arman-taxkin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:24:01

سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟

سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟



سېيت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا تەپەككۈر قىلىپ باققانىدىم ھەم ئايىغىنى چىقىرالماي توختاپ قالغانىدىم.‹‹2011-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى››نى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭدە بۇ خۇسۇستا قايتىدىن ئويلىنىش بولدى.مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلاردىن‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››قاتارلىق تىرىلوگىيىلەرنى ئوقۇغان ھەم ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا شۇكى:يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ-ھىلىگەر ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئالدىنىش،زىيادە ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىش،داۋاملىق غەلبە مېۋىسىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇش...قاتارلىق پاجىئەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.مەسىلەن:‹‹ئىز››رومانىدىكى باش قەھرىمان-تۆمۈر خەلپىنىڭ لى شۇفۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قۇمۇلدىكى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭ زىڭشىڭنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈشى،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانىدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭمۇ كۆپ ئۇرۇشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلىۋاتقان،خەلق ئۇنى قوللاۋاتقان شارائىتتىمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ سىتالىن سوۋغا قىلغان بىر تال مىلتىققا ئىشىنىپ رۇس كونسۇلنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى،يەنە ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىمۇ يۇقارىقىدەك ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى...قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ ئاچچىق ھەقىقەلىرىنى ماڭا تونۇتقان ئىدى.  
   خوش! ئەمدى سېيت نوچى ۋەقەسىگە كەلسەك، مەنچىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مانجۇلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنقىلابىي كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەردە سېيت ئىسىملىك ھەققانىيەتچى يىگىت زالىملاردىن خەلقنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىكتە يۈز تاپىدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن‹‹نوچى››دەپ لەقەملىنىدۇ. سېيت نوچى شۇ چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان،جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان‹‹گېلاۋخۇي››يەنى ‹‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى››دىگەن تەشكىلاتقا يوشۇرۇن ئەزا بولىدۇ. كېيىنچە كورلا، ئۈچتۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئادىللىقىنى ياقىلاپ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.ئ ۈچتۇرپان دوتىيى ما دوتەي سېيت نوچىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ ئۇنى لەشكەرلەرگە مۇشتلاش ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىۋالىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ بۇ خۇددى ‹‹سۇ بويىدا››فىلىمىدىكى ۋۇسۇڭنى جاڭ سۇركاۋۇل بەگزادىلەرگە چامباشچىلىق ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەندە يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.) سېيت نوچى قەشقەردىكى ئىنقىلابچى دوستلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا ئۈچتۇرپان ئامبىلى ئۇنىڭغا قەشقەر ئامبىلى ماتىتەي(ئەسلى ئىسمى-ما شاۋۋۇ. يۈننەنلىك تۇڭگان. گۈزىلى ئانارقىزنى بۇلاپ كېتىپ مەجبۇرىي خوتۇن قىلغان جاللات شۇ.) گە قارىتىپ مەكتۈپ يېزىپ ئىچىنى ئاچماي، يوقىتىپ قويماي تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ. ئەمەلىيەتتە سېيت نوچىنىڭ كۆڭلىمۇ بۇ خەتتە مەلۇم شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى تۇيسىمۇ بىراق قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە(ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ بىر بەلگىسى)دىگەن ئەقىدە بىلەن كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلەرنىڭمۇ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ھىلىگەر ئامبالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆلۈمگە رازى بولغىنى ئۈچۈن كېيىنچە‹‹گاڭگۇڭ››يەنى-مەرت دىگەن نام بىلەن لەقەملەنگەن. چاغلاردا قەشقەردىكى ئىنقىلابچى ياشلارمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى لەشكەرلەرنىڭ پارىخورلۇقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىنقىلابنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى،ق ېرىندىشىنىڭ ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى. ئەمما سېيت نوچى بۇنىمۇ رەت قىلىپ ‹‹كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مەرتلىك، تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ›› دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى.

   خۇلاسە  كالام: مەن ئويلايمەن،د ىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سېيت نوچىنىڭ دوستلۇق-سەمىمىيلىك بىلەن مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ  -ئېتىقادلىق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ نىيىتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ساددىلىق بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھەتتا بۇ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك، ئەمما ھىلىگەر دۈشمەنگە ئالدىنىپ ئۆتكەن مىللىي تارىخىمىزدىن قارىغاندا سېيت نوچى كېيىنكىلەرگە يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بايا تىلغا ئالغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ سېيت نوچىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىگەن.  نوچى ئىجابىي شەخس بولسىمۇ، بىراق كېيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتتىن ماختىغۇچىلىكى بولمىسا كېرەك.  

مەنبەسى - مىسرانىم تورى .


قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:56:15

بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ نۇرغۇنلارنى ئويلىدىم، ئانا يۇرت رومانىنى ئەسلەپ يۈرىكىم باشقىچىلا بولۇپ قالدى...يەنە نۇرغۇن  نەرسىلەرنى يېزىشنى ئويلىدىم يۇ، ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم. مېنىڭ قەلىمىم كۈچلۈكلۈكتە چېكىدىن سەل ئاشقانچۇ، ئىش تاپماي دەيمەن. ئەمما سېيت نوچى مېنىڭ نەزىرىمدە ھەرگىز ئەخمەق ئەمەس.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:10:24

مېنىڭ نەزىرىمدە سېيت نوچى ھازىرقى بەزىبىر تەخسىكەشلەردىن جىق ياخشى، شۇ ۋاقىتتا قېچىپ كەتسىمۇ قېچىپ كېتەتتى، لېكىن باشقىلارغا يالۋۇرۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆردى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئاپارغان دىيىشىدۇ، توغرا ئۇ خەنزۇچە خەت تونۇمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلگۈسى بولسا يولدا ئۇچرىغان بىشارەتچى بوۋايغا ئوقۇتۇپ، ياكى باشقىلارغا كۆرسىتىپ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپسا،  شۇ يەردىلا قېچىپ كەتسە بولاتتىغۇ، نېمىشقا؟ بۇ يەردە ‹ ۋەدەسىدە تۇرۇش، مەرتلىك، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق› تەك ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس جاسارەتنى بىلۋالغىلى بولىدۇ.
ئىشقىلىپ ھازىرقى ‹ ئاناڭنى......› دىسىمۇ گۆشىيىپ تۇرىدىغان ‹بىلىملىك، ئەقىللىق›‹يىگىتلىرىمىز›دىن ئۆلىكى ئارتۇق.
نەچچە تىل بىلىپمۇ ئەلگە بىر پۇڭلۇق پايدىسى تەگمەيۋاتقانلارغا سېلىشتۇرغاندا سېيىت نوچى شۇ چاغلاردا قانداقلا بولمىسۇن ئەل ئۈچۈن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلغان، ئەگەر ئۇ خەلقنى دىمىسە ئۆزىنىڭ بىر جېنىنى قانداق قىلسىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالايتى خالاس، مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ سىيىت نوچى ئەخمەق ئەمەس، ئەگەر مېنىڭ ئوغلۇم بولۇپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە‹ مەن سىيىت نوچى› دەك بولىمەن دىسە بارىكاللا دېگەن بولاتتىم.:victory:

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:06:26

بارىكاللا گۈلسەنەم، ئادەمنىڭ ئوي-خىيالىنى بىلىپلىۋالىدۇ-دە بۇ قىز.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:40:25

