خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:58:36

مەزىلىك بەرەڭگە (ياڭيو)قاتلىمىسى

كېرەكلىك ماتىرىياللار :
http://www.axpaz.cn/bbs/attachment/71_3090_bcfa2a76be74565.jpg
بەرەڭگە بىر دانە ، تۇخۇم بىر دانە ، ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا . تۇز ، پەمىدۇر قىيامى ، ئاق شېكەر .
تەييارلاش باسقۇچلىرى :
1. بەرەڭگىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالغاندىن كىيىن ، قاچىغا سېلىپ ، تۇخۇم بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن ، تۇز بېرىپ ، تەكشى ئارلاشتۇرىمىز .
http://www.axpaz.cn/bbs/attachment/71_3090_24e22c0a19dcf37.jpg
2.قازاننى قىزىتىپ ، ئازراق ماي قويىمىز .( تېگىنى تۇتىۋالماسلىقى ئۈچۈن )
3. تەييارلانغان قىيامنى تۆكۈپ ، ئىككى يېقى تەكشى قىزارغۇچە پىشۇرىمىز .

http://www.axpaz.cn/bbs/attachment/71_3090_b01ed366762de58.jpg
4. پىششىپ چىققان قاتلىمىنى توغراپ تەخسىگە تىزىپ ، ئۈستىگە ئازراق پەمىدۇر قىيامى ۋە ئاق شىكەر سالىمىز . تامام .
قېنى مۇنبەرداشلار ، مەرھەمەت !

http://www.axpaz.cn/bbs/attachment/71_3090_6217bdc40735b39.jpg

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:38:52

مۇشۇ كۈنلەردە كېچىسى نىمە تاماق ئېتىشنى  بىلەلمەي تۇرغاندا ياخشى بولدى ،بۈگۈنلا ئېتىپ باقايچۇ .

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:15:36

ئادەمنىڭ يىگۈسىنى كەلتۈرۈپ:(

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 19:58:46

قورسىقىمنى ئاچۇرۇپ ،ئەتىلا ئەتمىسەم

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:33:40

مېنىڭمۇ قورسىقىم تۇيۇقسسسسسسسسسسسسسىزلا ئېچىپ كەتتا :Q

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:34:08

خېلىلا ئاساندەك قىلىدۇ ،سىناپ باقسام بولغۇدەك .
بەت: [1]
: مەزىلىك بەرەڭگە (ياڭيو)قاتلىمىسى