peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 06:33:42

يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى جىددى ياردەمچى تېلفۇننى چۈشىنەمسىز ؟


ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى جىددى تېلفۇن،ئۇنىڭ رولى،تۈزىلىشى ۋە ئۇنىڭدا كۆپ كۈرۈلىدىغان كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش

سىز ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغان ۋاقتىڭىزدا، يول بويىدا ئىگىزلىكى 2 مىتىر كەڭلىكى 30 سانتىمىز كېلىدىغان قىزغۇچ سېرىق رەڭ- ئاپىلسىن رەڭگىدىكى بىر ئۈسكىنىنى بايقايسىز، سىز بەلكىم بۇ نىمىدۇ دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ دەل بىز مۇشۇ ماقالىمىزدا بايان قىلماقچى بولغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان جىددى تېلفۇن سېستىمىسى بۇلۇپ، بۇ سېستىما يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى قۇتقۇزۇش،ياردەم بىرىش ئۈسكىنىسى بۇلۇپ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئالاقىلىشىش سېستىمىسى.يولدىكى شوپۇر ۋە يولۇچىلار جىددى ئەھۋالغا يۇلۇققان چاغدا،مەسىلەن،ماشىنا-ئاپتۇۋۇز كاشىلا كۈرۈلگەندە،ماي تۈگەپ كېتىش،چاق ئېتىلىپ كېتىش،ماتۇر بۇزۇلۇش،قاتناش ۋەقەسى سادىر بۇلۇش سەۋەبلىك ماشىنا نورمال يول يۈرۈشكە ئامال بولمىغاندا،شوپۇر-يولۇچىلار جىددى تېلفۇن ئارقىلىق ئەڭ تىز سۈرئەتتە ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى يول مەمۇرىيىتى خادىملىرى، يول قاتناش چارلاش ساقچىلىرى ۋە ياكى يول ئاسراش ماشىنا ئەترىدىكىلەر ئەڭ تىز سۈرئەتتە ماشىنا يول يۈرۈشكە ئامال بولمىغان شۇ نەق مەيدانغا بېرىپ،شوپۇر يولۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ،بۇ خىل جىددى تېلفۇنلار ئۈرۈمچى -كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەر 2 كىلومىتىرغا بىر جۇپتىن يولنىڭ بۇ تەرىپىگە بىرسى،يولنىڭ ئۇ قېتىغا بىرسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ھەر بىر تېلفۇنغا نۇمۇر بىكىتىلگەن، شوپۇر-يولۇچىلار تېلفۇننىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، دەرھال كونتىرول ئالاقە مەركىزىدىكى كومپىيۇتۇردا قايسى تېلفۇن ئىكەنلىكى دەرھال كۈرۈنۈپ، قايسى يۈلىنىشتە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.جىددى تېلفۇن زۈرۈر بولغان ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بۇلۇپ، دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ،يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى باشقۇرۇش خادىملىرىغا دەل ۋاقتىدا خەۋەر-ئۇچۇر يەتكۈزۈلۈپ،شوپۇر-يولۇچىلارغا ياردەم بىرىلىدۇ.جىددى تېلفۇن مۇشۇنداق بىر خىل قۇتقۇزۇش-ياردەم بىرىش سېستىمىسى بۇلۇپ،ئىشلىتىش ئەپلىك،رولى چوڭ،ئاسراش،رىمونت قىلىش ئاسان.
جىددى تېلفۇننىڭ تۈزۈلىش تەركىۋى
جىددى تېلفۇن سېستىمىسى مەركىزى ئۈسىكىنلەر ۋە يول بويىدىكى تېلفۇنلاردىن تەركىپ تاپقان.مەركىزى ئۈسكىنىلەربولسا كونتىرول مەركىزى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يول بويىدىكى تېلفۇن بىلەن ئالاقىلىشىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەم يەنە يول بويىدىكى ئى ر ت تېلفۇنلارنى تەكشۈرۈش،سىناش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.يول بويىدىكى ئى ر ت تېلفۇن بولسا مەركەز بىلەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ياردەم تەلەپ قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش- سۆزلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
