تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟
ھازىر كۆپىنچە ئانىلار خىزمەتتىكى ئاياللار بولۇپ، گەرچە تۇغۇت ئارامى بولسىمۇ، بىراق بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئنا سۈتىگە بولغن تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، پەقەت ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كەچلىكى بىر قېتىم بالىنى ئېمىتەلەيدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تەركىب جەھەتتە ئانا سۈتىگە ئاساسەن يېقىنلاشقان شۇنداقلا بەك قۇلاي بولسىمۇ بىراق ئۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى تەركىبلەر ئايرىم بولىدۇ. مەسىلەن: ئىممۇنىتېتلاش شەكلىدىكى ئاقسىل ئېپىدىرمىسىنى ئۆستۈرگۈچى ئېلمېنت قتارلىقلار. بۇلار بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايتى پايدىلىق، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار بىر ئاز مۇۋاپىق بولۇپ، ئوڭاي ھەزىم قىلىنىدۇ. تەييار سۈتكە گەرچە ناھايتى كۆپ ئوزۇقلۇقلار قوشۇلسىمۇ، ئوڭي ھەزىم قىلىنمايدۇ.مەنبە: ئانا سۈتى ھەققىدە نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.
سۈت پاراشوكىدىن شۇ كالا سۈتى ياخشىراق. ئىشقىلىپ مەن چوڭ قىزىمنى يېشىغ توشقۇچە ئېمىتكەن، ئىمزەك ئەمگۈزمىگەن، بازارنىڭ سۈت پاراشۇكىدىن بىر قاپمۇ ئىچكۈزمىگەن. ئاللا خالىسا تېنى ساغلام، ئەل قاتارى چوڭ بولۋاتىدۇ. كونىلار ئوغۇلبالىنى كۆپرەك ئېمىتىش كېرەك، دەيدىكەن. مەن ئوغلۇمنى ئارانلا يېشىغا توشقىچە ئىمىتەلىگەن. ئۇ ۋاقىتتىكى شارائىتمۇ شۇنداق بولۇپ قالغان، سۈت تولۇقلايدىغان تاماقلارنى شۇنچە يېسەممۇ تەبىئيلا ئازلاپ كەتكەن. ھازىر ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. بار ئامالنى قىلىپ، تېخىمۇ ئۇزۇنراق ئىمىتەلىگەن بولسام قانچە ياخشى بولاتتى دەيمەن. بەكمۇ ئۆكۈنىمەن...:L ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10- ئايدىن باشلاپ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئالتە ئايغا تەڭشەپتىمىشقۇ:) شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدىمۇ بىرىدە مۇنداق بىر يازما كۆرگەن ئېسىمدە، ھازىرقى ئاياللار ئۆزىگە نۇرغۇن باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ سۈتۈم چىقمىدى دەپلا بالىلىرىغا سۈت پاراشۇكى ۋە كالا سۈتى ئېمىتىپ چوڭ قىلىۋاتىدۇ. كالىنىڭ تېنىدىن چىققان شۇ سۈتنى ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلار قانچىلىك ئادەم بولماقچى؟ كالا دېگەندە ھايۋان تۇرسا سەبىي بىر بوۋاققا ھايۋان تەبىئىتىنى ئۆز قولىمىز بىلەن سىڭدۈرۈپ بولۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇشقا ھەققىمىز بارمۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا بۇ سۆزلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغانىدى. ھىم ! تارزاننىمۇ ھېلىقى ئورانگۇتانلار ئىمىتىپ بېقىپ ، مەيدىسىنى مۇشتلاپ دەرەختىن دەرەخكە ئاتلاپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغانغۇ ؟؟؟؟ شۇڭا خانىم - قىزلار بەك تىرىشىپ ئامال قىلىپ بالىنى ئۆزۈڭلار ئىمىتىڭلار ، كالا سۈتىنى ئامال بار ئىستىمال قىلمىسۇن ، ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قويىسىلەر بوباقلارنىڭ :P
بەت:
[1]