇ .
3 . قىسقا تون : قىسقا تون ---- بەزى كىشىلەر گاچا تون دەپ ئاتايدۇ ، تىكىلىش پاسونى پەلتوغا ئوخشايدىغىنىنى پىلاش دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى تىزنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ . تونغا ئوخشاش تىكىلىدىغانلىرىنى كالتە تون دەپ ئاتايدۇ
.4 . جەندە : جەندە --- قۇراق تون دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەخت پارچىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ تىكىلىدىغان تون ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئۇنى ئادەتتە قۇراق چاپان دەپمۇ ئاتايدۇ .
5 . كاستيوم:كاستيوم ---- بەلكى بۇ ، كاستون ( كاسسىدا تون ) دېگەن ئاتالغۇ بولىشىمۇ مۈمكىن . دېمىسىمۇ بۇ خىل چاپان كىيىمنىڭ بويلىرىنىڭ ئۇزۇنلىغى ، كىيگەن كىشىنىڭ كاسسىسىغا كېلىدۇ . بۇ خىل كىيىمنى ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار يازدا ھەم كۈز - ئەتىيازدا كىيىدۇ . ئۇ ، يالاڭ ياكى ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلىدۇ . پاسونى ، تىكىلىش فورمىسى پەلتۇغا ئوخشاش بولىدۇ.
.6 . جۇۋا : جۇۋا --- ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى پىششىقلاپ ماتىرېيال قىلىدۇ . ئۇنىڭ تىكىلىش شەكلى ئۇزۇن ھەم قىسقا بولىدۇ . تېرە تەرىپى سىرتىغا ، يۇڭ تەرىپى ئىچىگە قىلىپ تىكىلگەنلىرىنى پور جۇۋا دەپ ئاتايدۇ ، بەزى جايلاردا ياغاق جۇۋا دەپمۇ ئاتايدۇ . سىرتىغا ھەر خىل رەختلەرنى قاپلاپ تىكىلگەنلىرىنى تاشلىق جۇۋا دەپ ئاتايدۇ . ئۇزۇنلۇقى تىزدىن يۇقۇرراق بولغان ، رەخت بىلەن تاشلانمىغان ( قاپلانمىغان ) جۇۋىلارنى كالتە جۇۋا ياكى پىگازا دەپ ئاتايدۇ . بۇ خەنزۇچە پىي گېزى ( تېرە كىيىم ) دېگەنلىك بولىدۇ . جۇۋىلارغا قوي تېرىسى ، تاغ تېكىسى ( ياۋا ئۆچكە ) ھەم جەرەن تېرىلىرى ، يولۋاس تېرىسى ، تۈلكە تېرىسى ھەم سىلەۋسۇن تېرىسى ھەم بۇغا تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ . ئاياللار كىيىدىغان جۇۋىنىڭ تېرىلىرى قۇندۇز ، قاما ، بورسۇق قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى بولۇپ ، موي تەرىپى تېشىغا ( سىرتىغا ) قارىتىپ تىكىلىدۇ .
7 . نىمچە : نىمچە ---- يېرىم كىيىم دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل كىيىمنى تۇرپان ، قۇمۇل رايونىدا كەنجازا ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كەمزۇل . شىمالىي شىنجاڭ تەۋەسىدە جىلىتكە ياكى تۇجۇركا دەپ ئاتايدۇ . نىمچە --- يالاڭ ياكى ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلىدىغان ، ئۇ كۆڭلەكنىڭ سىرتىغا ، چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان ئۈستىۋاش كىيىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەختلەردىن تىكىلىدۇ .
8 . يالاڭ ئۈستىۋاش كىيىملەر : ئۇيغۇرلار ئۈستى تەرىپىگە كىيىدىغان يالاڭ كىيىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆڭلەك دەپ ئاتايدۇ . كۆڭلەكلەر --- ئۇزۇن ، قىسقا ، كالتە بولىدۇ . شەكلىگە قاراپ يەكتەك ، ئۇزۇن ئېتەك نىمچە (ساراپان ) ، كالتە كۆڭلەك ، ئالدى ئوچۇق ، ئىزمىلىق ، تار بەللىك ، بەل پۈرمە ، كەڭ ئېتەك قاتارلىق شەكىللىرى بار . ھازىر كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئۈستى تەرىپىگە كىيىدىغان كالتە كۆڭلىكىنى كوپتا ئاستى تەرىپىگە كىيىدىغان كالتە كۆڭلىكىنى يوپكا دەپ ئاتىماقتا .
