nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:33:37

نەۋرىزە: قازان بېشىدا.....

                                           قازان بېشىدا
1994- يىلدىن باشلاپ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ، بىر ئايدەك تۆۋەنگە چۈشۈشكە توغرا كەلدى . ئىككى گۇرۇپپا  بولۇپ،  جەنوبى شىنجاڭغا، شىمالى شىنجاڭغا بېرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى شۆبە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا ئوقۇغۇچى مەنئبەسى ۋە مەكتىۋىمىزنى پۈتتۈرۈرگەنلەرنىڭ ئىچىدە خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىگەش قاتارلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ باردۇق، جەنوبى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بولغاچ، كۆپ ھاللاردا جەنوپقا بېرىشقا بەلگىلىنىپ قالاتتىم. بۇ قېتىممۇ جەنوپقا بېرىشقا بەلگىلەندىم. خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ماشىنىسى بىلەن ماڭاتتۇق. يول بويى  ئۇدۇل كەلگەن بىر ئاشپۇزۇلدىلا تاماق يەيتتۇق. ئۇيغۇردىن، ھەم ئاياللاردىن ئۆزۈم يالغۇز بولغۇنۇم ئۈچۈن، ئۇلار مېنى ئاساس قىلىپ تاماق يەيتتى . مېنىڭ بىر يامان ئادىتىم ، نەگىلا بارسام ئالدى بىلان تاماق ئەتكۈچىنى، ئاشخانا موھىتىنى ئىختىيارسىز كۈزەتكىم كېلەتتى. قارىماي دىسەممۇ نەدە ئەمەس ئىشلارغا يەنىلا كۆزۈم چۈشۈپ قالاتتى، يول بويى خۇددى كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئالىدىغان دېسپانسىر خادىمىدەك، بولمىغۇر ئىشلار ئۈستىدە ئۇلارغا سۆزلەپ ماڭاتتىم.
بىر قېتىملىق سەپەردە( 2002- يىلى) 6- ئاي مەزگىلى بوغىتىمۇ؟ يول بويىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يىمەكچى بولدۇق، قارىماققا موھىتى خېلىلا پاكىزە ، چىرايلىق ئىدى. تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ،يەنە كونا كېسىلىم قوزغۇلۇپ، قۇلۇمنى يۇغاچ تاماق ئېتىۋاتقان جايغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قارىغىدەك بولسام تازا بۈدۈر چاچ يىگىت چاچلىرىنى پۇقۇرۇتۇپ تۇرۇپ، خېمىر يۇغىرىۋاتقان ئىكەن، لەسسىدە بولوپ قالدىم، بىراق چاندۇرمۇدۇم، ئەمما گېلىم يەنە تىكىلىپ قالدى. بىر ھازادىن كېيىن ھېلىقى پوپۇرۋايوپ يىگىت سىرتقا چىقتى. پۇتىغا بىر ساپما كەش كىيىۋاپتۇ، ئۇ پۇتنىڭ ھالىتىنى سورىمايلا قويۇڭ....شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ يىگىتكە ئېغىز ئاچتىم.
-قانداق ئۇكام ياخشىمۇسىز؟
-ياخشى ئاچا....
- بۇ ئاشپۇزۇل ئۆزىڭىزنىڭمۇ؟
-شۇنداق ئاچا!
-ئۇكام قولىڭىزدا گۈلدەك ھۈنىرىڭىز بار بولغاندىن سىرت تىرىشچانكەنسىز جۇمۇ، غەيرىتىڭىزگە باركاللا!!! بىر ئومدان ئاشخانىنى يۈرۈشتۇرىۋاپسىز، مۇشۇ ئىسسىقلاردا تاماق ئېتىشمۇ ئاسان ئەمەس، خىرىدارىڭىز كۆپمۇ؟ تىجارىتىڭ خېلى ياخشى بولامدۇ؟!
- قەدىرئاۋال بولوپ قالىدۇ دەپ تۇرۇپ، سۇاللىرىمغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئازاراق ئەھۋاللىرىنى ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن  خېلى تەپسىلى سۆلەپ بەردى. ئۇ يىگىتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە ئازاراق توختۇلۇپ ئۇنى ئلھاملاندۇردۇم، ئۇ يىگىتمۇ ماڭا قايتا – قايتا رەخمەت ئېيتىپ كەتتى، ئۇ يىگىتنىڭ مايىللىغىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاشخانا تازىلىقى ھەققىدە بولۇپمۇ قازان بېشىدا چوقۇم بېشقا بىر نەرسە كىيىش ، شەخسى تازلىق ھەققىدە، ھەم ئۆرپە ئادىتىمىز، ھەم پەننى ئاساسلارنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ تەربىيە بەردىم، بۇ يىگىتمۇ تەربىيەرىمنى ناھايىتى سەمىيمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلدى. بۇنداق ئەھۋاللارنى ئاشپۇزۇللاردىن سىرت، ناۋايخانىلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، چاچلىرى پۇقۇراپ تۇرغان، يولۇققان ۋاقتىمدا ئۇلارغىمۇ سۆزلەپ قويىمەن. ئەمدى سۆزنى ئائىلىگە يۆتكىسەك. ئائىلىلەردىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بەزى بىر ئۆزىنى خېلى مەن- مەن دەپ يۈرۈيدىغان پاكىزە ئاياللاردىمۇ، قىزلاردىمۇ ،قازان بېشىغا ئۆتكەندە بېشىغا ياغلىق چىگىۋالمايدىغان ئەھۋاللار كۆزۈمگە خېلى چېلىقتى. ئۇلارغا ئاپىلىرى ئۆگەتمىگەندىمۇ؟ يا.....ئۆزلىرى خالىمامدۇ بىلمىدىم. ئەمما رەخمەتلىك ئاپام ماڭا قازان بېشى توغرۇلۇق نۇرغۇن تازىلىق ساۋاتلارنى بەرگەن ئىدى. ئەمدى مەن قىزىمغا بېرىۋاتىمەن .
قازان بېشىدا ياغلىق چېگىش مەسىلىسىگە كەلسەك: چاچ دىگەن پۇقىراپ تۇرىدىغان نەرسە، كۈندە ھەر قانداق ئادەمنىڭ چېچى تەرتىپسىز چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت بەزى كىشىلەرنىڭ چېچىدا كېپەك بولىدۇ. خېمىر يۇغارغاندا، سەي قورىغاندا، باش ئەلۋەتتە ھەرىكەتتە بولىدۇ ، مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا خېمىرغا ياكى سەيگە چاچ ، كېپەك دىگەندەك ئادەمنى سەسكەندۈردىغان نەرسىلەر چۈشۈپ قېلىشى مۈمكىن. تىببى پەن نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، چاچ ماي بۇسى بىلەن ئۇچىراشقاندا، چاچنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ، چاچنىڭ چۈشۈشى، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدىكەن. ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپە- ئادەتلىرىمىز بويىچە قازان بېشىدا ياغلىق چەگمىسە يامان بولىدۇ دەيدۇ، مەيلى قايسىلا نوقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلساق، قازان بېشىدا چوقۇم ياغلىق چىگىۋېلىشىمىز ناھايىتىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ قازان بېشى تازلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « پاكىزلىقنى ھەممە كىشى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاش پاكىز بولسا، كىشى ئۇنى ئارزۇلاپ يەيدۇ». دېېمەك ئەجداتلىرىمىز قازان بېشى تازلىقىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن،  بىزنىڭ ئۆرپە ئادەتلىرىمىز ئىچىدە تازىلىققا دائىر ھەم ئىلىمىي ئاساسى بار بولغان، ئۆزىمىز مەغرورلانغىدەك ئاجايىپ ياخشى ئادەتلىرىمىز بار بولغان، بۇ ئادەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. ھازىرمۇ پايدىلىق « يامان بولىدۇ» لارنى ئۇنتۇپ قالمايلى. بىز ئەژداتلىرىمىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىشلىرىغىمۇ ۋارىسلىق قىلالمامدۇق! ئەسلىدە بىز ناھايىتى پاكىزە مىللەت! ئەڭ ئاددىسى بەشۋاق ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بەشقېتىم تاھارەت ئالىدىغان قائىيدىمىزمۇ بار، بۇنداق بولغاندا ھېلىقى ئاشپەز يىگىتنىڭ پۇتىنىڭ ھالىتىدەك ھالەتنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى . ناماز ئوقىمىغان ھالەتتىمۇ شەخسى تازلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى بىر ئەنئەنىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلساق بولىدىغۇ، مەدەنىيەت دېگەن مەدىنىيەت! مەدىنىيەتلىك بولدۇق دەپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل ئۆرپە ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا قەتئي بولمايدۇ. خانىم- قىزلارغا تەشەببۇس قىلىدىغىنىم: قازان بېشىدا چوقۇم ياغلىق چېگىۋېلىڭ!!!!!
نەۋرىزە

