arman-taxkin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:47:06

سىزنى تەپكەن شۇ كىشىگە رەھمەت .

بىر يولۋاس بىلەن بىر ئېشەك چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.يولۋاس ئۆزىنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇپ بېقىپمۇ ئازگالدىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا "ئېشەكنى يەپ كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزمايمەنمۇ"دىگەن ئويدا ياۋۇز قىياپىتى بىلەن:-"ھۇ دۆت ئېشەك! ھەممىنى قىلغان سەن! مەن سېنى قوغلايمەن دەپ مۇشۇ ئازگالغا چۈشۈپ قالدىم، سېنى يەپ تالقان قىلىپ چىقىرىۋەتمەيدىغان بولسام!" دەپ ئېشەككە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. بىردەمدىلا ئېشەكنىڭ كاسسىسىدىن قان تامچىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئېشەك ئاغرىق ئازاۋىغا چىدىماي "ۋايجان!!!" دەپ ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز بىلەن كۈچەپ بىرلا سەكرىگەن ئىكەن، ئۆزىنى ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە كۆرۈپتۇ......
    تۇرمۇشتا بىزمۇ بەزى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە ئۇچراپ قالىمىز.ئۇلار سىزنى بىر قانچە قېتىم تۇتىۋېلىپ تېپىۋالغاندا، ئۇلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىماڭ، چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا، بۇ خىل زەربە سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭىزنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دائىم باشقىلارنىڭ : "بۇ ئىشنى ياخشى قىلغان تۇرسام، نېمىشقا مەغلۇپ بولىدىغاندىمەن؟" دېگەن ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلايمىز، ئۆزىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئىش قىلغان ۋاقىتتا چوقۇم مۇنداق خىيالدا بولىدۇ: "بۇ ئىشنى قىلالمىسام ھېچقىسى يوق، مەن يەنە.....قىلسام بولىدۇ، دەپ ئۆزىگە چېكىنىش يولى قويىدۇ، ئىش قىلغاندا پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلمايدۇ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا بىرسى سىزنى قاتتىق "تېپىش"لىگەن بولسا، سىزمۇ ھېچنەرسىگە قارىماي ئالغا ئىلگىرلىگەن بولاتتىڭىز.

    ھەربىر ھالقىلىق پەيتتە، بىر "ئەبلەخ"نىڭ كېلىپ سىزنى قاتتىق تېپىشىنى ئۇمىد قىلىمەن، ئۇ سىزنى جۈرئەتلىك بىلەن قەدەم قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەت تەشنالىقىغا بولغان ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرىدۇ
مەنبەسى - قاتىل بىلۇگى

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:12:40

بىلوگلارنىڭ ئىسمىمۇ قاتىل بوپ كېتىپتۇ-ھە؟!;P

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:10:28

مېنى تېپىۋەتسە ئۇدۇلدىن يەنە بىرى چىقىپ تېپىپ قايتۇرۇپ ئەسلى يولۇمغا زادى ئارام يوققۇ ;P

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:47:01

ئىنكاس قايتۇرۇش anar نىڭ يازمىسى

پۇتبول بۇلۇپ قاپسىزدە ؟ ۋارتاغىلا كىرىپ كەتىسىڭىز بىردەم تەپمەيتتى :lol

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:02:01

rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:47 static/image/common/back.gif
ئىنكاس قايتۇرۇش anar نىڭ يازمىسى

پۇتبول بۇلۇپ قاپسىزدە  ...

يەنە بىر مەزگىل مۇشۇ سەمىرىش سۈرئىتىم بىلەن ماڭسام ۋارتاغا كىردىغان كۈنۈممۇ يىراق ئەمەس;P

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:49:16

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:02 static/image/common/back.gif
يەنە بىر مەزگىل مۇشۇ سەمىرىش سۈرئىتىم بىلەن ماڭسام ۋا ...

بەك سەمىرىپ كەتسىڭىز ۋارتادىمۇ توختىيالماسسىزمىكىن.

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:50:30

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:02 static/image/common/back.gif
يەنە بىر مەزگىل مۇشۇ سەمىرىش سۈرئىتىم بىلەن ماڭسام ۋا ...

داچامغا سالامغا بارمىغان سىزلا قالدىڭىز جۇمۇ؟ بىكا دەرۋازا قېقىپ قالماڭ يەنە :lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:58:36

rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:50 /static/image/common/back.gif
داچامغا سالامغا بارمىغان سىزلا قالدىڭىز جۇمۇ؟ بىكا د ...

ھىم...روھچىن بۇ تەكلىپنامىنى تېزدىن يۇغۇشتۇرۋەتمىسىڭىز داچىڭىزنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلۋېتەمىكىن بۇ بالا;P، ئۇ يەردىمۇ ۋارتا ئىزدەپ جاھاننى بېشىغا كىيىدۇ بۇ :L

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:18:45

rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:50 static/image/common/back.gif
داچامغا سالامغا بارمىغان سىزلا قالدىڭىز جۇمۇ؟ بىكا د ...

