ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئورۇنلارنى بىلىۋېلىڭ
ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئورۇنلارنى بىلىۋېلىڭ !(ئەسقاتىدۇ)ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئەھلى مۇسۇلمان :
ئۈرۈمچىگە خوش كەپسىز ، مەيلى ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇڭ ياكى 10 كۈن تۇرۇڭ ۋە ياكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا باغلىنىپ قېلىپ بوشىنالماي مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىڭ تۆۋەندىكىلەرنى بىلىپ قويسىڭىز پايدىسى تىگىدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.
1.مېھمانخانىغا چۈشسىڭىز ،ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇددۇلىدىكى پارلاق رېستۇرانىغا ياكى بولمىسا چوڭ بازادىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىغا قاتارلىق مېھمانخانىلارغا چۈشسىڭىز بولىدۇ . باھاسى بەك يوقىرىمۇ ئەمەس ، ياخشى يېرى كېچە بولغاندا قالايمىقان كېلىدىغان تېلفۇنلاردىن ساقلىنالايسىز .
2. ئەمدى ئادەم دىگەننىڭ لەغمەنگە ئىشتىياقى بەكرەك كىلامدىغاندۇ دەيمەن ، ئوخشىغان لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز ،كونسول كوچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىسىدىن يەڭ . ئىچى ئالاھىدە بىزەلمىگەن بولسىمۇ تامىقى ئالاھىدە ياخشى . بىر ناچار يېرى بەك ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، ھەمدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ تازا ئەركىن بولالمايسىز .
3.ئۆپكە ھېسىپنى قەيەردە يىيىشنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى .
4.ھاۋا ئىسىپ كەتسە لەغمەن -سومەنگە كۆڭۈل تارتماي قالىدۇ . بۇنداق چاغدا كونسول كوچىسىدىكى ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسى ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
5.ئۈرۈمچىدە ئۇسساپ قالسىڭىز دوغاپ ئىچىڭ ، دابازا ، سانشىخاڭزا تەرەپلەردە بىر خىل توڭلاتقۇتىدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بۇلاقتىن چىققاندەك شارىلداپ تۇرىدىغان بىر خىل رەڭلىك سۇلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، قارىماققا ئۇسسىغان يەرگە تېگىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ رەڭلىك سۇلارنىڭ سۇچلىك تەمى بولسا نىمە دەي، بەربىر جورەن قىلىپ ساتقاندىكىن شىكەرنى ئازراق سېلىۋەتكەن بولسىدى ،شۇڭا دەيمەن بولسا مۇزدەك مىنىرال سۇ ئىچىسىڭىز ئۇسسۇزلىقىڭىزنى خېلى بېسىپ قويىدۇ .
6.مالاچۇەر دەپ بىر ئەخلەت تائام بار ، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلار باردە، ئەمدى زادى يەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز يەنئەن يولى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تار كوچىدىكى خۇمار زىقلىق يىمەكلىلىرىدىن يەڭ ، ھە نىمە بولسا خېلى ياخشى ، ئەگەر زادى خوگو يەيمەن دەپ قالسىڭىز ، خويەنشەنگە بېرىڭ ، ئورنى خەلق مەيدانى ئەتراپىدە ، 68 يۈەن تۆلەپ قويۇپ ياخشى غەيرەت قىلسىڭىز نەچچە يۈز يۈەنلىك تائامغا ئېغىز تىگەلەيسىز ، ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاۋۇز قوغۇن ، ئالما نەشپۈت ، خوگونىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ، كاۋاپ ، توخو ، پولو ، كاۋاپ توخو . شورپا ، سومەن ھەممىسى بار ، ئېچىملىكنىڭمۇ ھەرخىلى بار ،
7.كېندىجى دىگەنگە كەرو كىرمەڭ ، ھازىر چوڭ بازا كەينىدە تۈركىيەنىڭ ئەلبىك نامىدىكى كېندىجىگە ئوخشاش يەر ئېچىلدى ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 100% ھالالمىش ،نى ھاجىملار ئايال توقاللىرىنى ، بالا ۋاقىسى بىلەن بىللە كىرىپ يەۋاتقىدەك ،
8.ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن چىققان بولسىڭىز چوقۇم بىراۋلارنى يەنى كانىيى يوغان غوجاملارنى مېھمان قىلىمسىڭىز بولمايدۇدە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ يېنىدىكى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ بېزىلىشى ئورنى خېلى ياخشى ، شۇ باھاسى سەل ئۆرە ، ئىش پۈتتۈرۈشتە پۇلىنىڭ كۆزىگە قارىمىغاندىكىن كىرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ . ئەگەر سەل تىجەشلىك بولايمىكىن دىگەن خىياللاردا بولار بولسىڭىز سەنشىخاڭزا ئارقا كوچىسى تۇڭگانلار مەسچىتىدىن نەنمىن تەرەپكە 200 مېتىر ماڭسىڭىز ئەلقوت تېز تاماقخانىسى بار ،بېزىلىشى باغۋەن ،قورغانلاردەك بولمىسىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا بولىدۇ ، ياخشى يېرى باھاسى مۇۋاپىق .
