gulhan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:28:20

«مىنىڭ دوپپام» بىزنىڭ دوپپىلار

                                     « مېنىڭ دوپپام  »  ۋە بىزنىڭ دوپپىلار
ئوغلۇمغا دوپپا كىيگۈزەلمىدىم.
   راستلا بەك ئاچچىغىم كەلدى. شۇ ئاچچىغىمدا ئۇنى،  يەنى 8 ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى بىر شاپىلاق سېلىۋەتتىم . ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە چۈجە-خۇرازلاردەك ھۆرپىيىشتۇق، غەزەپلىك تىكىلىشتۇق، يەنىلا مەن پەسكويغا چۈشتۈم. بۇرۇنقى ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭغا باشتىن باشلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم......ئوغلۇم، ماڭا قاراڭ. بۇدوپپا دېگەن بىزنىڭ  بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ كىيىپ كېلىۋاتقان باش كىيىمىمىز،......تېلىۋۇزۇرلاردىمۇ كىيىدۇ،  چوڭلارمۇ كىيىدۇ، كىچىكلەرمۇ كىيىدۇ، ئەرلەرمۇ ، ئاياللارمۇ، قىزلارمۇ ، ئۇغۇللارمۇ .....ئەينەككە قاراپ بېقىڭ ، سىزگىمۇ شۇنداق ياراشتى، ئۆتكەندە بۇنى كىيىپ سىرتقا چىققاندا باشقىلارمۇ شۇنداق دېدىغۇ؟!...باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز كىيمىسە نېمە بوپتۇ، سىز كەيسىڭىز باشقىلارمۇ كىيىدۇ. مۇئەللىمىڭىز بىر نېمە دېسە ماڭا دەڭ. مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي، ئىشقىلىپ نۇرۇزدىغۇ بىر كۈن كىيدىڭىز، ئەمدى ھېيتتا بىر نەچچە كۈن كىيىڭ، قالغان گەپنى كېيىن دىيىشەيلى........
   ئارىدىن 2-3 كۈن ئۆتۈپ 2011-يىللىق نەۋرۇزلۇق كېچىلىك بېرىلدى.  تاپشۇرۇق دۆۋىسىگە چۆكۈپ كەتكەن ئوغلۇمنى چاقىرىپ بىللە كۆردۇق. ئوغلۇم كېچىلىكنى كۆرۈۋېتىپ، :«مىنىڭمۇ كەيگۈم يوق ئەمەس، مەكتەپتە ،سىنىپتا ھېچكىم كىيمەيدىكەن شۇ، ئۆتكەن قېتىم  مۇئەللىم نېمىشقا دوپپا كىيىۋالدىڭ؟  دەپ سورىغانتى، مەن جاۋاپ بەرمەي تۇرسام ،دوپپاڭنى كىيمىسەڭمۇ بولىدۇ، سەن تېخى كىچىك، دېدى. شۇڭا كىيىشنى خالىمىدىم» دېدى . ئۆيدىن گىلەم دوپپامنى ئېلىپ چىقىپ كەيدىم. دادىسىنىڭ ، سىڭلىسىنىڭ دوپپىسىنى ئېلىپ چىقىپ  يەنە قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە، سۆزلەشكە  باشلىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئوغلۇم ئارتۇقچە جاھىللىق قىلىشنى خالىمىدىمۇ ياكى قىلغان سۆزلىرىمدىن بىر ئاز تەسىرلەندىمۇ، ھەر ھالدا ئارىلاپ -ئارىلاپ كىيىشكە باشلىدى.



