ۋاپادار يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:49:17

بالىنى نابۇت قىلىدىغان 10 خىل ئانا


بالىنى نابۇت قىلىدىغان نۇقسانلىق ئانىلار 1.بومبا خاراكتېرلىك ئانا-ئۇ خۇددى بىر قەرەللىك بومبىغا ئوخشاش، بالا خاپا قىلغاندا ياكى گېپىنى ئاڭلىمىغاندا بومبىغا ئوخشاش پارتىلايدۇ. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، بىر مەيدان "دۇنيا ئۇرۇشى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. سېلىشتۇرۇشقا ئامراق ئانا- بۇنداق ئانا دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆز بالىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئانىلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇ بالىلارغا ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ.
3. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئانا-بۇ، باللىرى پەقەت ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا كۆرەلەيدىغان ئانىلارنىكۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئانا بولغۇچى خىزمەت ئۈچۈن، بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە تاشلاپ قويىدۇ، ھەپتە ئاخىرى بولغاندىلا ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
4. ئايرىلماس ئانا-بالىنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى ئانىغا بەش قولدەك ئېنىق بولۇپ، بالا نەدە بولسا ئانا شۇ يەردە تەييار بولىدۇ.  
5. جىددىچان ئانا - بۇ تۈردىكى ئانىلارنىڭ نېرۋىسى سەزگۈر كېلىدۇ، پەقەت بالىدا ئانچە-مۇنچە ئىش كۆرۈلۈپ قالسىلا، جىددىيلىشىپ بولالماي قالىدۇ. بالا ئىمتىھانبەرسە، ئۇ بالىسىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
6. قالايمىقان ئانا -بۇ خىلدىكى ئانىلار بازارغا نەرسە-كېرەك ئالغىلى چىقىپ قالسا، ئۆيىگە قايىتقاندىلا بالىسىنى بىللە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
7. ۋاتىلداق ئانا-بەزىدە ئانا بولغۇچى ۋالاقلىمىسا ئانىغا ئوخشىماي قالىدىغاندەك بولغاچقىمىكىن، "ۋاتىلداش" ئادەتتە ئانىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. لېكىن، ۋاتىلداش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالا بېشىنى لىڭشىتىپ قويغانبىلەن، خىيالى باشقا ياققا كەتكەن بولىدۇ.
8. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئېتۋار قىلمايدىغان ئانا-بۇ تۈردىكى ئانىلار، پەقەت قېلىپ گۈزەللىكىگىلا ئېتۋارقىلىپ، سىرتقى گۈزەللىككە سەل قارايدۇ. ھەر ۋاقىت، چوڭ-كىچىك سورۇن بولۇشىغا قارىماي بىر خىل كىيىنىش بىلەن يۈرۈيدۇ،نومۇسچان بالىلار بۇنداق ئانىلار بىلەن سىرتقا چىقىشتىن ئەيمىنىدۇ.

9. ماقۇلچان ئانا -بالا ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنداق ئانىلارسىرتتا بىر مىنۇتمۇ ھايال بولۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بالا بۇنى ئالىمەن دېسىمۇ، ئۇنى ئالىمەن دېسىمۇ ماقۇل دەيدۇ. بۇنداق ئانىلارنىڭ لۇغىتىدە بالىسىغا نىسبەتەن "ماقۇل" لا بار.  
10. بالىسىنىڭ داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىدقىلىدىغان ئانا-بۇنداق ئانىلار، ھەپتىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە، بالىدىن بىر نەرسە ئۈگىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ.  
11. جۆرىسىز ئانا -بۇنداق ئانا تەربىيىلىگەن بالىدا  بىر تەرەپلىمە قاراش ئېغىر بولىدۇ.
12. خىزمەت مەستانىسى خاراكتېرىدىكى ئانا -بالا بىلەن كارى يوق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىلا ئويلايدۇ.
13. "مەڭگۈ" لۈك ئانا -بالىسىنى مەڭگۈ كىچىك بالىدەك قاراپ، ئۇنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇشى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالمايدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:تارىمى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:22  

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:08:07

ئاپا نەگە بارىسىز؟
-خاتا چايغا بالام.نېمە بولدى؟
-ماۋۇ توققۇز دىگەن ساننى قانداق يازىدۇ؟
-مەن ئالدىراش بالام ئاتىڭىز دەپ بەرسۇن،ھە!
ئاتا سىز دەپ بېرىڭە؟
-سەل توختاپ تۇرۇڭ ھە؟مەن ما بىر قول‹دۇ دى جۇ›ئوينىۋالاي.

مەزكۇر ئىنكاس‹مەن كىم› دىگەن ھېكايىدىن

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:23:48

خۇدايىم بۇيرىسا بۇ خىل ئانىلار تۈرىگە كىرىپ قالمايمەن، مارىسنىڭ تۈرىگە تېخىمۇ شۇ.

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:37:08

جۆرىسىز ئانا -بۇنداق ئانا تەربىيىلىگەن بالىدا  بىر تەرەپلىمە قاراش ئېغىر بولىدۇ.
ناتايىن !

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:02:10

ھەممىسى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولۇشى ناتايىنمىكىن. خىزمەتكە ئۆزىنى باشچىلاپ ئۇرىدىغان بەزى ئانىلارنىڭ باللىرى ئانىنى بېسىپ چۈشىدىكەن.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:20:13

مەن بومبا چىرايدەك قىلىمىنا:funk:

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:20:06

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:20 static/image/common/back.gif
مەن بومبا چىرايدەك قىلىمىنا

«ئانا زالىم بولسا، بالا ئالىم بولۇر». بەزىدە ئىشلەتمەيمۇ بولمايدۇ بۇ ئۇسۇلنى.:lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:24:57

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:20 static/image/common/back.gif
«ئانا زالىم بولسا، بالا ئالىم بولۇر». بەزىدە ئىشلەتمە ...

توغرا دەيسىز جانىم، بۇ كىچىك جىنتەكلەر بەكلە تومۇرچى دەڭە، شۇنداق بوشاپ قالسام تاس قالىدۇ مەكتەپكىمۇ مېنى بېرىپ بېرىڭە دىگىلى ;P،
1.بومبا خاراكتېرلىك ئانا-ئۇ خۇددى بىر قەرەللىك بومبىغا ئوخشاش، بالا خاپا قىلغاندا ياكى گېپىنى ئاڭلىمىغاندا بومبىغا ئوخشاش پارتىلايدۇ. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، بىر مەيدان "دۇنيا ئۇرۇشى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يېرى ماڭا چۈشمەيدىكەن، مەن دەل ئەكسىچە خاپا بولساممۇ ھەر قانچە چوڭ دۇنيا ئۇرىشىنىمۇ يوق قىلۋېتەلەيمەن:lol

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:49:01

بالىلارنى نابۇت قىلدىغان دادىلارمۇ باردۇ ؟ئەجەپ بۇتېمىنى كىم يوللا ھە ؟مەن يوللاشنى ئويلىغان لىكىن بالام ئاران 9ئايلىق بولدى ،ھازىر ئۇ ناھايتى شادىمان چوڭ بۇلىۋاتىدۇ،ئۇنى نابۇت قىلىشنى زادىلا خالىمايمەن .
بەت: [1]
: بالىنى نابۇت قىلىدىغان 10 خىل ئانا