9.كەچلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك ھاۋاسىدىن ، كەچلىك ھاۋاسىدىن دىگەندىن كۆرە كەچلىك ۋاراڭ -چۇرۇڭلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇراي دېسىڭىز داۋەن كەچلىك بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، ئۆتكەندىلا تېخى جاڭچۈنشەن شۇجى كېلىپ نەچچە زىق كاۋەپ بىلەن نەچچە رومكا پىۋا ئىچىۋېتىپ ماختاپ كېتىپ قالدى ،
10.تور خۇمارى بار كىشى دىگەن باشقا يۇرتقا كەلسىمۇ بىر يەرلىرى تورغا چىققۇسى كەپ تۇرىدۇ ، چوڭ بازاردىكى مارس تورخانىسىنى بىلىۋېلىڭ !
11.لەغمىنى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئېسىل جاي بولسا سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاقنىڭ يان كوچىسىدىكى تەڭگە تاماقخانىسى ، لەغمىنى خېلى كۈنلەرگىچە يادىڭىزدىن كەتمەيدۇ ، ئۆچرەتتە بەك تۇرمايسىز .
12.لېكىنزە ئۈگرە دىگەنمۇ ياخشى تاماق ، ئىككىنجى دوختۇرخانا ئۇددۇلسىدا ئاتۇش ئۈگرىخانىسى بار ، بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بىلەن گۆشنان خېلى ئوخشاپ قالىدۇ لېكىن .
13.ئېرجەنزى سومەن ، يەنى لەغمەن سومەن ، بۇنىڭغا خوتۇن خەقنىڭ خېلى ئىشتىياسى بار ، نەنمىن شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئۇددۇلىدىدىكى كىچىكرەك كەلگەن خانتەڭرى تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ نەرسىسى بەلەن .
14.يەنە بىر گەپ ،رامزان كەپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ روزىلىقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويىمەن دېسىڭىز نەنمىن خانتەڭرى جامائەسىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا گۆشناننىڭ قاتىلى بار ، ئۈرۈمچىلىكنىڭ گېپى بويىچە ئۆتتۈردىغىنى ،
يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالغانلىرىنى يوللاپ تۇرىمەن ،
ھازىر دەل ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىل ، يۇرت يۇرتلاردىن يۇرت ئاتلاپ ساياھەتلەر بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە تورداشلار بولسا ھەممىڭىلەر ئۆز يۇرتىڭلارنىڭ يوقىرىدىقىدەك ئورۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى بوپ قالار !مەنبە: باغداش تورى دىلبەر ھېسىپلىرىنىڭ داڭقىنى قايسى بىر تور بەتتىن كۈرۈپ ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا خۇتۇن ئىككىمىز يەپ كەلدۇق،لىكىن قېيناپامنىڭكىدەك تېتىمىدى. كېلەر يىلى بارغاندا ئەسقېتىپ قالار ئوقۇپ قوياي.:lol خېلى تونۇش يەرلەركەن .
1.ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بارسام بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىنغان ئىككىلى مېىھامخانىغا ئەمەس ،باشقا بىرىگە چۈشەتتىم .
2.كونسۇل كوچىسىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىنىڭ لەغمىنىنى بىر تېتىپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن ،دەرىزە ئالدىدا 4-5ئايال ،ئىچىدە 6-7 ئاياللار قاتار ئولتۇرۇپ ساڭزا ئەشكەندە ئېشىپ ئېتىپ بېرىدىكەن ئەمەسمۇ .
