ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدا
نەبىجان تۇرسۇنتۇرسۇن باراتئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق،مەرتلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان تۈگىمەس ناخشىنىڭ نامايەندىسى.《يەتتە قىزلىرىم》،《سەككىز قىزلىرىم》،《يالغۇز قىزلىرىم》دىگەندەك مەقبەرىلەرشىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار،ئەمما،ئۈچتۇرپاندىكى《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت باشقا رىۋايەتلەر بىلەن زادى ئوخشاشمايدۇ.《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنىپ توپىسى يېيىلغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىدۇر.تارىخىي ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە بۇ مەقبەرە مىلادى 1765-يىل (چيەنلوڭنىڭ30-يىلى) دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا،ئەسمىتۇللا بەگلەر باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى(جىگدە يېغلىقى)نىڭ ئايال قاتناشچىسى پەھلىۋان- مايسىخان باشلىق يەتتە قىزنەۋكەرنىڭ قەبرىسىدۇر.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن،《شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى》.شىنجاڭدامانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى،يەرلىك فىئودال ۋە دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچتەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ،خەلىق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى.بىرمىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە قارشى قۇيۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيداقىلدى.يەرلىك ھاكىم- بەگلەرگە ئىشەنمەي ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن،جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشتا زور ياردەم كۆرسەتكەن قۇمۇل،تۇرپان،پىچانلاردىكى بىر تۈركۈم ھاكىم-بەگلەرنى ئۈچتۇرپانغا يۆتكەپ كىلىپ يەرلىك بەگلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇردى ۋە كۈچەيتتى.ئۈچتۇرپان خەلقى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلىقلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئازاپقا ئۇچرىدى.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى كەيىپ-ساپاغابىرىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىنتايىن چىرىكلەشتى.قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇللا ئۈچتۇرپانغا ھاكىم-بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن،ئۇ يەرلىك خەلىقنى دەھشەتلىك ئەزدى.ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ئۈچتۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىچىك بەگ قىلىپ تەيىنلىدى.بۇ بەگلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ قوللانغان دارخانلىق تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ،دىھقانلارنى ئالتە كۈنگۇڭ،ۋاڭ،بەگلەرگە،بىر كۈن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 《ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھاكىم-بەگلەرگە 150 پاتمان يەر(3975 مو)،100 ئۆيلۈك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مۇئاشى ئۈچۈن 30 مىڭ يارماق يىغۋېلىش،6- دەرىجىلىك بەگكە 30 پاتمان يەر (985 مو)،تۆت ئائىلىك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مائاشى ئۈچۈن 5000 يارماق يىغۋېلىش》دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى.مۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان يەرلىك ئەمەلدارلار مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئارقا تېرەك قىلغان ھالدا شەخسىيەتچىلىكتەئۇچىغا چىقىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.جۇڭغارلار دەۋرىدە يۈرگۈزگەن كوناتۈزۈمنى تەكرار يولغا قۇيۇپ،خەلىقتىن يىغىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىنى مانجۇلارغا تاپشۇردى،قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى خەلىقنى زورلاپ،ھۇل كەڭلىكى بەش مىتىر،ئىگىزلىكى ئالتە مىتىر،ئۈستى كەڭلىكى بەش مىتىر، ئۇزۇنلىقى 1544 مىتىر كېلىدىغان ئامبالئىشخانىلىرى،ھەربىي گازارما، ئىسكىلات،تۈرمە،بۇتخانىلىرى بار تۆت چاسا،تۆتدەرۋازىلىق سېپىل سالدۇردى،ھەمدە شەھەرنىڭ نامىنى يۇڭنېڭ دەپ ئاتىدى،سېپىل سوقۇش ئالۋىڭى تېخىمۇ دەھشەتلىك بولدى.سېپىل سوقۇش جەريانىدا 《توختى》، 《تۇردى》،《تۇرسۇن》ئىسىملىك كىشلەرنى سېپىلگە باستى.