ئازغۇن قىز
ئۆز ۋاقتىدا كىچىك قىز ئىدى ئۇ،شۇنچىلىك سەبىئوينايتى ئالدىمىزدا ئەركىلەپ بىردە ئاڭا،بىردە ماڭا،
ھەممە كۈيەتتى بۇ كىچىك،شوخ،ئوماق قىزغا
ئاتا_ئانىسىمۇ قارايتى ھەۋەستە زوقلىنىپ ئاڭا.
شۇنچىلىك شەرمى ھاياغا باي قىز ئىدى ئۇ
چوڭلارغا،ياتلارغا باش كۈتۈرۈپ قارىمايدىغان،
ئەمدىلىكتە نىمە بولدى،بىلمەيلا قالدۇق
بوپقاپتۇ ئۇ،ھېچ كىشىدىن ھېيىقمايدىغان.
چوڭ بولدى ئۇ شۇنچىلىك ئوماق،لىۋەن
قارايتى چوڭ_كىچىك ھەممە ئاڭا،ھەۋەس بىلەن،
بىر كۈنلەردە يۇقاپ كەتتى ئۇ قىز مەھەللىدىن تۇيۇقسىز
سورىساق دىيىشتى ئاتا_ئانىىسى،شەھەردە،كۈنى بەلەن.
بىر كۈنلەردە خەۋەر كەلدى بىرىدىن،ۋاي ئىسىت!
ئۇ قىز شەھەردە ھەمراھ خېنىم بوپتىمىش،
ھەيرانلىق ئىلىكىدە قالدۇق،نە سەۋەپ ئۆزگەردى تېز
ئاخىرى مەسلىھەت بىلەن،نەسىھەت قىلماقچى بولدۇق بىز.
ئېيتىپ بەردۇق ئۇنىڭغا، بىراۋدىن سۆز
ئاناڭ ئاغىرىق ئەي قىز،قايتىپ كەلگىن تېز،
كەلدى قىزمۇ كۆپ ئۆتمەي،ئانىسىنى كۆرمەپ بۇلۇپ
تۇتۇپ بىزمۇ پۇرسەتنى،ئۆيىگە يېتىپ باردۇق تېز.
دېدۇق ئۇ قىزغا:ئەي سىڭلىم بولماپتۇ قىلغان ئىشىڭ
مەھكۈم بولما زۇلمەتكە سەن ،تېپىۋال ئۈزۈڭ،
قارىغىنە ئۈستى بېشىڭغا،سەن نەنىڭ قىزى
ئۇنتۇدىڭمۇ ئەسلىڭنى،ئەي ئۇيغۇر قىزى.
ئاتا_ئاناڭ بېشىنىمۇ كۈتۈرۈپ يۈرەلمەس،يۇرىتداشلار ئالدىدا
قان يىغلايدۇ ھەر كۈنى،تىلەپ ساڭا ئاللادىن ،ئىنساۋىڭنى،بەختىڭنى.
سەنچۇ؟ئوينايسەن دۇنيادىن بىغەم ھالدا،بۇلاردىن غېمىڭ يوق
بىلەمسەن قىز،ئاتا_ئاناڭ يۈرىكى لىق تولغان،قان ياشلارغا،زەرداپقا.
سىلكىۋەتكىن بېشىڭنى،نەزەر سالغىن دۇنياغا
ئۈگەنگىن سەن بىر كەسىپ،ھەمدە ھالال ياشاشنى،
كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك،ئۈمىد بىلەن بېقىشنى
تىلىگىن ھەم ئاللادىن،بۇ روھىڭنى پاكلاشنى.
قايتىپ چىققىن ئۇ يەردىن،ئۇ يەر ساڭا ماس ئەمەس
قىلاي دىسەڭ ئىش كۆپقۇ،ھالال ياشاش تەس ئەمەس.
خار قىلغىچە ئۈزۈڭنى،خار قىلغىن سەن كۈچۈڭنى
غەپلەتتە يۈرمە يەنە،بولدى قىلغىن ئەمدى بەس!
قەدىرلەشنى بىلىۋال،قىزلار قانداق ئۆزىنى
قەدىرسىز قىز بوپ قالما،قەدىرلىگىن ئۈزۈڭنى،
قەدىرلەپ ھەم قەدىرلىنىپ ئۆتكىن ئۇشبۇ دۇنيادىن
قەدىرسىزلىك بەك ئازاپ،ئېغىر ئۇنىڭ ھەسرىتى.
ئار نۇمۇسنى جان سىڭلىم،ئەلا بىلگىن ھەممىدىن
ئار نۇمۇس ئۇ بىباھادۇر،قىزلار ئۈچۈن دۇنيادا،
قىز دىمەك بىلگىن ئايال دىمەك،ئانا دىمەكتۇر
ئار نۇمۇسى يوق ئايال،قەدىرسىزدۇر ھەر جايدا.