3.ئۈرۈمچىگە بارسام دىلبەر ئۆپكىخانىسىنىڭ ئۆپكە ھېسىپىنى بىر قېتىم يەۋېلىپ قايتاتتىم ،يېقىندا سەل چىقىپ قالدىممۇ ياكى بۇرۇنقىغا ئانچە ئوخشۇماس بولۇپ قالدىمۇ قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇپ قاپتىمەن .
8.باغۋەن تائام سارىنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ،ئازادە ،كۆركەم بېزىلىپتۇ ،تاماقلىرىنىڭ خىلى كۆپ ،تەمىمۇ بولىدىكەن .ئىككى قەۋەتلىك ،چوڭ زاللىرىدا تاماق ئۈستەللىرى ئازادە قويۇلغان بولغاچقا ،قىستاڭچىلىق ھېس قىلمايدىكەنمىز .
11.كېسىپ لەغمەن يەيمەن دەيدىغانلار تەڭگە تاماقخانىسىغا بارسا بولغۇدەك ،ماڭا بەك تېتىدى ،بىراق يېنىمدىكى ئادەم پەمىدۈرنى كۆپ سېلىۋېتىدىكەن دەپ ياقتۇرمىدى .
12.ئاپام ئىككىنچى دوختۇرخانىدا بەلنىستە ياتقاندا سۈيۈق -سەلەڭ ئىچكۈسى كەلسە مۇشۇ ئاتۇش ئۈگرىخانىسىدىن ئەكىرىپ بېرەتتىم ،كاۋاپ يېگۈسى كەلسە ئەلقۇت تېز تاماقخانىسىغا چىقاتتۇق ،ئۇ يەرنىڭ كاۋاپلىرىنى چوڭلار يۈگۈدەك قىلىپ خېلى يۇمشاق پىشۇرىدىكەن .
13.خانتەڭرى تاماقخانىسىغا كىرىپ باقماپتىمەن ،ئۇ كوچا تار ،قىستاڭچىلىق بولغاچقا (تار يەردە ئاش يېگۈچە ،كەڭ يەردە مۇش يە دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ )،ئۇ كوچىدا تاماقنىڭ قاتىللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسام بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئايلىنىپ چىقاركەنمەن ،يەنە بىر قېتىمقى سەپەردە ئۇنىڭغىمۇ نۆۋەت تېگىپ قالار .
ئېسىلنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئېسىل ھە، مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈندە بىر ساۋاب تېپىۋالىدىغان بولدىڭىزدە.:lol
مۇشۇ ئاقساراي مېھمانخانىسىنى ئاپام شۇنداق ياقتۇرۇپتىكەن، مەن ئۈرۈمچىگە بارسام ساۋاقداشلاردىن ئاشمايدىكەنمەن شۇ:P، ياكى بولمىسا بولىۋالغان 雪莲宾馆 .
ئالتۇن بۇلاقنىڭ يېنىدىكى تەڭگە تاماقخانىسىدا بىر رىۋايەت بار، قاشقالىقلار...;P
ئاتۇش ئۈگرىخانىسىنىڭ مۇھىتىنى ياقتۇرمايمەن دېسە مەن، ئەزەلدىن تاماق يېمەي، مۇھىتىنى يەيدىغان مىجەزىم بار...:L ئەمما ئۆپكە-ھېسىبلارغا يازدا تازا تاۋى تاتمايدىكەن كىشنىڭ.
باغۋەن بىلەن قورغان تاماقخانىسىنى بەك ياقتۇرىمەن، تامىقى شۇنداق ياخشىىكەن، ساۋاقداشلارنىڭ ياخشى يېرى شۇ يەردە دە.:$
مۇشۇ مالاچۈەر، كېندىجى دېگەنلەرنى يېمىسە قانداق بولا مۇشۇ ئۈرۈمچىلىكلەر ھە، بىزمۇ ئۈگەنمىسەك ئاندىن دوراپ دېگەندەك. مەن بەك خۇراپىيمۇ يا، بالىلارنىڭ كىرىشىگىغۇ قەتئى قارشى.
ئەمما بۇ ئۈرۈمچى بولىدىغان يەر، كىشىنى ئۆزىگە تارتىپلا تۇرىدۇ، بىراق تۇرمۇش رېتىمى ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەكلا. كىشىنى ھاردۇرۇپ قويىدىغاندەك. بېرىپ ئويناپ ، كۆرەپ بولۇپ قايتىپ كەلسەك بولىدىغان يەر.:P:victory:
بەت:
[1]