مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:05:17

ئانا سۈتىدە زادى نىمىلەر بار؟

بولغۇسى ئانىلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ھەممە كىشىلەر ئانا سۈتى ياخشى دەيدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىشىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارىشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋېتامنى، مىنىرال ماددىلار بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كېسلاتاسى بولۇپ ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مىڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقۇرى بېئولوگىيىلىك ئىشلىتىشچالىققا ئىگە، قانچىلىك يىسە شۇنچىلىك قۇبۇل قىلىدۇ.



ئەسكەرتىش: ئانا سۈتى ۋە بوۋاقلار ساغلاملىقى ھەققىدە سوئال جاۋاپلار نامىلىق كىتاپتىن كۈندە بىر سوئال جاۋاپ يوللىنىلىدۇ.

guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:24:05

رەھمەت سىزگە بىزدەك ياشلار بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك بىلىم ئىكەن، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ:victory:

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:59:00

بۇ بىر ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك پىلان بوپتۇ......ياش ئانىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 02:48:10

مۇشۇ مەرىمندىن قايسى بۈلۈمنىڭ دوختۇرى دەپ سورايمەن دىگىلى بىر يىل بولاي دىگەندۇ . (مەسلىھەت ئالدىغان ئىش بارتىچۇ :P) سوراي دەيمەن خىجىل بوپ سوريىالماي مۇشۇ كۈن بوپ كەتتى :L

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:41:05

كۆكرەك كېسەللىكلەر دوختۇرى، ئېسىل.

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:26:05

ئانا سۈتى ئەممىگەن بالىنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز بولىدىكەن، يەنىلا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا باشقىچە بولىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xakilat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:26  

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:13:43

esil يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 02:48 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مەرىمندىن قايسى بۈلۈمنىڭ دوختۇرى دەپ سورايمەن دى ...

جېنىم ، ۋاقتىدا سوراڭ ، مۇنبەردە مىدىتسىنا خادىملىرى خېلى بار ...بەك ئۇزاققا سوزۇپ يۈرمەي :P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:26:56

كىم تۇغۇت دوختۇرى ;P;P;P

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:27:57

esil يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:26 static/image/common/back.gif
كىم تۇغۇت دوختۇرى

پېقىر تۇغۇت بۆلىمىدە ساپ-ساقلا بەش يىل تۇرغان;P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:25:35

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:27 static/image/common/back.gif
پېقىر تۇغۇت بۆلىمىدە ساپ-ساقلا بەش يىل تۇرغان

ھازىر تۇغۇت دوختۇردىن مەسلىھەت  سورايدىغان ئىشلاپ كۆپلەپ قالدى ، ياردەم قىلىسىز ھەقەچان ؟ :P
بەت: [1]
: ئانا سۈتىدە زادى نىمىلەر بار؟