ئىپتاردا قورۇما قىيمىلىق ئۈگىرە ئېتىڭ
قورۇما قىيمىلىق ئۈگىرەخۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 300 گرام، لوق گۆشتىن 100 گرام، سۇ يېغىدىن بىر قوشۇق، شوخلا قىيامىدىن بىر قوشۇق، بەرەنگە، چامغۇردىن يېرىم تال، پالەكتىن ئىككى تۈپ، شوخلىدىن بىر تال، تۇز، ئاقمۇچ، ئەتكەن مۇچ، ئاچچىقسۇ، پىياز، پىننە، سامساقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.
2. گۆشنى بىر سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، بىر مىللىمېتىر قېلىنلىقتا نېپىز توغراپ، بەرەنگە، چامغۇرلارنى ماسلاشتۇرۇپ توغرايمىز. قازانغا بىر قوشۇق ياغ قويۇپ قىزىتىپ، گۆشنى پىششىق قورۇپ توغرالغان پىياز، سامساقلارنى سېلىپ داغلايمىز، ئاندىن بەرەنگە، چامغۇرلارنى سېلىپ، قورۇغاندىن كېيىن شوخلا قىيامىنى سالىمىز ۋە يېتەرلىك سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىمىز.
3. خېمىرنى قايتا - قايتا ئىشلەپ نوغۇچ بىلەن نېپىز، تەكشى يېيىپ، يايمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ نوغۇچنى ئېلىۋېتىپ، يايمىنى قاتلاپ، بىر مىللىمېتىر كەڭلىكتە توغراپ، ئوتنى كۈچەيتىپ چۆپنى سېلىپ قاينىتىپ، تۇز، ئاقمۇچ، شوخلا، پالەك، پىننە سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىلارغا ئۇسساق بولىدۇ. ئەتكەن مۇچ، ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ.
مەنبە: «سۇيۇقئاشلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
خۇشچىراي، ئۇگەتمىڭىز بۇيىچە ئەتسەم بىزنىڭ سۇيۇقئاشقىلا ئوخشىدى. قىيمىسىنى تاپالمدىم. بىراق ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ ئاشنىڭ قيمىسى باردەك.... ئەتىلا سىناپ باقمىسام
بەت:
[1]