(قەھۋە)ئاچچىقى يامان ئاياللارغا شۇم خەۋەر
ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا يەتتە خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىكەن .
1.داغ پەيدا بولىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان مىڭىگە ئۆرلەپ، قاندىكى ئوكسىگىن ئازلاپ، توكسىن كۆپىيىدىكەن، توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەللىكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پەيدا قىلىدىكەن.
2.مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مىڭىگە ئۆرلەپ، مىڭە قان تۇمۇرلىرىنىڭ قان بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن. بۇ چاغدا قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگىن ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ مىڭە قان ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەيدىكەن.
3.ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلاندا،سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ يۈرەك ۋە قان تۇمۇرغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ،ئاشقازان ،ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن،بۇنىڭدىن ئىشتاھا ناچارلىشىدىكەن،ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن.
4.يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يىتىشمەيدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا ،كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مىڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىپ، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازلاپ كىتىدىكەن، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ،كۈچەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبور بولغاچقا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قانۇنىيەتسىز بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدىكەن.
5.جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا،بەدەن <<كاتېخۇ لامىن >> دەيدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ مەرگىزى نېرۋا سېستىمىسغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شىكەرنى ئۆرلىتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. شۇڭا ، ئاياللار ئاچچىقلانغاندا ، ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. سۇ بەدەندىكى ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، زەھەرلىك ماددىنى ئازايتىدىكەن.
6.ئۆپكىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن. ئاياللار كەيپىياتى جىددىلەشكەندە ، نەپىسى تېزلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرىشى زىيادە تېزلىشىپ كىتىدىكەن. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ، ۋاقتىدا تارىيالمىغاچقا، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يىتىدىكەن.
7.ئىممونتىت سېستىمىسىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا،چوڭ مىڭە بەدەنگە خولىستىرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل پوستلاقلىق ستىرولنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدىكەن. بۇ ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممونىتېت ھۈجەيرىلىرىنڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۈۋەنلەپ كېتىدىكەن .
مەنبە :بايىنغولىن گېزىتى .
ئايال كىشى ئاچچىقلانسا بەك سەتلىشىپ كېتىدۇ.شوڭا سۈيۇملۇك كىشىلېرىمىزنىڭ ئاچچىقلانماي،خۇشال -خۇرام،چىرايلىق يۇرۇشىنى ئۈمۇت قىلىمىز،بۇ جەھەتتە بىز ئەرلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان ،مەسئۇلىيىتىمىز بار،شوڭا ،ئانىلېرىمىزنى،ئاياللېرىمىزنى،قىزلېرىمىزنى ئاچچىقلاندۇرماي ،ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلايلى! ئاچچىقلانمايدۇ يىغلايدۇ ..
-- چۇۋۇپ قويغان ۋاقىتلىرىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:14
خوپ بولسا بۇلىدۇ.
بىزنىلا قىينىماي ئۈزىمۇ تازا تارتىدىكەن مانا .
ھەربىر ئانا قىزىنى ئۇزۇتىشتىن ئىلگىرى بىرىدىغان تەربىيە ئىكەن ماۋۇ . مەندە ھەممىسى تېپىلىدىكەن قانداق قىلارمەن؟:'(:L rohqin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:16 static/image/common/back.gif
خوپ بولسا بۇلىدۇ.
بىزنىلا قىينىماي ئۈزىمۇ تازا تارتىدى ...
روھچىن ئاۋۇ سۆز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
ئاياللارمۇ سەۋەبسىزلا ئاچچىقلانمايدۇ، بەزىدە بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىپ سالىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ. جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:16 static/image/common/back.gif
روھچىن ئاۋۇ سۆز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
ئاياللارمۇ ...
ئېشىپ كەتمەيدىغان ئاياللارمۇ بار .
روھچىنغا تازا خۇيى يامان قىزلار ئۇچراۋاتامدۇ قانداق ؟ ھەربىر داچىسىغا قەدەم باساي دىسەملا توسۇپ تۇرىدا قارىغاندا مىنىڭ ئاچچىغىم راست يامانكەن جۇمۇ ...ئۆزگەرتسەم بولغىدەك ....:L 5 جىسىگە كەلگەندە ئوقومىدىم 4 سىنىڭ ھەممىسسى باركەن دىسە مەندە ...ئەجەپبىر :o:o:@
بەت:
[1]
2