بۇ ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە كەڭ خەلىق ئاممىسى مەسچىت، مەدىرىسلەرگە،ئىمام-ئاخۇنۇم، قازىلارغا ئۆشۈر-زاكات تۆلىدى،ۋەخپىلەرگەھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئىش بىجىرىش ئامبىلى-سۇچىڭ 1759- يىلى 9-ئايدىن 1765-يىلى 2-ئايغىچە ئۈچتۇرپاندا تۇرغان بەش يىل ئىچىدە ئابدۇللارغا ماسلىشىپ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېشىپ خەلىققەدەھشەتلىك زۇلۇم سالدى.سۇچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قول ئاستىدىكى چىرىكلىرى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى.19-ئەسردە ئۆتكەن خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەمنىڭ 1897- يىلى يېزىپ قالدۇرغان 《خوتەن تەزكىرسى》دىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئۈچتۇرپان خەلىقنىڭ تۆلىگەن ئالۋاڭ-ياسىقى 《جان پۈتىگى》،《چوتا بېشى》، 《خانپۇلى》،《يەر پۇلى》،《قونالغۇ》،《ئوت پۇلى》،《پۇقرالىق》، 《باسقاق》،《ھوژدارلىق》،《مىراپلىق》،《غەللە》،《باج》،《يەم-خەشەك》،《تاپان ھەققى》،《چاي》قاتارلىق 65 خىلغا يەتكەن.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ئۈچتۇرپان خەلقىنى پارتىلاش دەرىجىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى.خەلىق زۇلۇمغا چىدىماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا 《كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال》دىگەندەك پادىشاھ چيەنلوڭ ئامبال سۇچېڭغا جىگدە يۆتكەش يارلىقى چۈشۈردى (1765- يىلى 1-ئايلاردا).بۇيرۇققا بىنائەن ئامبال سۇچېڭ ئۈچتۇرپاننىڭ 《جىگدىلىك》دىگەن يېرىدىن جىگدە كۆچىتى ئېلىپ،100ساندۇققا قاچىلاپ 240 نەپەردىن كۆپرەك ھاشارچىغا كۆتۈرگۈزۈپ كىچىك بەگ رەھمىتۇللانىڭ مەسئۇللىقى،مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ نازارىتىدە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھاشارچىلار 1765-يىلى دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدەكۆچىتى ۋە ئامبال سۇچېڭنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كۆتىرىپ يولغا چىقىپ ئۈچتۇرپاننىڭ 《ئىلقىشدۆڭ》دىگەن يېرىگە كەلگەندە،بىر ھاشارچى ھېرىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇ چىرىكى ھاشارچىنى چېپىپ تاشلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ غەزىپى تاشىدۇ-دە،ھاشارچىلارنى《جىگدىنى تاشلاپ چىرىكلەرنى ئۇرۇڭلار!》دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نامى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ.قوزغىلاڭچىلار شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۈچتۇرپاننىڭ 《قارا غوجا》،《ياۋاغ》،《ئاق بوز》، 《قۇمۇچلۇق》،《جىگدىلىك》،《ئاقتوقاي》يېزىلىرىداچىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ.ئامبال سۇچېڭ 《مۆلچەرتاغ》قەلئەسىدە ئۆزىنى پارتىلتىپ ئۆلىۋالىدۇ،ئابدۇللا بەگ قېچىپ كىتىدۇ.بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دەرتمەن دىھقانلار ئۆزلىكىدىن قوزغىلاڭچىلار سېپىگەقۇشۇلۇپ،رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەھەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ چيەنلوڭ ئېلىدا تۇرۇشلۇق گىنرال مېڭرۈي،قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى ناشىتوڭ،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى بيەن تاخەي قاتارلىقلارغا قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدابۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.جۈملىدىن پادىشاھ چيەنلوڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك،ئەڭ تەجىربىلىك گىنرالى ئاگۇينى باش قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ.قەھرىمان ئۈچتۇرپان دىھقانلىرى رەھمىتۇللا بەگ،ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرى 1765-يىلى دېھقانلار ئېيى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سودىگەرئاقساقىلى ساۋۇت،شېرىپ دىگەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپبۇلىدۇ.چىڭ قۇشۇنلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى چېپىپ تاشلايدۇ.10 مىڭ كىشىنى تۆت تۈركۈمگە بۈلۈپ ئېلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالايى-ئاپەت يۇرتتا قېلىپ قالغان قېرى- چۈرى،نارسىدەبالىلار،خۇتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەيىتتە،رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان ئاتا-ئانىلىرى،سۈيۈملۈك ئەرلىرىدىن،بىگۇناھ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەر-ئاياللارنى، 《گۇڭشاڭ》ئۇرۇشىدا تارقاپ كەتكەن ئەمەت بۇرغۇي،يولۋاس پەھلىۋان قاتارلىق 150 دەك ئەركەكنى قايتا تەشكىللەپ تاغ،ئورمان ئارىلىرى،يار جىلغىلارغا