ياردەمچى بويۇملار
1. سەللە : سەللە --- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر خىل مەدىنىيەتتۇر . ئۇ ، پاختىدىن ، يىپەكتىن ئىشلەنگەن نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەن رەختنى ، ئەرلەر باش كىيىمىنىڭ سىرتىغا ئورىۋالىدىغان بويۇم ھېسابلىنىدۇ . سەللىگە ، ئاق رەڭ ئاساسلىق رەڭ ، باشقا رەڭلەر قوشۇمچە رولدا بولىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇنى پەقەت دىنىي پائالىيەت بولىدىغان سورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ .
2 . چۈمبەل( نىقاپ ) : چۈمبەل ----- قىزلارنىڭ يۈزىنى توسۇشقا ئىشلىتىدىغان نىقاپتۇر . بۇنى ئاساسلىقى ، بويىغا يەتكەن (رەسىدە) قىزلار ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ئەرلەرگە يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.
.3. شارپا (بويۇنباغ ): شارپا ---- بوينىغا ئورىۋالىدىغان ، پوتىغا ئوخشايدىغان بىر خىل بويۇم . ئۇ ، يۇڭ تىۋىتتىن ، پاختىدىن ، يىپەك ھەم چىگىدىن توقۇلىدۇ ، ئىككى ئۇچىغا چۇچا قىلىنىدۇ . ھەر خىل رەڭلەردە بولىدۇ . نېپىز ھەم قېلىن تۈرلىرى بولىدۇ . ئۇنى ، ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئورايدۇ . ئۇنىڭ بىرىنچىدىن ، بويۇن - پاتاڭنى ئىسسىق تۇتۇش ، ئىككىنچىدىن ، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ياقىسىنى كىر بولۇشتىن ساقلاش ، ئۈچىنچىدىن ، زىننەت بويۇمى بولۇشتەك روللىرى بار .
4 . پوتا: پوتا ---- بەلنى ئوراپ باغلىۋالىدىغان ( رەخت ياكى توقۇلما ) بويۇم . پوتا نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇن ئەن رەختنى يىغىپ توملاپ ، بەلنى ئايلاندۇرۇپ ئوراپ باغلىۋالىدۇ . قىزىل ، بېغىر رەڭلىرىنى ياش ئەرلەر ، تۇتۇقراق رەڭلىكلىرىنى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئورايدۇ . ھازىدار ئەر - ئاياللار قارىلىق تۇتقۇچىلار ئاق رەڭلىك پوتا باغلايدۇ . ئۇنىڭ يەنە ، يۇڭ - تىۋىت شوينىسىدىن توقۇلىدىغان تۈرىمۇ بار . بۇنى يۇڭ پوتا دەپ ئاتايدۇ . بۇنداق پوتىغا ئۆزىدىن چۇچا چىقىرىلىدۇ . پوتا باغلىغان ئەر ، توي قىلغانلىقىنى ، رەسمىي ئەر كىشى بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان شەرتلىك بەلگە ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، بەزى ئاتا - ئانىلار بەڭۋاش ئوغۇل بالىلىرىغا تەنبىھ بەرگەندە قېنى سەنمۇ چوڭ بولارسەن ، بېلىڭگە پوتا باغلاپمۇ قالارسەن دېيىشىدۇ .
5. كەمەر (بەلباغ) : كەمەر ---- تېرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن ، چەم ، تاسما قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق كەڭلىكتە قىلىپ ، بىر تەرىپىگە ( بېشىغا ) جىرىم قاداپ ، بىر تەرىپىگە قاتار تۆشۈك ئېچىپ ، بەلنى باغلايدىغان بەلۋاغ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى بار .
6 . ئىشتانباغ : ---- پاختا يىپتىن نەچچە قات قىلىپ ئۆرۈپ ئىشتاننىڭ لىپىزىگە ئۆتكۈزۈپ ، بەلگە باغلايدىغان بويۇم.
7. بوقۇچ ( بوغقۇچ ) :---- كىيىملەرنى چىتىپ باغلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بويۇم . ئۇ ، يىپلارنى ئېشىپ توقۇپ ، تاسما ( تېرىنى ) قىلىپ تەييارلىنىدۇ . ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ . يەنى ، قۇلاقچىنىڭ سالپىڭىنى ئېڭەكتىن چېگىشكە ، باجىڭگىرنىڭ يۈز پەشلىرىنى ئېتىشكە ھەم كىيىملەرنى چېتىشقا ئىشلىتىلىدۇ .
8. قولقاپ (پەلەي ): ----- قولغا كىيىۋالىدىغان بىر خىل كىيىم ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەختلەردىن ، خۇرۇم ، بۇلغار ، تېرە قاتارلىق بويۇملاردىن تىكىلىدۇ . ئۇ يەنە ، يۇڭ - تىۋىت شوينىلىرىدىن ، پاختا - مەشۈت ھەم يىپەك يىپلاردىن توقۇلىدۇ ، ئۇنىڭ يازلىق ، كۈز - ئەتىيازلىق ، قىشلىق كىيىلىدىغان ، يالاڭ ، ئەستەرلىك ھەم پاختىلىق ھەمدە تېرىدىن تىكىلىدىغان تۈرلىرى بار .