كىرىپ قاپسەن ئازغۇنلۇق،چۈشكۈنلۈكنىڭ يولىغا
ئەمدى تارىتقىن پۇتۇڭنى،قايىتقىن يۇرۇق يوللارغا،
كىچىكمەيسەن ھېلىمۇ،قايىتساڭ ماڭغان يۇلۇڭدىن
ئەپۇ قىلار ئەل يۇرىتمۇ قايىتساڭ ئازغان يۇلۇڭدىن.
سۆزلەپ_سۆزلەپ ھەممىمىز،تۇردۇق جىمجىت سۈكۈتتە
ھەممە كۆزلەر تىكىلگەن،يولدىن ئازغان شۇ قىزغا
يىغلاپ كەتتى تۇيۇقسىز،ساقلىدۇق يىغىسى توختىغىچە
ئاڭلاپ لىكىن ئېچىندۇق،ھەممە شۇنچە سۈكۈتتە.
بىلسەك بۇ قىزنىڭ بۇ يولغا مېڭىش سەۋەبىنى
پۇل تېپىپ مودىغا يەتمەك ئىكەن مەقسىتى،
شۇل سەۋەپ شەھەرگە كىرىپ بوپتىمىش ھەمراھ خېنىم
سەھرادا يۈرسە تاپالماسمىش،مودىنى ھەم بەختىنى.
توۋا دىدىم ئېچىندىم،نادان قىزنىڭ تەقدىرىگە
ئويلىدىم،ئادەم دىگەن شۇنچە قانائەتسىز مەخلۇقكەن،
بەرھەق!يەتكەندۇ ئۇ ئېھتىمال مال_دۇنياغا،مودىغا
بىراق يوقاتقىنى مېنىڭچە ئۇنىڭدىنمۇ بەك كۆپكەن.
قاراپ_قاراپ بۇ قىزغا،ئويلاپ قالدىم كۆپ ئىشنى
پۇل،مال_دۇنيا بىزلەرگە ،بىرەرمىدى ھەممىنى،
سېتۋلغىلى بۇلامدۇ پۇلغا،شۇ يوقاتقان نەرسىنى
سوئال قويدۇم ئۇنىڭغا ،ئەي قىز بۇرۇنقى ئۈزۈڭ قېنى؟
شۇكرى!ۋەدە ئالدۇق ئۇ قىزدىن، بۇ يولىدىن قايىتماققا
ئۇف!دىدۇق ھەم ئاللاغا ئېيىتتۇق ھەمدۇ سانا،
بىر قىز بولسىمۇ ئويغىنىدىغان بولدى غەپلەتتىن
بىراق قىز تەقدىرى تاشلىدى بىزگە چەكسىز سۇاللا؟؟؟؟؟؟؟
خاتىمە ئورنىدا
ئويلىنايلى ئەي قىزلار،بۇ بىزدىكى نە ھال
يىغلىمىسۇن ئىپپەت،بولمىسۇن ئۇ خارۇ زار،
ئاشۇ قىزنىڭ تەقدىرى بولسۇن بىزلەرگە مىسال
پاك ياشايلى دۇنيادا،قىلپ شەرمى _ھايانى يار!
ئىپپەت دىگەن قىزلارغا،بىرلا قېتىم يارىلار!
قىلمايلى ئەي دوسلار،ئىپپەتنى بۇنچە خار!
ئىپپەت يىغلاۋاتىدۇ دوسلار بۇنى بىلىپ قال!
ئويلان،ئويغان قىزلار دەپ،ئۇ قىلماقتا نالە_زار!
مەنبە:ئۆزۈم.
ئۇ قىزلارنىڭ نەدىكى چولىسى تورغا كىرىپ بۇنداق پايدىلىق خىتابلارنى ئوقۇيدىغانغا .... بۇ تېمىغا بىر يازمامدىكى مۇنۇ پارچىنى قالدۇراي.
بىلگىن قىزىم، ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا ئىچىدە كىيىنگەن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قىزلىق سالاپىتىنى ساقلىغان، ئەدەب-ئەخلاقلىق قىزدىن ھەممە ئەيمىنىدۇ ھۆرمەتلەيدۇ.
بىلگىن قىزىم، ئىپپەت-ھايا ئىنساننى ھەممە يەردە ئەزىز قىلىدۇ، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.ئىپپەت-ھايانى ھەر دائىم ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلساڭ ھاياتىڭ تىنىچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال ئۆتىدۇ.
قىزىم، ئىپپەت-ھايادىن ئايرىلىپ قالماي ئاتا-ئاناڭ، ئەل-ۋەتەن ئالدىدا يۈزۈڭ يۇرۇق بولۇپ قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ياشا! ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان زور نىئمەتلىرىنى ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن!
مېنىڭ مۇنداق بىر ھېكىمەتكە ئەقلىم يېتىدۇ:
قىز-ئاياللار سىرتىنى يوشۇرۇپ، ئىچىنى (كۆڭلىنى) ئاشكارا تۇتسا ئۇ بىر پەرىشتىگە ئوخشايدۇ. ئەكىسچە بولسا يەنى سىرتىنى ئوچۇق قويۇپ، ئىچىدىكىنى غۇۋا تۇتسا ئۇ خۇددى شەيتاننىڭ ئۆزى.
بەت:
[1]