باشقا بىرىنى دىسىڭىزمۇ مەيلىتى. مۇشۇ ئانارقىزنى بېرىڭ دەپ قويدىڭىزمۇ بولدى. تۆمۈر باغاقلا بۇ بالا. بىر شودۇي ئادەم باشلاپ بارىدۇ. تىزىملىگىنى دەپ بېرەي : ئەڭ ئالدىدا شىمىشكا چېقىپ ئانار بىلەن مەرىم ماڭىدۇ، تېلفۇننى تۇتۇپ باغرىم ماڭىدۇ، تاقلاپ تاقلاپ يۇسران ماڭىدۇ. « ئەستا سەت تۇرارمىز بىز بارساق» دەپ سايە ماڭىدۇ. « ئۇچرىشىپ قالدۇق ھە، يول بىركەن» دەپ ئايدار ماڭىدۇ.... شۇنداق قىلىپ « 7قىز»نىڭ يىڭى ئىش بىجىرىش ئورنىنى قۇرىۋالىمىز. قەھۋە، كۆكلەم، دىلەيسەم جۇشىلار مەرىمنىڭ تېلفۇن ئۇچۇرىنى ساقلاپ بېكەتتىلا تۇرغان مەزىملەر... شاپپىدە كېلىپ قالىدۇ.
ئانار ئۇيان بۇيان قارىۋېتىپ «  ۋىيەي، 7يىگىتچۇ» دەپ بولغىچە، چوخەي كىيىپ ئۇ كىرىدۇ « روھچىن بىلەن مەن بىر نەۋرە»دەپلا....
ئەمدى بۇلارنى بىر چۈش دەپ قارىساق، قېنى ئانار قىزغا بەرگەن مېھمان بولۇپ كېتىش تەكلىۋىنى قايتىدىن ئويلىشامسىز ياكى چۈش بوپ قالسۇنمۇ؟

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:28:00

ئۇھ. چاقچاققا بېشىمنى تىقىۋېلىپ مونۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغىنىمنى دەيمىنا. ئارمانجاننىڭ ئالدىدا سەت بولدى دە .

ئەرلەردە بىر گەپ بار. بېسىمنىڭ ئۆزى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ . مەنمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ھەممە نەرسەمنىڭ بىراقلا تەل بولۇپ كېتىشىنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيمەن. چۈنكى بىرەر نەرسىمىز كەم بولسا، بىزدە شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن بىر نىشان بولىدۇ ئەمەس. بىرەر قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزى بىزنىڭ كاللىمىزنى سەگىتىدىغان بىر سىناق. ئاللاھ ئىگەممۇ بەندىلىرىگە شۇ سىناقنى بىلىپ بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى ھەر بىر كېسەلنىڭ شىپاسىنى قوشۇپ بەرگەندەك، شۇ سىناقلارنىڭمۇ توغرا بىر قانۇنىيەتلىك ھەل بولۇش تەرىپى بولىدۇ.
شۇڭا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا « مەن جاھاندا بىر دەپ» خۇش بولۇپ، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا « بۇ جاھاندا مەنلىمۇ؟» دەپ قاقشاپ كېتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق. قىيىنچىلىق ياكى بېسىم ئالدىدا قۇرۇق قاقشاشنىڭ چامغۇر شورپىسىچىلىك بىر تەمى بولمىسا كېرەك.
كىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش بولىدىغان ياخشى ھىكايەت ۋە نەسىھەت تېمىسى ئىكەن.
قاتىل بىلوگى دىگەن ئىسىممۇ قالتىس قويۇلۇپتۇ ھە .
قايسى كۈنى كەچلىك بازارغا  ئۆيدىكىنى ئېلىپ بارغان. قىزدۇرۇلغان تۇخۇم ئالماقچى بولۇپ قارىساق سېتىپ تۈگەپتۇ. تۈگىگەن بولسا قايتايلى دەپ تۇرساق، سودىگەر كىشى، ساندۇقتىن يىڭى پىشۇرۇلغان تۇخۇملارنى ئېلىپ تىزىپ تۇرۇپ :« كەلسىلە مېھمان، يىڭى پىشقان تەملىك، قاتىل تۇخۇملار چىقتى مانا » دىگەنىدى. ئالدىراپ ئېچىۋالغان ماندارىن ئىچىملىكىنى تاس قالدىم پۈركىۋەتكىلى .  دەقىقە ئىچىدە شۇنداق كىچىك ئاپپاق، يۇمشاق تۇخۇمنى قاتىل ئاتالغۇسى بىلەن بىرىكتۈرۈپ بولالماي . . .  مۇشۇ كۈنلەردە جىق سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم دىسە. :L
بەت: [1] 2
: سىزنى تەپكەن شۇ كىشىگە رەھمەت .