خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:41:58

قان تىپىغا ئاساسەن ئورۇقلاش ئۇسۇلى

A قان تىپى :بۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر يىمەك –ئىچمەك ئارقىلىق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بۇلىدۇ . بېراق يېمەكلىكىنى ھەددىدىن ئازايتىۋەتمەسلىكى كېرەك ۋە مەلۇم ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
Bقان تىپى :بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر يىمەك –ئىچمەككە دىققەت قىلغاندىن باشقا ئۆز-ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى ،تەرتىپلىك ئۇرۇقلاش پىلانى تۈزۈپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
Oقان تىپى :بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر قىسقا مەزگىللىك مەركەزلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بۇلىدۇ.بەدەن چېنىقتۇرغاندا كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىردىكى مەلۇم تۈرنى تاللاپ مەشىق قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
AB قان تىپىدىكىلەر :بۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق بۇخىل قان تېپىدىكى كىشىلەرنىڭ مىجەزى بىر ئىشقا تىرشقاندىن كېيىن دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قىلىۋاتقان ئىشىدىن يالتىيىپ قالىدۇ .شۇڭا بۇ قان تېپىدىكى كىشىلەر ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:08:03

ئىشقىلىپ بۇ قېتىم يۇرتتا كونا خىزمەتداشلىرىم ئورۇقلاپ، كىچىك قىزىلارغا ئوخشاپ قاپسىز دىيىشىپ كەتتى، ئەگەر تەنە گەپ بولمىسىلا مەن ئورۇقلاشنى ئويلىمىساممۇ بولغىدەك دەپ قالدىم:P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:24:00

ئۇرۇقلاي دىگەننى كاللامدىن چىقىرۋەتكەندىن بىرى ئۈزىچە  ئۇرۇقلاۋاتمەنغۇ تاڭ

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:55:09

رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئىككى كىلو ئورۇقلاپ بولدۇم ئەمدى ئورۇقلىسام چاتاق چىقىدۇ.:(

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 05:28:24

قان تىپىغائاساسەن سەمىرىش ئۇسۇلى يوقمۇ ؟

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:36:38

مەن ئورۇقلاشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن ،چۈنكى قانداقلا قىلغان بىلەن ئورۇقدىيالمايمەن .

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:14:06

پىلانىم قەغەزدىلا قېلىپ قالىدۇ ئادەتتە :L
لېكىن ، سەمىرىپ كىراندا تارتقۇدەك بولۇپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى دىگەندىن بېرى ھاياتىمدىن ئورۇقلاش دىگەن بۇ ئۇقۇمنى چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:04:51

كۆپ ئەمەس، ئىككى كىلو سەمىرىش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟:$53 كە چىقىۋالسام.

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 14:24:35

مەن ئاران 4كىلو ئۇرۇقلاپتىمەن ،كۆز تەگمىسۇن :lol(لىكىن قاچاندىن تارتىپ ئۇرۇقلىغىنىمنى بىلمەيمەن )،شۇنچە ئۇرۇقلىدىم دەپ خوش بولغان ئىدىم لىكىن بۈگۈن ئىگىزلىگىم بىلەن ئېغىرلىقىمنى ھىساپلاپ كۆرسەم «مىنى سەن بەك سىمىزكەنسەن ،ساڭا  بازاردىن كىيىم چىقامۇ ؟ »دەپ سۇئال قويدى ،كۆڭلۇمنى يېرىم قىلپ ...:L
بەت: [1]
: قان تىپىغا ئاساسەن ئورۇقلاش ئۇسۇلى