(قەھۋە)ئەرلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ! ئۇ خاتىرجەم ئۇخلاۋېتىپتىمۇ، يۈزىدە بەخت شولىسى جۇلالىنىپ تۇرۇپتىمۇ، ياكى قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، كۆز جىيەكلىرى نەملىشىپ قاپتىمۇ؟ بەلكىم سىزنىڭ مۇشۇ بىر قارىشىڭىز بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان بولسا، ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ، تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى تۈزلەپ قويۇڭ. سىز پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇخلاپ قالسىڭىز بەلكىم ئايالىڭىز بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىشى ، ياشلىرى ياستۇقنى نەملىشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇ بىر كېچە قالايمىقان خىيال قىلىپ، ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ ياتقاندۇر. سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، بەلكىم ئۇنىڭ قەلبى ئاللىقاچان مۇزلاپ كەتكەندۇر.
ئاياللار گۇمانخور كېلىدۇ، سىزدىن سەللا ئىللىقلىق ھېس قىلالمىسا، كېچىلەرنى ئەنسىزلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
ئايالىڭىز ھەرۋاقىت سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە مۇھتاج، بەلكىم ھارغىنلىق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۇنىڭغا ھەرگىز بىزار بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەڭ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالىدۇ.
ئاياللار ئاجىز كېلىدۇ، ئۇلار ئەنسىزلىك ئىچىدىلا يۈرىدۇ، ئۇنىڭغا مېھىرلىك قولىڭىزنى سۇنسىڭىز ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئىتتىرىۋەتسىڭىزلا دوۋزاققا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدا ياتقان ئايالىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ!
ئۇيقىڭىزغا قېنىپ ئويغانغىنىڭىزدىمۇ يېنىڭىزدىكى جىمغۇرلىشىپ قالغان ئايالىڭىزغا سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭ، سىز بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈن ئادەتتىكىدىن قىېنىقراق گىرىم قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئىششىپ ساڭگىلاپ قالغان قاپاقلىرىنى يوشۇرالمىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، مۇنداق چاغدا گومۇشلارچە، ‹قىلغان گىرىمىڭىز ياراشماپتۇ› دېمەڭ، ئۇنى چوڭقۇر مېھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ مۇزلەپ كېتەي دەپ قالغان يۈرۈگى قايتىدىن ئىللىشى مۇمكىن، سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، پەقەت بىر قۇچاغلاشلا كۇپايە.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى، ئاھۇ تەرجىمىسى
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدا ياتقان ئايالىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ!
ئۇ ئويغاق بولسىلا قارايدۇ;P مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:12 static/image/common/back.gif
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدا ياتقان ئايالىڭىزغا ...
شۇنى دەڭە....ئۇيغاق بولسىلا قارايدۇ.... قارىغۇدەك ئايال كىشىمۇ يوق :lolيەنىلا ئۇخلاۋىرەي جۇمۇ مەن rohqin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:32 static/image/common/back.gif
قارىغۇدەك ئايال كىشىمۇ يوق يەنىلا ئۇخلاۋىرەي جۇمۇ م ...
ئىككى چاچلىق ئايپاتەملەردىن بىرىنى تۇغىرلىۋالمامسىز روھچىن... ئۇنى ئايىمىسام بولمايدۇ ....قاراپلا چۆچۈپ قارا بېسىپ بوۋاينى ;Pبولدى قارىمايلا ئۇخلاپ قالسۇن :lol Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:52 static/image/common/back.gif
ئىككى چاچلىق ئايپاتەملەردىن بىرىنى تۇغىرلىۋالمامسىز ...
راس گەپ قىلسام ما گەپنى نەچچە سائەت ئويلىنىپمۇ چۈشەنمىدىم . ئىككى چاچلىق ئايپاتەم دىگەن قاندىقى ئەمدى ؟
قايسى كۈنى ئىزدىنىشتا ئايپاتەملەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرتىما كۆرگەنتىم .شۇڭا ئايپاتەملەرتۈرگە ئايرىلىشقا باشلىغانمىدۇ ؟ بۇ مۇنداق گەپ: بىزنىڭ مەھەللىدە بىر قىزغا ئەلچى كىرىپتىكەن، ئاكىسى خاپا بوپ كىتىپتۇ، ئاۋال مەن ئىككى چاچلىقتىن بىرنى ئەكىرىۋالاي، ئاندىن سىڭلىمنى توي قىلىمىز دەپ....لېكىن ئۇ ئاكىسى سىڭلىسى توي قىلىپ خېلى يىللارغىچە ئىككى چاچلىقلارنى ئەكىرەلمىدى.
ئايپاتەم دىگەن گەپنى بىلىسىز، مەن بۇنى قىزبالا دىگەن مەنىدە ئىشلەتتىم. قەتئىي خاپا بولماڭ....
دىمەكچى بولغىنىم، تېزراق توي قىلىۋىلىڭ. تويىڭىزغا چاقىرىڭ.....;P قەھۋە خانقىز، بەك ياخشى تېمىكەن. پەقەتلا ئۆزگەرمەپسىز، تېمىلىرىڭىز يەنىلا شۇنداق ئۆزگىچە.:kiss:
مۇشۇ گەپلەرنى خۇددى ئۆزۈم دەۋاتقاندەك، مەن ۋە مېنىڭ ھەمراھىم ئۈچۈن چىقىرىلغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. دەل مېنىڭ كۆڭۈل سۆزۈمكەن.:L
ھەجەپ ھېرىپ كەتتىم...................