بىر ئوبدان تېمىكەنتۇق... ئاخىرقى جۈملىسىنى " ...كېيىنكى ئەۋلادلارغا  بەلكىم ماختىغىچىلىكى بولمىسا كېرەك." دەپ تاماملاشنىڭ نىمە بىر زۆرۈرىيىتى بولسۇن.  تېمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى سېيىت گاڭگۇڭنى يەنە بىر قېتىم پىپەن قىلماقچىمۇ ياكى كۆڭلى خالىمىسىمۇ پىپەن قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىۋالماقچىمۇ؟ بۇنى ياراتقۇچى ئىگەم ۋە ئەشۇ قەلەمچاق ئۆزى بىلىدۇرلەر!
خوش. تېما كۆرۈپ تېمىغا ئىنكاس يازماسلىق خىيانەتكارلىق جۈملىسىدىن دەيدىغان بۇ مىجەزىم ئۇشبۇ تېمىغىمۇ بىلگىنىمچە سىجىلاپ بېقىشنى ئۈندىدى.
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەدەبىيات كىتابىمىزدا " سېيت نوچى" داستانى  بار ئىدى (ھازىر بارمۇ يوق بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ). ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە سېيت نوچىنى مىسالى كەلتۈرۈپ، راستچىل، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان كىشلەرنىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇنىڭ جان كەتسىمۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان بۇ روھى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ سۆزلەپ بېرەتتى.
كېيىن بىزمۇ چوڭ بولدۇق. ئىتوتلىرىمىزدىمۇ بىلىنەر بىلىنمەس " سېيت نوچى" نامى يەنە قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. ئەمما راستچىل، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان كىشلەرنىڭ ئوبرازىدا ئەمەس، خەت تونىمايدىغان قارا قوساق، بىلىمسىزلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ يۈرىدىغان نادان كىشلەرنىڭ ئوبرازى قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى. ئۇنىڭ داستانى كۆرۈشكە تېخى مۇيەسسەر بولالمىغان بىر ئەۋلاد، ئۇنى دەرۋەقە  بىلىمسىز قارا قوساق دەپ تونىدى.
قېنى سايەك، ئۆزۇڭ بىر باھا بەرگىنە!
سەمىمىيەتلىك بىلەن ئۆلۈم تەقدىرىنى قوبۇل قىلغۇچى سېيت گاڭگۇڭدىن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلغۇچى  سېيت گاڭگۇڭغا ئايلىنىش ئۈچۈن، پەقەت دەقىقىلا ۋاقىت كېتەتتى. ئالدىدىكىسى ھالاك بولىدىغان، ئەمما ئەلگە نامى قالىدىغان يول. كېيىنكىسى بەلكىم يامان نامىمۇ قالماس ئىدى، پەقەت پۈتۈن تىرىك بىر ئەر مەيلى دەپ تۇرغۇچە توپىلاڭچىلار بىلەن بۇ چېرىك خاندانلىققا ئوت ئاچقان بولسا، ھېچ بولمىغان نەچچە چېرىكنى يوقاتقان بولسا. تارىخقا بەلكىم ئۇنىڭ نامى تېخىمۇ باتۇر قىلىنىپ يېزىلار ئىدىمىكىن؟
ياق ياق. سەن بىلەن بىز مەرھۇم شەھىد ئۈچۈن شۇنداق خىياللارنى قىلىۋاتىمىز، ئەشۇ دەقىقىدە ، شۇ خىياللار سېيت گاڭگۇڭنىڭ كاللىسىدىن كەچمىدىمۇ؟ چېرىكلەر ئۇنىڭدىن كاۋاڭنى ياكى ھارۋاڭنى تارتىۋالىمىز دىمىدى، كاللاڭنى ئالىمىز دىدى. توۋۋا. ئەجەل بۇرنىدىلا تۇرغان شۇ مەرد ئوغلاننىڭ يۈرىگى قەرت قىلمىدىمۇ؟  ئۆلۈم ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق. ھەركىمنىڭ بېشىغا كەلگەندە قېچىپ قۇتۇلالمايدىيۇ، ئەمما بىز ئەجەلگە يولۇقۇپ قېلىشتىن زىنھار قورقىمىز. (ئىشەنمىسەڭ كۆزۇڭنى يۇمۇپ بەش قەدەم مېڭىپ باق، يىقىلىپ كىتەرمەنمۇ، بىر يېرىم ئاغرىپ كېتەرمۇ دەپ يۈرەكلەر گۈپۈلدەپ كېتىدۇ قېرىندىشىم). سېيت گاڭگۇڭنىڭ بېشىغا كەلگىنى ئۆلۈم ئەمەسمۇ؟ قۇتۇلۇشنى ئۇمۇ ئويلىدى. قېچىپ چىقىپ بۇ چېرىكلەرگە ئوت ئېچىشنى ئۇمۇ ئارزۇ قىلاتتى ئەمەسمۇ؟
ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆلۈم ھالاكىتىنى قۇبۇل ئەيلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىدە " مەرد، ئوغلان" دىگەن بىر سادا ئەكىس ئەتتى. دۈشمەنلىرى گويا ئۇنى ساددا، قارا قوساق بىلىمسىز سانىدى ۋە ھايال قىلماي "ئۇزاتتى".
تېمىنىڭ ئەسلىسى يازغۇچىسىغا ئاخىرقى جاۋاب:
كۆزىمىزنى يۇمۇپ بەش قەدەم ماڭساق يىقىلىپ كېتەرمىزمۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان "بىزلەر" قانداقسىگە ئۆلۈم كۈلپىتىدە تۇرۇپمۇ يەنىلا مەردلىك ۋە ئېتقادنى مۇستەھكەم بىلگەن سېيت گاڭگۇڭغا باھا بېرىشقا سالاھىيىتىمىز توشسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:42  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:46:43