9 . پەشتاما:----- كىيىملەرنى ئاسراش ئۈچۈن ئالدىغا تارتىۋالىدىغان نىقاپتۇر . ئۇ ئىككى خىل بولىدۇ . بىر خىلى ، ئالدى بىلەن بوينى پۈتۈن توسۇيدىغان نىقاپ ، بۇنى ، پەرتۇق دەپ ئاتايدۇ . يەنە بىر خىلى بولسا ، پەقەت بەلنىڭ ئاستى تەرىپىنى توسۇيالايدىغان نىقاپ بولۇپ ، ئۇنى پەشتامبال دەپ ئاتايدۇ . پەشتاما--- يالاڭ رەختتىن ، خۇرۇم ، بۇلغاندىنمۇ تىكىلىدۇ . پەرتۇق نى موزدۇزلار ، ياغاچچىلار ، تۆمۈرچىلەر تارتىدۇ . پەشتامبال نى تىككۈچى ( سەيپۇڭ ھەم ئاشپەزلەر تارتىدۇ . ئۇ كىيىم - كېچەكلەرنى پاسكىنا بولۇشتىن ، يىرتىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ .
10 . شالداما : ----- بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدىن ئاقىدىغان شالنىڭ كىيىملىرىنى بۇلغىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن كىيىمىنىڭ ئالدىغا تارتىپ قويىدىغان نىقابتىن ئىبارەت .
11 . خالات :----- بۇنى يەنە قاپ كۆڭلەك دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇ كىيىم - كېچەكلەرنىڭ سىرتىغا قاپلاپ كىيىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىدۇر . ئۇنى ئادەتتە ئىش كىيىمى ياكى خىزمەت كىيىمى دەپمۇ ئاتايدۇ . خالاتتىن ھەر خىل رەختلەردىن قاپ شەكلىدە ياكى بولمىسا ئالدى تەرىپى ئوچۇق قىلىپ تىكىلىدۇ ، ئۇنى پەقەت خىزمەت (ئىش ) ئۈستىدىلا كىيىدۇ . ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك مەدىنىيىتى ھەم كىيىنىش - ياسىنىش ئادەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىشىمىز ، ئۇنى چۈشۈنىشىمىز ھەمدە ئۇلارنى ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەپ ، ئۇلارنى ھازىرقى دەۋر ياشلىرىغا بىلدۈرۈپلا قالماي ، يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ مىراس قىلىپ قالدۇرىشىمىز كېرەك .
مەنبە : ساقلىغانلىرىم بەكمۇ ئەتراپلىق يېزىپسىز ،ھارمىغايسىز . بىزمۇ شۇنداق كىينىسەك ھە ، مەن بەك ياقتۇرىمەن بارىكاللا ئېسىل، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ئەمما كومنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتمەڭ ھە.:hug: قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:34 /static/image/common/back.gif
بارىكاللا ئېسىل، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ئەمما كومن ...
شۇ شۇ بۇ ئېسىل زادى گەپ ئاڭلىمايدۇ، قەھۋە:) مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:27 static/image/common/back.gif
شۇ شۇ بۇ ئېسىل زادى گەپ ئاڭلىمايدۇ، قەھۋە
گەپ ئاڭلاي دىسەم مۇنبەرگە كىرمىسەم بولدىكەن ، سىلەرنى سىغىنىپ كىتىدىكەنمەن . ئاللاھ ئاسانلىق بىرەر دەپ ئانچە مۇنچە كومغا قاراپ قويدۇم .:P قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:34 static/image/common/back.gif
بارىكاللا ئېسىل، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ئەمما كومن ...
كۈڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت :kiss: anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:25 static/image/common/back.gif
بىزمۇ شۇنداق كىينىسەك ھە ، مەن بەك ياقتۇرىمەن
سىز دىگەن مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ ، ھازىرقى زامانىۋى كوچىلاردا شۇنداق كىيىنىپ گۈلدەك ماڭسا گۈلگە گۈل كەلگەندەك بولاتتىدە . ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:36 static/image/common/back.gif
بەكمۇ ئەتراپلىق يېزىپسىز ،ھارمىغايسىز .
بۇ مىنىڭ ئىجادىيىتىم ئەمەس ،لىكىن تور ئۇچۇق مەزگىلەردە ساقلاپ قويغان ماتىريال ئىدى ، شۇڭا ھەممەيلەن تەڭ بەھرىلىنەيلى دەپ يوللىدىم ،:P شۇنداق كىينىپ يۇرگىم بار ئىدى ........ئەپسۇس يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ...:'(
بەت:
[1]
2