مەركىزى ئۈسكىنىلەر بولسا كونتىروللىغۇچ كومپىيۇتۇر(ئۇلىنىش ئىلىكتىرلىك تاختىسى،تىڭشىغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، توك يولى ئۇلىنىش قۇتۇسى،پىرىنتىر،ئۈنئالغۇ قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان، كومپىيۇتۇر بولسا كونتىرول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. توك يولى ئۇلىنىش قۇتىسى- توك يولى قارشىلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئايرىۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ.پىرىنتىر بولسا تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى بېسىپ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.
يول بويىدىكى ئى ر تى تېلفۇن بولسا ئاساسى تېلفۇن ۋە قۇشۇمچە تېلفۇندىن تەركىپ تاپقان.ئاساسى تېلفۇن بولسا قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى، كوتىرول قۇتىسى،ئىلىكتىرلىك تاختا،مىكرافۇن،كاناي قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان؛قۇشۇمچە تېلفۇن بولسا پەقەت مىكرافۇن ۋە كانايدىنلا تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ فۇنكىسسىيىسى ئاساسى تېلفۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ۋە باتارىيە بولسا توك مەنبە سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيەگە ئۆزلۈكسىز توك تۇلۇقلايدۇ،شۇ ئارقىلىق باتارىيەنىڭ نورمال ئىشلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،ئۇزۇن مۇددەت توك بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئېلىكتىر تاختىسى كاسو،مىكرافۇن،كاناي ئارقىلىق سۆزلىشىش،كونتىرول قىلىش مەخسىتىگە يېتىمىز.
2.جىددى تېلفۇندا كۆپ كۈرۈلىدىغان كاشىلىلار ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش.
(1).يول بويىدىكى تېلفۇندا ئاۋاز چىقماسلىق
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يول بويىدىكى ئاساسى تېلفۇن ئى ر ت تېلفۇندىكى كاسو ئېلىكتىر تاختىسىدىكى ئاۋاز چاستوتىسىنى تەڭشەيدىغان بۇرۇللىغۇچنىڭ ئاۋاز تەڭشىگى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ كۆپرەك كۈرۈلىدىغان كاشىلا بۇلۇپ،بۇنداق كاشىلا يۈز بەرگەندە مەركىزى كومپىيۇتۇر ئىكران يۈزىدە قايسى نۇمۇرلۇق تېلفۇندا چاتاق چىققان بولسا شۇ جىددى تېلفۇننىڭ ئورنىدىكى كۆرسەتكۈچ تېلفۇن قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. تېخنىڭ خادىم شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئاساسى جىددى تېلفۇننىڭ كاسو ئېلىكتىر تاختىسىدىكى بۇرۇللىغۇچنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەپ نورمال ھالەتكە تەڭشەپ قويسا كاشىلا ئوڭشىلىدۇ.بۇرۇللىغۇچنى تەڭشىگەندە چۇقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئاۋازنى بەك چوڭغا تەڭشىمەسلىك كېرەك، بولمىسا، گاژ-گۇژ ئاۋاز پەيدا بۇلۇپ،شوپۇر-يۇلۇچى بىلەن ئېنىق پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن قىلماسلىق كېرەك،بولمىسا گەپ -سۆزلەر ئېنىق ئاڭلانمايدۇ،چۈنكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىلار توختىماستىن ئۈتۈشۈپ تۇرغاچقا ،يولدىكى شاۋقۇن ئاۋازى يۇقىرى ،شۇنىڭغا بۇرۇللىغۇچنى تەڭشىگەندە چۇقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
