guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:31:25

ياردەم قىلىڭ

يېقىندىن تورلاردا ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بازاردىن بالىلارغا بىر نەرسە ئېلىپ بېرىشتىن قورقۇدىغان بوپ قالدى ئادەم، شۇڭا بۇ قېتىم ھېيتلىق پېشرۇقلارنى ئۆزۈم بىر سىناپ باقاي دېگەن ئاۋال ساڭزا سېلىش ئۇسۇلنى ، ئاندىن باقالى ياساش ئۇسلىنى تەپسىلىي بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار، سىلەردىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم، ئەزىزلىرىم!

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:39:37

ساڭزا سېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەچ ماڭا بىر تەخسە ساڭزا ئىۋەتسەڭلا خوش بوپ كىتەتتىم.

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:02:59

ئەشكەن لەغمەن ئېتىپ كۆرگەنمۇ ؟ ھە، لەغمەننى ئېشىپ سۇغا تاشلىماي بىر قازان قايناۋاتقان مايغىلا تاشلايسىز-دە، ساغىرىپ پىشقاندا سۈزۈۋالىسىز، مانا بۇ لەغمەن قېقى، يەنى تۇڭگانىيچە ساڭزا، بولىدۇ!:P:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:03  

sarsan@roh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:08:28

لەغمەن قېقى...;P;P;P  ئالامەت گەپ بولدى ماۋۇ... قىزلار كىلىپ چۈشەندۈرۈڭلار بۇنى...ساڭزا سېلىپ باققانمۇ يا قىزلار؟ قازانغا جىق ماي قۇيىسىز، قاينايدۇ، سىز لەغمەن ئەشكەندەك ئىشىسىز، لىكىن لەغمەندىن توم بولىدۇ، ئۇنى ئىككى ياغاچقا ئىككى تەرەپتىن ئىلىپ مايغا چىلايسىز، ئاندىن بولدى دىگەن گەپ. ياغاچ ئۇزۇنراق بولسۇن، ئېزىپ تېزىپ چوكىدا قىلىپ سالماڭ، بولمىسا قولىڭىزمۇ لەغمەن قېقى بولۇپ كىتىدۇ...ساڭزىنى شۇنداق ئىتىدۇ، لىكىن باققالى قاندا بولاكى...:L

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:54:53

ئاياللار نەدە قالدى ؟  ئەرلەر سۆزلەپ كىتىپتىغۇ :o

nafisa يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:56:36

ساڭزا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلىرىدىن بىرى بۇلۇپ خۇرۇچى ئادەتتە ئاق ئۇن ،سۇ يېغى ياكى ئەبجەش ياغ ،پىياز ،كاۋاۋىچىن ۋە مۇۋاپىق مىقتاردىكى تۇزدىن ئىبارەت .ساڭزا سېلىش _خېمىز تەييارلاشتىن تارتىپ ئۇنى پىشۇرۇپ لىگەنگە ئالغۇچە بولغان جەريان يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ جەرياندۇر .
ساڭزا سېلىش ئۇسۇلى :ئالدى بىلەن پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋاۋىچىن بىلەن قۇشۇپ قاينىتىپ قۇيۇق چاي رەڭگىگە كىرگەندە پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ سۈيىنى سوۋىتىمىز.سوۋىتىلغان كاۋاۋىچىن سۈيىگە مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز ،داغلاپ سوۋىتىلغان ياغنى قۇيۇپ ئۇن سېلىپ قاتتىقراق قىلىپ خىمېر يۇغۇرىمىز .خىېمىرنى يۇغۇرۇپ پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چوڭراق زۇۋۇلا ئۈزۈپ ئازراق ياغلاپ تىزىپ تىندۇرىمىز .زۇۋۇلا تىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوتتىرىسىن چوڭراق تۆشۈك ئېچىپ ھالقىسىمان پىلتە ئېتىپ ئۇنى ئىشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ئىككى تال ئۇزۇنراق چوكىغا ئىلىپ قازاندىكى مايدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىمىز .پىياز ۋە كاۋاۋىچىن قۇشۇپ قايناتقان سۇ ساڭزىنى چىچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ ،ساڭزا چىچەكلەپ سەل سارغايغاندا سۈزىۋېلىنىپ ئىسسق ۋاختىدا ھەر قېتىم پىشقان بىر زۇۋۇللۇق ساڭزىنى بىر بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ خۇددى يۇمىلاق سەللىگە ئوخشاش ئۈستىمۇ ئۈسىت ئوراپ ،پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈل غۇنچىگەئوخشاش تىزىلىدۇ .
ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر.ناۋادا ئوت كۈچى تۈۋەن بۇلۇپ قالسا ساڭزا چىچەكلىمەي لەڭمەندەك سىدام بۇلۇپ قالىدۇ ،ھەددىدىن زىيادە قىزىق بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ ،شۇڭا يېڭى ئۈگەنچىلەر چۇقۇم ئاۋال ساڭزا خېمىرىدىن بىر ئىككى قۇيماق سېلىپ ياغنىڭ تىمپۇراتۇرىسىنى بىلىش كېرەك ،قۇيماق چىچەكلەپ تەكشى پىشسا ئاندىن ساڭزا پىشۇرىشنى باشلاش كېرەك . قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ .
ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاختىم بۇلۇپ كېتىپتۇ ،باققالى پىشۇرۇش جەريانىنى كېيىن يازاي .

