نېمە ئۈچۈن كارتون فىلىم 52 قىسىم بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن كارتون فىلىم 52 قىسىم بولىدۇ؟كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ كارتون كۆرۈشكە بەكلا ئامراق ئىدىم. ئەينى يىللىرى رەڭسىز 14 دىيوملۇق تېلېۋىزورلاردا بەرگەن كارتونلارنى شۇنچىلىك زوق بىلەن كۆرەتتىمكى ھەر كۈنى بىر قىسىملا بېرەتتى. شۇ بىر قىسمى تۈگىسە يەنە بىر قىسىم بەرگەن بولسا دەپ ئارزۇ قىلىپ قالاتتىم.
"ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى" دېگەن كارتوننى كۆرۈپ 51-قىسمىدا ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ماركو يىغلىسا تەڭ يىغلاپ كەتكەنلىرىم شۇ كارتوننى يەنە بىر بەرسە ئىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن. توردىن خەنچىسىنى تاپقىلى بولدى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويدۇم. ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى بەكمۇ كۆرگۈم بار.
شۇ چاغلاردا بەرگەن كارتونلاردىن "خاسبىنىڭ خەتەرلىك سۈرگۈزەشتىسى" "ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى" " خېمەن ئالەمنىڭ خوجايىنلىرى" ھەممىسى 52 قىسىملىق كارتونلار ئىدى. بۇرۇندىن كاللامغا مۇنداق بىر ئوي كىرىۋالاتتى. نېمىشقا كۆپىنچە كارتونلار 52 قىسىملىق بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئالاھىدە بىرەر سەۋەب بارمۇ؟ ياكى كارتونلارنى ئىشلەش بىلەن بىرەر باغلىنىشلىقى بارمۇ؟
ھېلىھەم مۇشۇ سوئال كاللامدا ئايدىڭلاشمىدى، سوئالىم يەنىلا جاۋابسىز.
كۆپچىلىك سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ؟ نېمىشقا كارتون 52 قىسىملىق بولىدۇ؟
ئادەتتە كارتون فىلىملەر ھەپتىدە بىر قىسىم ئىشلىنىدۇ.
بىر ھەپتىدە بىر قىسىم، بىر پەسىل (12 ھەپتە) دە 12-13 قىسىم ئىشلىنىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە يېرىم يىل (24 ھەپتە) دا 24-26 قىسىم ئىشلىنىدۇ.
مۇشۇ بويىچە بولسا، بىر يىل (52 ھەپتە) دا ئۆزىلا 52 قىسىم ئىشلىنىپ قالىدۇ-دە :P
Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:06 /static/image/common/back.gif
ئادەتتە كارتون فىلىملەر ھەپتىدە بىر قىسىم ئىشلىنىدۇ.
ب ...
مېنى قايىل قىلىدىغان جاۋاب بەرمەي كارتونلار ھەپتىدە بىر قىسىم ئىشلىنىدۇ شۇڭا 52 قىسىم بولىدۇ دەيدۇيا خەپ قىسمەت ئاكا.:Q:Q
كارتونلارنىڭ ۋەقەلىكى نېمىشقا 52 قىسىمدا تولۇق ئاخىرلىشىدۇ؟ يا 51 قىسىمدا ئاخىرلىشىپ قالمايدىكەن ۋە ياكى 53 قىسىم ئىشلەنمەيدىكەن.
قىسمەت ئاكام، ماۋۇ سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك بولمىسا مەندىن قۇتۇلالمايدۇ.:@
جۇلالىق كۆرۈنۈشتە شۇنداق پىشقان ئاياللاردەك تەسىر بەرگىنى بىلەن، كۆپىنچە ئۆسمۈرلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ قېتىم قايسى ئورۇندا، قايسى مەشغۇلات بىلەن بىلىم ئاشۇرۇپ كەلدىكىن بۇ كىچىك خانىم؟:loveliness: قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:45 static/image/common/back.gif
جۇلالىق كۆرۈنۈشتە شۇنداق پىشقان ئاياللاردەك تەسىر بەر ...
نېمىشقىدۇر بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلارغا بەكلا قىزىقىمەن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا ئۆتكەچكە شۇنداقمۇ بۇنىسى ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم. يەنە كېلىپ كۆز ئالدىمدىكى ئوماقلىرىمنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بالىلار توغرۇلۇق ئىزدىنىشىم كېرەك.
بۇ قېتىم بالىلار توغرۇلۇق مەخسۇس دەرىس ئاڭلاپ كەلدىم.:lol بۇ شۇنداق بىر توغرا كېلىپ قېلىشتۇ بەلكى ، يىشۇمۇ 52 قىسىمما ؟ ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ تېتىقسىز كارتون فىلىملىرى «ئاكا ئۇكا شاتۇرلار» بىلەن «خوشال قوزىچاق»(شى ياڭ ياڭ) دىگەنلەر بولدى.
قېنى ھېلىقى« مىم»، « مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە» دىگەندەك مەنىلىك كارتون فىلىملىرى؟ قىسمەت شۇنداق توغرا جاۋاپ بېرىپتۇ ئەنە ، شۇ رەسىمنى سىزىشقىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ گەرچە ماركودىكى پىرسۇناژلار چىرايى ئومۇمەن ئوخشاش بولسىمۇ :L...ئاندىن يىل ئاخىرى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىدە 52- قىسىمنى ئىشلىۋېتىپ ، خىزمەتنى خۇلاسىلەپ يېڭى يىلدا يېڭىچە كارتون ئىشلەيدۇدە ، ئاندىن يەنە 52 ھەپتىدە 52 قىسىم دىگەندەك :lol Ayberchin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:09 /static/image/common/back.gif
ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ تېتىقسىز كارتون فىلىملىرى «ئاكا ...
ئاكا-ئۇكا شاتۇرلارغا مەنلا ئۆچمىكىن دېسەم ھەممەيلەن ئۆچكەندە!؟
مىم نىڭ پىلاستىنكىسى بار ،بىراق تولۇق ئەمەس.
باغرىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:13 static/image/common/back.gif
بۇ شۇنداق بىر توغرا كېلىپ قېلىشتۇ بەلكى ، يىشۇمۇ 52 قىسى ...
ئەقىللىق يىشيۇمۇ 52 قىسىملىق كارتون.