             «مىنىڭ دوپپام » ۋە بىزنىڭ دوپپىمىز (داۋامى)
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئارىلاپ -ئارىلاپ كىيىشكە باشلىدى. لېكىن ،چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمىدىمۇ ئىشقىلىپ نېمىسى-نېمە ئەتىگەندە كىيىپ كەتسە چۈشتە ئېلىۋېتىدۇ. چۈشتە كىيگۈزۈپ قويسام كەچتە مەكتەپتە ئۇنتۇپ قېلىپ كېلىدۇ. بەزى چاغلاردا سومكىسىدىن ،كىتاپلارنىڭ ،دەپتەرلەرنىڭ ئارىسىدىن ،يانچۇقلىرىدىن پۈرلەشكەن ،كىرلەشكەن  دوپپىنى ئالىمەن، ئىچىم ئاچچىققىنە بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ باھانىسى خۇددى ئالبىنىنىڭ باھانىسىدەكلا كۆپ.
   ئەسلى ئوغلۇمنى خېلى ياخشى تەربىيلىدىم دەپ ئويلايتتىم، دىمىسىمۇ ئۇ كۆپ سۇئال سۇرايتتى، كۆپ نەرسىلەرگە قىزىقاتتى. بىراق بۇ قېتىم مەن ئۈزۈمنىڭ بىرئاز كەم ئويلىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. ئۇ مىنىڭ رەنجىشلىرىمگە يېشىغا ماس بولمىغان تەمكىنلىك بىلەن « سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بەزى گەپلەرنى چوڭ بولغاندا بىلىۋالارمەن، ھازىر بەك مەجبۇرلىماڭ. كيىگۈم كەلسە سىز دىمسىڭىزمۇ كىيىمەن،........بۇنى كىيمىسەممۇ مەن يەنىلا ئۇيغۇر ،چوڭ بولغاندىمۇ شۇنداق.باشقىلارمۇ كىيمەيدىكەن،........» دىگەندەك گەپلىرى بىلەن قارشى تۇردى. تۇرۇپ قالدىم . بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ چىققىلى ئۇنىمىدى.دىمەك ،ئوغلۇم بىلەن بولغان دوپپا جېڭىدە مەن يىڭىلگەنىدىم.
   ئۇ قاچانلاردا ھىس قىلار دوپپىنىڭ قەدرىنى-قىممىتىنى ؟
بىراق كىينچە بىرئاز ئۈمىدمۇ بار بولدى. شۇ چاغلاردا نۇرۇزلۇق پائالىيەتلەر تېلىېۋىزوردا بىرىلىشكە باشلىدى،ئوغلۇم  بۇلاردىن يەنە بىر ئاز بىر نەرسە ھىس قىلدىمۇ قانداق، ئولتۇرۇپلا«راست، قارىسام ھەممە ئادەم كىيسە خېلى چىرايلىق تۇرىدىكەن،يارىشىدىكەن. يەنە ھېيتتا داداممۇ كىيىدۇ-ھە! مەنمۇ شۇچاغدا كىيەي...» دىدى.
   ئۇھ ! ھەر ھالدا « كىيەي »دىدى.
                                                              (2)

   ئەتتىگەندە ئشقا ماڭدىم.  ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىدىن چىقىۋېتىپ يەردە تۇرغان دوپپىغا ،توغرىراقى ، قۇسۇققا مىلىنىپ تۇرغان دوپپىغا كۆزۇم چۈشتى. كەينىمگە مىنگىشىپ ئولتۇرغان ئوغلۇمغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىك مېڭىپ كەتىتىم.

   دوپپا تۇرغان يەر ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى بىر ئچىملىك دوكاننىڭ (ئاساسلىقى ھاراق تاماكا ساتىدۇ،خەنزۇنىڭ دۇكىنى) ئالدى ئىدى. بۇ كۈرۈنۈش تا كەچكىچە كاللامدىن چىقىپ كەتمىدى.دوپپىنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسە بولسىچۇ كاشكى!.ئىسىت دوپپا !  
    ئەمما بىر ھەقىقەت راستكى، بۇ دوكاننىڭ ئىچىدە مۇشۇمداق بادام دوپپىلارنى،ھەتتا تەلپەكلەرنى ،ئاشۇ دوپپىلار ئاستىدىكى قىزارغان يەنە ئاللىقانداقتۇ تۈسلەرگە كىرگەن ،بىز سىياقتىكى چىرايلارنى تۇلا-تۇلا كۈرۈپ قالىمەن، بايراملاردا كۈرىمەن،ئەڭ يامىنى ،ئېچىنىشلىق بولغىنى ھېيت-ئايەملەردە كۈرىمەن. بەزىدە ئوتلا كەتسىدى شۇ يەرگە دەپ قالىمەن ،ئەمما بۇ يەرگە ئوت كەتسە يەنە باشقا يەرلەر بار ئەمەسمۇ؟! بۇ يەرگە كىلىدىغان دوپپىلىقلار ئچىدە 25 ياشلارغا كىرگەنلەردىن باشلاپ ھەتتا ساقىلىغا ئاق كىرگەن (ئاز بولسىمۇ)لەرنىمۇ قىينالمايلا ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ.
ئىچىمنى ئاچچىققا تولدۇردىغىنى يەنە شۇ توپىدا ياتقان ، قۇسۇققا مىلەنگەن ، بىچارىلەرچە،بەكمۇ بىچارىلەرچە  سىياقتىكى دوپپىلار، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مۇشۇنداقمىدى؟ ئۇلار مۇشۇ يەرگە لايىقمىدى؟
تەھرىردىن: داۋامىنى رۇخسىتىڭىسىز بۇ يەرگە يۆتكەپ، ئەسلى تېمىڭىزنى ئۆچۈرۋەتتىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز، بۇنداق بولغاندا، مۇنبەر سۈپىتى ۋە دوستلارنىڭ كۆرىشىگە قولايلىق بولغۇدەك!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:18:07