(2).كاناي ۋە مىكرافۇندا كاشىلار كۈرۈلۈش
ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ، ھاۋارايى سەۋەبلىك،ئادەملەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يول بويىدىكى ئى ر ت تېلفۇننىڭ كاناي ۋە مىكرافۇندا چاتاق چىقسىمۇ ئوخشاشلا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ،نورمال ئالاقىلىششقا تەسىر يېتىدۇ.كاناي ۋە مىكرافۇندا چاتاق چىققاندا چۇقۇم ئۇلارنى يېڭىدىن ئالماشتۇرۇش كېرەك.
(3).قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىدىن كاشىلا كۈرۈلۈش
بۇ ئۈسكىنە ئى ر تى تېلفۇننىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بۇلۇپ، يىل بويى بوران،قار،يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بەزىدە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوغۇرلاپ كىتىش ھادىسىسى ھەم كۈرۈلىدۇ،مۇشۇ خىل ئەھۋال سەۋەبلىك قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى نورمال ئىشلەشكە ئامال بولمىغاندا، باتارىيەگە توك يەتكۈزۈپ بىرەلمەي، ئېلىكتىر بېسىمى تۆۋەن بۇلۇپ قالغاندا، ئوخشاشلا ئاۋاز چىقمايدۇ.شۇڭا ئاۋال ئېلىكتىر بېسىمىنى ئۆلچەپ ،توك بېسىمى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن مىكرافۇن ،كانايدا چاتاق بار يوقلىغىنى تەكشۈرۈش كېرەك. گەرچە يول مەمۇرىيىتى تەكشۈرۈش خادىملىرى،يول چارلاش ساقچىلىرى،كونتىرول ئالاقە بۈلۈم خادىملىرى دائىم دىگۈدەك چارلاپ تۇرسىمۇ،لېكىن يول ئەسلىھەلىرىنىڭ يىلدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى كۈرۈلۈپ تۇرماقتا،بۇنىڭغا قارىتا بىرىنچىدىن چارلاشنى كۈچەيتىش،يەنە بىر تەرەپتىن يول ئەسلىھە -ئۈسكىنىلىرىنى ئاسراش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك.
(4).ئى ر تى تېلفۇننىڭ سىرتقى قېپى بۇزغۇنچىلىققا ئۈچراپ،ئۈزىنى كۈتۈرۈپ،تۇتۇپ تۇرالماسلىق.
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب،بىرىنچىدىن، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ماشىنا شوپۇرلىرى ئۇخلاپ قېلىپ ماشىنا يول بويىدىكى توسما سالاسۇنغا سۇقۇلۇپ ئاندىن يول بويىدىكى جىددى تېلفۇنغا سۇقۇلۇپ،تېلفۇن سىرتقى قېپى كاردىن چىقىپ ئىشلتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالغا قېلىش. بۇنداق ئەھۋال 2007-يىلى 1-ئايدا بىر قېتىم يۈز بەردى. بۇ ھادىسىدە كۈيتۈندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان،ماشىنىنى تېخى يېڭىلا ئالغان شوپۇر يولدا مۈگدەپ قېلىش سەۋەبلىك ئاۋال يول بويىدىكى توسما سالاسۇنغا ،كېيىن يول بويىدىكى 32-نۇمۇرلۇق تېلفۇنغا سۇقۇلۇپ،تېلفۇن سىرتقى قېپى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپ،ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا،قايتىدىن يېڭىغا ئالماشتۇردى.2-سەۋەب، ھەر يىلى قىشتا يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول تەۋەسىدە قار ياغقاندا ،قارنى چۇقۇم ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك بۇلۇپ،قارنى تازىلاش،يول يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەخسۇس قار تازىلاش ماشىنىلىرى ئشلىتىلىدۇ.بۇ ماشىنىلار ئاپتۇماتىك ھالدا يول يۈزىدىكى قار-مۇزلارنى يولنىڭ سىرتىغا پۈركۈپ چىقىرىپ،يول يۈزىدىكى قار-مۇزلارنى تازىلايدۇ.