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:54:46

مەن باشقا ۋاقىتتا ياغلىق ئارتمىغان بىلەن قازان بېشىدا چوقۇم ئارتىمەن، يۇقۇردا كەلتۈرگەن مىساللار تولىمۇ ئەتىراپلىق بوپتۇ، رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xakilat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:55  

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:00:41

ئايال زاتىنىڭ ئەڭ گۈزەل تۇرقى __________بېشىدا ياغلىق، قولىدا چۆمۇچ كۆتۇرۇپ تۇرۇپ،بالىلېرىم تاماق پىشتى دىگەن چېغىدىكى كۆرۇنۇش.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:02:36

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:00 static/image/common/back.gif
ئايال زاتىنىڭ ئەڭ گۈزەل تۇرقى __________بېشىدا ياغلىق، قول ...

ئۇنداقتا مەن چۈشتە ئۆيدىكىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل تۇرقىمىنى بىر كۆرسىتىۋاپتىمەن-دە;P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:21:10

بەك ھەق يېزىلىپتۇ.
مەنمۇ قازان بېشىدا ياغلىق چىگىشنى ئادەت قىلغانمەن، بۇ ئادىتىم ئىنىمغىمۇ يارايدۇ. ئەمما ئالدىراپ سىرتتا تاماق يېمەيمەن لېكىن.

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:04:26

بۇرۇن تولا شۇنداق قىلاتتىم لېكىن ھازىر كۆپ تاماق ئەتمىگەچكىمىكىن ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن ، ئۆيگە كىرىپلا چېچىمنى تۈگۈپ يىغىشتۇرىۋەتكەچكە ئۇنتۇپ قالامدىم يا ...بۇندىن كېيىن دېققەت قىلسام بولغۇدەك ، لېكىن تاماق ئەتسەم قازان بېشى بىلەن ئېتىشىپ قالىمەن ، مەيلى قانچىلىك ئېتەي 1 ئادەمگە ئەتسەممۇ ، 10 ئادەمگە ئەتسەممۇ ئاشخانا ئۆيۈم تاماق تەييار بولغۇچە ئادەم كىرمىگەندەك يۇغۇشتۇرىلىدۇ ، مانا بۇ ئاپامنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامى ئاستىدا ئالتۇندەك يېتىشتۈرۈلگەن ئادىتىىىىىىىى :L:Q

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:21:03

ئانارنىڭ باش سۈرىتى ھەجەپ 酷 كەن ھە :P
بەت: [1]
: نەۋرىزە: قازان بېشىدا.....