گۈلخان، بۇ تېمىڭىزغا بەك قىززىقىپ قالدىم. تېزراق!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:29:40

قېنى بۇ ئېسىل يازمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمىز:handshake

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:07:10

ماۋۇ باش سۈرەتتىكى دوپپامنى كۆرۈپ نۇرغۇن تورداشلىرىم بەك يارىشىپتۇ دىيىشتى، شۇنداق خوش بولدۇم، خوش بولدۇميۇ ئۇنى داۋاملىق كىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، بولمىغاندا ھېيت- بايراملاردا مەرىكىلەردە بولسىمۇ كىيىشنى ئويلاپ باقمىدىم.
مەن بىلىدىغان بىرەيلەن بار ئۇ ئادەتتە بېشىغا ياغلىق ئارتىدۇ، بەزىدە بېشىغا ياراشتۇرۇپ چىمەن دوپپىلارنى كىيۋالىدۇ، مەن بىر نەچچە قېتىم كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشتۈم، بىر نەچچە پارچە سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ھەممىسىدە دوپپا، شۇنداق ياراشقان، كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىدىم، ئەمما ئۆزۈم قىلمىدىم.
گۈلخاننىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ئاخىردىكى قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان شۇ دوپپىنى، ساياھەتكە كەلگەنلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە بېرىۋاتقان دوپپىلارنى( بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇ دوپپىلارنى نەلەردە قويۇشىنى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ) كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم، ئەجىبا بۇ دوپپىلار شۇنداق قەدىرسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ تېخى مېنىڭ قىزىم مەكتەپكە كىيىپ بىر نەچچە كۈن دوپپا كىيىپ بارسا ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەمنىڭ‹‹ مەكتەپتە بىرەر پائالىيەت بولمىسا دوپپا كىيىپ كەلمەڭ›دېگەن گەپلىرىنى ئويلىسام شۇنداق ئاچچىقىم كېلىدۇ. پەقەت ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئەمما بۇ دوپپا ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ باقمىدىم.
  

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:18:41

ھازىر مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىش....لەر چەكلىنىدۇ. مەجبۇرى ئالدۇرىۋىتىدۇ.:L

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:50:27

ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، رەھمەت گۈلخان:handshake

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:09:02

بالام 2-سىنىپتا ئوقىۋاتقاندا،تۇيۇقسىزئوچۇق دەرس ئۆتۈلمەكچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا كىيىۋىلىش ئۈچۈن دوپپا تارقىتىپتۇ. ئوغلۇمغا بىر بادام دوپپا كەيدۈرىلىپتىكەن ئۇ ئۇنىماپتۇ.ئوقۇتقۇچىسى سەۋەبىنى سورىسا .ئۇ:
-ئانامنىڭ ئىسمى چىمەنگۈل بولغاندىكىن چىمەن دوپپا كىيەي ،-دەپتۇ. ئوقۇتقۇچىسى بالامنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپتۇ.مەن بۇنى ئاڭلىغىنىمدا كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقان ئىدى.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:55:59

مانا، جىڭ قەشقەرىيەنىڭ تىپىك ئوغلى! بىلىنىپلا تۇرىدۇ دە.

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:48:56

توۋا ،ئۈلۈم-يىتىم،نەزىرگىلا كىيىپ يۈردۈم مەن
   بولمىسا دوپپا كەيسەم شوندا يارشىدۇ

گۇلخان يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:21:57

توي-تۈكۈنلەردەكىيىپ قۇيۇڭ، ھېيت-بايراملاردا كىيىپ قۇيۇڭ،ئاندىن بارا-بارا باشقا چاغلاردىمۇ كىيەلەيسىز،ھېچ بولمىسا باشلىىقىڭىزنىڭ چىشى پاتمايدىغان دەم ئېلىشلىرىڭىزدا كىيىپ قۇيۇڭ،ياراشقاندىكىن،
بەت: [1] 2
: «مىنىڭ دوپپام» بىزنىڭ دوپپىلار