لەۋگە قاراپ بىلگىلى بولىدىغان كېسەللەر
لەۋ قېنىق قىزىل رەڭدە بولسا. بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، چىش بىلەن باش ئاغرىش، باش قېيىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاچچىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا توخۇ، قوي گۆشىنى يېمەسلىك كېرەك.لەۋ سۇس ئاق رەڭدە بولسا. بۇ قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاساسەن چارچاش، دولىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۆش تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك.
لەۋ سۈزۈك قارا رەڭدە بولسا. بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دېمى سىقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىپ بېرىش، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
لەۋ ئەتراپى قارىدىغان بولسا. بۇ بەدەندە نەملىك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋلدا تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق يەپ بولۇپ ئۇخلىماسلىق، دائىم پۇتىنى قىزىق سۇغا چىلاپ بېرىش كېرەك.
لەۋ يېرىلغان بولسا. بۇ بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپدىسى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، كۈندە ئۈچ تال مايمۇن شاپتۇل يەپ بېرىش، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ھەرھال ئەينەككە قاراپ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىناي :P مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:13 static/image/common/back.gif
ھەرھال ئەينەككە قاراپ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىناي
يۇيۇۋېتىپ قاراسىز ھە.:lol ئەينەككە تولا قارىمايدىغانلىقىم بولمىسا نېرۋا كېسىلى بولۇپ قالاركەنمەن.:L جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:04 static/image/common/back.gif
ئەينەككە تولا قارىمايدىغانلىقىم بولمىسا نېرۋا كېسىلى ...
ئاياللارنى تاماق يىمەيدۇ دىسە ئىشەنسەم ئىشىنەمە ئەينەككە قارىمايدۇ دىسە ئىشەنمەيمەن.
ئاياللارغا بىرىلدىغان ئەڭ ئېغىر جازا نىمە ؟، دىسە چىرايلىق كىيىم ئېلىپ بىرىپ ئەينەك يوق ئۆيگە سۇلاپ قۇيۇش دەپتىكەن. http://pic12.nipic.com/20110107/2457331_113245038000_2.jpg لەۋ بۇ ھالەتتە بولسىچۇ خۇشچىراي خانقىز ؟
ھە ، ئەرلەر ئەينەككە قەتئىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى قارىمايدۇ، تامغا قاراپ ساقال ئېلىپ ، شولىسىغا قاراپ كىيىم كىيىدۇ ئەمەسمۇ :(
تېشىۋەتكۈدەك قارىۋاتتىم بولمىسا ئوماق لەۋلىرىمگە ، ھىچ كېسەل يولۇقتۇرمىدىملا ;P
قان كەملىكىمنى قاچانمۇ داۋالاپ بولارمەن، ھاردىم...:L دەرھال ئەينەككە قاراپ باقسام ھىچ ئالامەت كۆرۈلمىدى ،قارىغاندا سەل ياخشى ئوخشايمەن شۇكرى ئاللاھ soyqut يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:43 static/image/common/back.gif
يۇيۇۋېتىپ قاراسىز ھە.
نىمىنى، تاماق يۇقىنىما:lol
بەت:
[1]
2