يۇشۇرۇنۇپ،چىڭ قۇشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربەبىرىدۇ،ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان رىۋايەت ۋە رەھمىتۇللا بەگ مايسىخان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كېلۋاتقان ھېكايىلەردىن قارىغاندا《مايسىخان جېڭى》ئۈچ ئاي داۋاملاشقان،مايسىخان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غۇنچىخان باشلىق يەتتە نەپەرئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقاي ئۇرۇشىدا قورشاۋدا قېلىپ،ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان،كېيىن ھايات قالغان ئەل-يۇرت مايسىخان باشچىلىقىدىكى ئايال قوزغىلاڭچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا ياسىغان.مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانىئەسلى مەنزىل:http://www.honzade.com/?p=574
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا honzada تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:55
يەتتە قىزنىڭ جاسارىتى بۈگۈنكى قىزلارغا ئۈلگە بولسۇن. تۆۋە شۇنداق ياخشى تېمىنىڭ بۇ مۇنبەردە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچۇرىشىنى ئويلىماپتىمەن،
ئەسلىدە مەزكۇر تېمام مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلىغاچ ئەزا بۇلۇپ يوللاپ يۇرۇپتىمەن.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلمەيدىغان چاغلارمۇ بۇلۇپ قالىدىكەن. ئۇچـتۇرپاندىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم ››ۋە جىگدە يېغىلىغىدىكى دىھلانلار قوزغىلىڭىنى بىر كېتىم ئەسلەتكىنىڭىزگە رەخمەت
شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغىنىغا 23 يىل بوپتۇ بۇرۇن مەنمۇ بىر قېتىم ئوقۇغان ، ھازىر نۇرغۇن ياشلار بۇ تارىخنى بىلمەسلىگى مۇمكىن ، ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەتنى چوقۇم ئوقۇپ كۆرسىڭىز چۈشىنىسىز ،،، چۈنكى بۇ بىر تارىخ.
:victory::victory::victory::victory::victory::victory::victory: بۇ تارىخنى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانىدن يۆتكەپ كەلگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلماڭ كىشىلەر ھامان بىركۈنى ئوقۇيدۇ ھەم چۈشىنىدۇ .ئادەم كىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلسا بولميدۇ، يېزىپ قالدۇرۈىنىڭىزۈغا رەخمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا INTILIX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:22
honzada يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:55 static/image/common/back.gif
تۆۋە شۇنداق ياخشى تېمىنىڭ بۇ مۇنبەردە سوغۇق مۇئامىلىگ ...
ئۇنداق بولمايدۇ، بولۇپمۇ كەمىنە قىسمەت بار يەردە ئۇنداق بولمايدۇ.
سەككىز كۈنلۈك سەپەردىن مانا ھازىر قايتىپ كەلدۇق، تارىخىي تېمىلار ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشكە كەمىنە تەييار.
مەن 88-89يىللىرى بارغان ئۇچتۇرپانغا ،(ئاپامنىڭ ئاپىسىنىڭ يۇرتى ئۇ يەر،كىين ئاپاملار ئۇكىلىرىم بىلەن جىق باردى ،لىكن مەن ئوقۇش خىزمەت دەپ بارالمىدىم ،شۇنداق بولغانغا چۈشلۇق يا ئالىم بۇلۇپ كەتمىدىم ئىست دەيمەن )...
شۇ يەتتە قىزلىرىم قەبىرسىگە بېرىپ شۇ يەردىكى راۋاقلارغا ئىمزايىمىزنى يىزىپ قويغان ئىدۇق ،بىلمىدىم ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ھەقىقەتەن ياخشى يەر ئۇ ،پۇرسەت بولسا خۇدايىم بۇيرىسا بىر بېرىپ كەلسەم دەيمەن ... ئۈزۈم ئاقسۇدا بولغىنىم بىلەن خىزمەت،تۇرمۇش دەپ بارالمىدىم،ئاللاھ خالىسا بۇ يىل بېرىشقا نىسىپ بۇلارمىكىن دەپ ئويلايمەن. honzada يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:55 static/image/common/back.gif
تۆۋە شۇنداق ياخشى تېمىنىڭ بۇ مۇنبەردە سوغۇق مۇئامىلىگ ...
ھونزادە،يەتتە قىزلىرىمغا ئائىت تېمىلار بۇ مۇنبەردە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ. بولۇپمۇ مەن يەتتە قىزلىرىمغا ئائىت يازمىلارغا ئەڭ قىزىققۇچى نەدە ئۇنداق يازمىلار بولسا ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن ھەمدە مۇنبەرگە يوللايمەن.
يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قالغاچ مۇنبەرگە كىرەلمەي بۇ تېمىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرالماي قاپتىمەن.
مۇنبەردىكى باشقا دوستلىرىمىزمۇ ۋاقتى بولسىلا كىرىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرىدۇ.
يەتتە قىزلىرىم تارىخىغا ئائىت ھە قانداق تېمىلار بولسا يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن ئايىماي يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت:
[1]