تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا
http://7qiz.com/upimg/tursun%60ay.gifتالانتلىق شائىرە، ناتىق، ئەخلاقشۇناس تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا 1944- يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىلى ئۆزبېكىستان مىللىي ئونۋېرستېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاكى پىنسىيە يېشىغا قەدەر ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دەسلەپ شېئىرىيەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ،<<كۈي>>، <<گۈل پەسلى>>، <<دىل گۆھىرى>>، ئىزدەپ- ئىزدەپ تاپمىدىم>>، <<يىغا>> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر بولغان. كېيىنچە ئۇ دىققىتىنى مەنىۋىيەت ۋە ئائىلە، ئەدەپ- ئەخلاق تېمىلىرىغا قارىتىپ، <<بەخت نېمە>>، <<ھەزىرتى ئايال>>، <<ئوغلۇم ساڭا ئېيتىمەن>>،<< قىزلارغا ئاتالغان نەق سۆزلەر>>، <<ياشاش تىلسىمى>>، <<جەننىتىم ئانام>>، <<سۆز سېھرى>>، <<ئۆمۈر بىر كېلۇر>>،< دىلدىكى دۇر>> قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئىزچىل ئىجادىيەت ۋە سەييارە نۇتۇق سۆزلەش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن تاشقىرى، <<تەرەققىيات>> تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدىغان <<ئائىلە ئىلىمى>> تېمىسىدىكى بىر يېرىم سائەتلىك نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كۆرۈرمەنلەر سورىغان ھەر خىل سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Coffee تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:24
بۇ ئايال ئۇيغۇرمۇ ياكى ئۆزبىكمۇ؟ iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:45 static/image/common/back.gif
بۇ ئايال ئۇيغۇرمۇ ياكى ئۆزبىكمۇ؟
ئىسمى - جىسمى ئوخشاۋېتىپتۇ-دە؟ مەنچە ئۇيغۇر ئەمەس! iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:45 static/image/common/back.gif
بۇ ئايال ئۇيغۇرمۇ ياكى ئۆزبىكمۇ؟
ئۆزبەكمىكىن؟ بۇ ئاپپاينىڭ كىتابلىرىنى ئايال بولغۇچى، ئانا بولغۇچى، كېلىن بولغۇچى، قىينائانا بولغۇچى زادى بىر ئوقۇپ قويسا بولغىدەك دەپ قالدىم، شۇنداق سىلىق، شۇنداق ئېسىل سۆزلەر بىلەن سىزنىڭ يۈرەك تارىلىرىڭىزنى تىتىرتىۋېتىدىكەن، خۇددى سىزنىڭ خاتالىقىڭزى ئۈستىدە سۆزلەۋاتقاندەك سىزنى ئۇيالدۇرۋېتىدىكەن، بولسا دوستلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە باشقا نەرسە سوۋغا قىلماۇ مۇشۇنداق ئېسىل كىتابلارنى سوۋغا قىلسىڭىز ئەھمىيەتلىك سوۋغا بولغۇدەك دەپ قالدىم! مەن بەك ياقتۇرغان. ھېلىھەم ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. <<ئۆمۈر بىر كېلۇر>> مەن مۇنۇ كىتابىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەن، يەنە بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ دوستلىرىمغا روزا ھېيتلىق سوۋغا قىلاي دەپ ئويلىشىۋاتىمەن:)
بەت:
[1]