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:51:23

باققالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مۇشۇ ئىسسىقتىمۇ زادى...:P
ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ھەر تەتىلدە ئاپام بىلەن كېچىلەپ پىشۇراتتۇق. ئۇ چاغلاردا قەھۋە بەك قىممەتتى.:L نەفىسە ھەدىمىز پىشۇرۇش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، كىرمەي قالسا مەن سۆزلەرمەن قېنى.:$

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:08:15

Erkman يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:02 /static/image/common/back.gif
ئەشكەن لەغمەن ئېتىپ كۆرگەنمۇ ؟ ھە، لەغمەننى ئېشىپ سۇغا ...

بۇ گەپچە2-3 كىلو سېرىق ئاش ئېلىپ ياساپ ياساپلا ساڭزا قىلىۋالسام بولامدۇ نىمە بۇيىل ;P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:08  

nafisa يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:31:52

باقالى
باقالىنىڭ خۇرۇچى :ئاق ئۇن ،تۇخۇم ،ياڭاق ،قەھۋە ،ئېرىتكەن قوي يېغى ،قۇرۇق ئۈزۈم ،ھەسەل ،ئەبجەش ياغ ،ئاق شىكەر ،سۈت قاتارلىقلار .
پىشۇرۇش ئۇسۇلى :1.قوي يېغى بىلەن سۇدانى مۇجۇپ ،ئالقاندا ئىشقىلاپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ كۆپتۈرىمىز ،ئاندىن ھەسەل شىكەر ،قەھۋە ،سۈتنى قۇيۇپ شىكەر ئېرىگۈچە قوچۇپ ،ئۇنىڭغا قۇناقتەك توغرالغان ياڭاق مېغىزىنى ،كىشمىش ئۈزۈمنى ،ئۇننى سېلىپ قوچۇپ قۇيۇق شىرنە تەييارلايمىز .
2. دۇخوپكىنى قىزىتىپ لېسنى ياغلاپ تەييارلانغان شىرنىسىنى لېسقا قۇيۇپ دۇخۇپكىغا سېلىپ ئوتتۇرا ئوتتا كۆپتۈرىمىز .باقالى قېتىشقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت پىشۇرىمىز .(پىشقان پىشمىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا سەرەڭگىنى سانجىپ كۈرىمىز ،سەرەڭگىگە چاپلاشمىسا پىشقان بۇلىدۇ .)
پىشقان باقالىنى سوۋۇتۇپ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا مۇۋاپىق قېلىنلىقتا توغراپ تەخسىگە ئالىمىز .
قىز ئاياللىرىمىز چۇقۇم سىناپ پىشۇرۇپ بېقىڭ ،سىزنىڭ پىشۇرغىنىڭىز چۇقۇم بازارنىڭكىدىن كۆپ يىيىشلىك ھەم تەملىك بۇلىدۇ .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:48:41

زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ،تىببىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەدەم ئىككىمىزنىڭ ئىچىگە پىشرۇق پىشۇرۇش ھەۋىسى چۈشۈپ زادىلا بىر پۈرسەت تاپالماي يۈرگەندە قۇربان ھېيت كېلىپ قالدى، ئاپامنىڭ بازارغا سودىلىققا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىشنى باشلىۋەتتۇق.
مەن نەلەردىدۇر كۆرۋالغان رېستىپىم بويىچە باقالىيغا مەسئۇل بولدۇم، ھەدەم شېكەر پىرەنىك بىلەن بال پىرەنىككە مەسئۇل بولدى، ئۇففففففففف~~ خېمىر دېگەننى ئايىماي يۇغۇرۋاپتىكەنمىز، تاكى كەچ سائەت يەتتىگىچە ئاپامدىن يەتكۈچە تىلنى ئاڭلاپ ئاران دېگەندە پىشۇرۇپ بولدۇق،ئويلاپ باقسام شۇ چاغدا باقاللىغا قەھۋە بىلەن شاكىلاتنى جىق سېلىۋەتكەنلىكتىنمۇ ياكى كۆيدۈرۋەتتۇقمۇ قاپ-قارىلا بوپ قاپتىكەن، ئەمما تەمىدە چاتاق يوق;P ئاۋۇ شاكىلاتنى مەن ئۆزۈم ئىچىمدىن توقۇپ چىقىرىپلا قوشۇۋەتكەن ئىدىم.
ئويلاپ باقسام ھازىر ئۇنچىلىق قىزغىنلىق يوق،بولسا ئىدى :L:L
بەت: [1] 2
: ياردەم قىلىڭ