بۇ پۈركۈپ چىقىرىلغان قار-مۇزلار بېسىم بىلەن پۈركۈپ چىقىرىلغاچقا،جىددى تېلفۇننىڭ سىرتقى قىپىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۈرۈمچى -كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەر يىلى قىشتا قار قېلىن ۋە كۆپ ياغىدۇ. ھەر قېتىملىق يول يۈزىنى تازىلاشتا يولنىڭ يۈزىدىن تازىلانغان قار-مۇزلارنى سىرتقا پۈركۈپ چىقارغاندا ،يول بويىغا نۇرغۇن قار-مۇزلار دۆۋىلىنىپ قالىدۇ.بۇ قار-مۇزلارنىڭ بېسىم بىلەن جىددى تېلفۇننىڭ قېپىغا ئۇرۇلىشى،قىش بويى دۆۋىلىنىپ تۇرىشى سەۋەبلىك ،بەزى تېلفۇننىڭ سىرتقى قاپلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ،ئاساسى بۇزۇلۇپ،ئۈزىنى كۈتۈرەلمەس بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۇ يىل سانجى باشقۇرۇش باشقارمىسى تەۋەسىدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 5 قېتىم يۈز بەردى،بىرىنچى قېتىملىق قار تازىلاشتا بىراقلا 4 تېلفۇن سىرتقى قېپى بۇزۇلدى،كېيىنكى بىر قېتىملىق قار تازىلاشتا بىر تېلفۇننىڭ سىرتقى قېپى بۇزۇلدى،ھەممىسىنىڭ ئاساسى ۋە يېنىنى قەلەي بىلەن قاپلاپ،رىمونت قىلىپ،مۇۋاپىق تۈشۈك تېشىپ،يەنە قايتىدىن ئەسلى ئورنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، كاشىلىلار بىر تەرەپ قىلىنىپ،جىددى تېلفۇننىڭ سېستىمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.
(4).باتارىيە توك تۇتۇپ تۇرالماسلىق.
ھازىرغىچە ئۈرۈمچى -كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ياسىلىپ،ئىشلىتىلگەنلىكىگە 10يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى،ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ بەزى ئۈسكىنە -ئەسۋاپلار خورىدى،بۇزۇلدى،جىددى تېلفۇن سىېستىمىسىدىكى ئى ر تى ئاساسى تېلفۇن ئىچىدىكى باتارىيەمۇ كۈندە 24 سائەت ،يىل بويى توختىماستىن،ئۆزلۈكسىز ئىشلىگەچكە خوراپ،يىللارنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ نورمال ئىشلىمەي قالىدۇ،توك تۇتۇپ تۇرالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا چۇقۇم يېڭىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك. باتارىيە بولسا كاسو ئېلىكتىرلىك تاختا،مىكرافۇن،كانايغا توك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان توك مەنبەسى بۇلۇپ،پەقەت ئۇ نورمال ئىشلىگەندە ئاندىن ئى ر تى تېلفۇنغا نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نورمال خىزمەت قىلىشىغا ئاساس يارىتىلىدۇ.
(5).كاسو ئېلىكتىرلىق تاختا.
بۇ تاختا فىرانسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇلۇپ،ئاسانلىقچە چاتاق چىقمايدۇ، بۇ ئېلىكتىرلىق تاختا بۇزۇلسا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ،توك يولىدىن چاتاق چىقسا،ياساش مۇمكىنچىلىكى يوق بۇلۇپ، چۇقۇم يېڭىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئاۋازنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ۋە گاژ-گۇژ ئاۋازنى تەڭشەيدىغان ،نورمال ھالەتكە ئەكىلىدىغان بۇرۇللىغۇچ دەل مۇشۇ ئېلىكتىرلىق تاختىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئەگەر بۇ تاختىدىن كاشىلا كۈرۈلسە ،نورمال ئالاقىلىشىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.



تۈگىدى.

بۇ ماقالەم، قاتناش ژورنىلىغا بېسىلغان.

ئەسكەرتىش :  ئەسلىدىكى تېمام،  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەھرىرلەندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:34  

بەت: [1]
: يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى جىددى ياردەمچى تېلفۇننى چۈشىنەمسىز ؟