بۈگۈن چوڭ قىزىم ئۆيگە كىرىپلا ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق قىلغان گەپلىرىنى دىگەچ:
- دادا، ئاپا نىمىشقا ھەممىلا كىشى سىيىت نوچىنى ئۇنداق دەيدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەل ئۈچۈن قىلغانلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى  بۇنداق چۆكۈرىدۇ؟ دېگەندەك بىر توقاي نېمىشقىلارنى سوراپ كەتتى.
نىمە دەيمىز؟
- بىر كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلىگۈچى بىر ئوقۇتقۇچى، ئىنسان قەلبىنى يورۇتقۇچى بىر ئېنژىنىر دەپ ئۇلۇغلىدىغان بىر ئىنسان، ئاق- قارىنى پەرىق ئەتمەستىن بۇنداق گەپ قىلغىلى تۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بالىلىرىمىزنىڭ يالغاچى، قورقۇنچاق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغان، ئۆز ھاياتى ۋە جېنى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىشتىن يانمايدىغان، ئۆزىنىڭ جېنى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربانلىق قىلىدىغان يارىماسلاردىن بولۇپ قېلىشى بەكمۇ يىراقتا ئەمەسكەن دەپ قالدىم.
خۇددى سايە ئېيتقاندەك، سېيىت نوچىنى بۇنداق چۆكۈرۈپ، ئۇنى بالىلىرىمىزغا ئۈلگە قىلىشتىن قورققۇدەك، ھە دېسە ئۇنىڭ يامان تەرىپىنى جار سېلىپ، ئۇنىڭ  ئەل ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئۆزىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىغا ئۇنتۇلدۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟
سىز بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ، ئەرزىمەس جېنىم بىلەن بەسلىشىمەن، سىز بىلەن بىز بالىلىرىمىزغا ئۆتمۈشتىكى قەھىرمانلىرىمىزنىڭ يامان گېپىنى ئەمەس، ياخشى گېپىنى، ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش- ھەركەتلىرىنى توختىماي سۆزلەپ كاللىسىغا قۇيۋەتسەكمۇ، بۇنىڭدىن ئۇنداق قەھىرمانلار مەڭگۈ چىقمايدۇ، ئۇ بىر تارىخ، بىر ئۆتمۈش خالاس!
خۇددى ‹يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر ۋە كىر يۇيۋاتقان ئەر› نامىلىق ئەسەردىكىدەكلا بولىدۇ ھەم بولىۋاتىدۇ.
سىيىت نوچى، سىيىت گاڭگۇڭ سىزگە بىزگە نىمە قىلدى؟ ئۇ ئاپارسا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئاپىرىپتۇ، سىزنىڭكىنى، سىزنىڭ يەتمىش پۇشتىڭىزنىڭكىنى ئاپىرىپتىمۇ؟ دەپ ۋاقىرغۇم كېلىۋاتىدۇ مۇشۇ تاپتا...............

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:42:07

ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلارنىڭ تۇيغۇسىنى ھازىرقى ئەركەكلىرىمىزدە ئۇچرىتىشىمىز بەك ئاز. ئۆزۈممۇ بىر ئەركىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ھەممىدىن بەكرەك ھېس قىلىپ تۇرۇپ دىيەلەيمەن.
قايسى بىر خەنزۇ مۇتەپەككۈر ماقالىسىدە ھازىرقى ئەرلەرنىڭ زەيپانىلىشىش ۋە ئۆتمۈشتىكى قارام ئەرلەر توغرىسىدا سېلىشتۇرما قىلغانىدى. ماقالىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك مىسال كەلتۈرىلىدۇ: « ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەدە، جۇگېلىياڭ سىمايىنىڭ نامەردلىكىنى مازاق قىلىپ ئايالچە كىيىم سوۋغا قىلىدۇ. بۇ خۇددى جېنىنى ئالغاندىنمۇ بەتتەر بىر مازاق قىلىش ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەركەكلەر بولسا ئايالچىغا ياكى خاس ئايالچىغا مايىل كىيىملەر تالىشىپ كىيىپ يۈرمەكتە...».
يەنە بىر ئۇيغۇر ئەدىبنىڭ ماقالىسىدە «لۈكچەك» ئاتالغۇسى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ:« بۇرۇنقى لۈكچەكلەر يۇرت سورايتتى، ئەمما ئاجىزلارنى بوزەك قىلمايتتى. ئۇلارنى كۆرسە كىشلەر بول بوشىتىپ ئۇلاردىن قورقاتتى. يەنە بىر ھىسابتا نۇرغۇن بالىلار چوڭ بولغاندا ئەشۇ قارام لۈكچەكلەردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ھازىرقى لۈكچەكلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يۇۋاشنى، بولۇپمۇ ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىشنى بەك قولىدىغان ئىش كېلىدىغان چاغلايدۇ...» .
« پۇرسەتپەرەش، مەيدانى بوش، خامىلىئونسىمان»كىشلەرنى بۇرۇن ھەممىمىز تىللايتتۇق. مەدەنىيەت ئېنقىلابى مەزگىللىرىدە بۇ تېخىمۇ ئېغىر بىر جىنايەت، سىنىپى خاتالىق ھىسابلىنىپ قاتتىق جازالىناتتى. ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى « ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغانلار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدىغانلار» دەپ توغرا چۈشىنىدىغان بوپ كەتتۇق.
خوش، ئەمدى سېيت نوچىنى خىيال قىلىپ باقايلى. قانداق ئويلاش سىلەرگە   قالدۇرۇلدى قېرىنداشلار.

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:35:26

:(بارىكاللا گۈلسەنەم، مەرۋەرى، سايە!
ئىشقىلىپ بۇرۇنقى باتۇرلارنىڭ قېنىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرسىمۇ پوقىنى دورىيالمايدۇ ھازىرقى ئىنجىمارۇق ، ئەركە بالىلىرىمىز
بەت: [1]
: سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