xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:03:50

رامىزان توغرىسىدا

بۈگۈن ئۇلۇغ رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى، ھەممەيلەننىڭ بۇ بەرىكەتلىك كۈنلىرىگە تېخىمۇ ئاسايىشلىق تىلەيمەن، رامىزان توغۇرلۇق مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن ئاز- تولا پىكىرلەشسەم دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يولىدىم، سەۋەبى مەن سالامەتلىكىمنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەپلىك بۈگۈن روزا تۇتالمىدىم، ئەمما كۆڭلىم بەكلا يېرىم، سىزچە ئادەم سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ئەھۋالدا چوقۇم روزا تۇتۇش كېرەكمۇ؟

Ayberchin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:26:06

مەنغۇ دەسلەپتە ئۈچ كۈن، ئوتتۇرىدا ئۈچ كۈن، ئاخىرىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسا ئوتتۇز كۈنلۈك ساۋاپنى بېرىدۇ دەيدىغان كالۋالارغا ھەيران قالدىم. ئۇنداق يېرى بولسا ھەممە ئادەم توققۇز كۈن روزا تۇتۇپ بولدى قىلمامتى.

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:15:24

زوھۇرلۇق ئايەت بىلەن ئىفتارلىق ئايەتنى يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن؟ ماڭا ئوخشاش دەھرىيلەر بىلىۋالسا ساۋابى سىلەرگە بولسۇن!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:58:25

زوھورلۇق دۇئا:
‹‹نەۋەيتۇ ئەنئە -ئەنئە شەھرى ،رامىزانە ئىننەل بەجرى ،مىنەل  مەغرۇبى خالىسە لىللاھى تائاللاھ بىرەھمىتىگە يائەر ھەمەر رەھمىن !››
ئىفتارلىق دۇئا:
‹‹ئاللا ھۇممە ئىننى لەكەسەمىتۇ ۋەبىكە ئامانەتۇ ۋە ئەلەيكە تەۋەككىلىتۇ ۋە ئەلە رىزقىگە ئەفتەرتۇ بىرەھمىتىگە يائەر ھەمەر رەھمىن !››

ئەرەپ تىلىغا خام بولغانلىقتىن ئېغىزىمدىن چىققاننى مۇشۇنچىلىك يوللىدىم، خاتاسى بولسا قالغان دوستلار توغۇرلاپ قويارسىلەر!

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 07:13:04

بىزدەك ئەرەبچىگە ساۋادسىزلارغا ئۇيغۇرچىسى يوقمۇ؟

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:37:48

:'(مەنمۇ سالامەتلىكىم يار بەرمىگەچكە تۇتالمايمەن ، ئەمما ئىچىمدىن بىر بىئارامچىلىق ...ئەتىدىن باشلاپ سىناپ باقايمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:27:23

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:37 static/image/common/back.gif
مەنمۇ سالامەتلىكىم يار بەرمىگەچكە تۇتالمايمەن ، ئەم ...

سالامەتلىككە دوقال كەلمەيدىكەن، بەلكى شۇنچىلىك ياخشى بولۇپ قالىدىكەنسىز، دوراا يەۋاتقان بولسىڭىز دورىنى توختاتسىڭىز، شۇ كۈنلۈك روزا شۇ كۈنلۈك دورا ئورنىدا سىزگە پايدا قىلىدىكەن!

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:29:16

مەن يەۋاتقان ئاۋۇ «شىپايى خورەك» قان بېسىمىمنى نورماللاشتۇرۇۋەتتى، خورىكىمنىڭ ئۈچتىن بىرى توختىدى (يېنىكلەشتى)، ئەمما يەنە بىر ئايلىق دورام قالغاندا روزا دورا ئورنىدا بولۇۋاتىدۇ!

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:14:03

Erkman يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:27 /static/image/common/back.gif
سالامەتلىككە دوقال كەلمەيدىكەن، بەلكى شۇنچىلىك ياخش ...

ۋاي شۇ مەنمۇ شۇنداق دىدىم ، ئەمما سەل ئىگەم جىق ئادەمچۇ مەن ، ئىشلىرىمغا جەمەتىمىزدىكى تۆشۈكتىن بۆشۈككىچە ھەممىسى ئارىچىلايدىغان ...شۇ بىلەت تاشلاپ بىر تەرەپ قىلىۋەتتى ، شۇنداق بولسىمۇ تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇمغۇ ،سىناپ باقارمەن ھالىمنىڭ بولۇشىغا :P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:21  

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 04:22:17

سالامەتلىك يار بەرمىسە،روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ساقايغاندا تۇللۇقلاپ تۇتۇش كېرەك.
بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما، كېيىن تۇللۇقلاپ تۇتىدۇ.
رامىزان ۋاقتىدا، ئاسما ئۇكۇل ئاسقۇزسا بولىدۇ، ئەمما قۇۋۋەت ئۇكۇلى ئەمەس، ھەم  دورا ئىچىشكە بولمايدۇ، ئەمما، كىسەل بولغاندا، مىجەزى يوق بولسا، ئۆزىنى قىينىماي، كېيىن تۇتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى، كىسەلگە،سەپەردىكى كىشىگە پەرز ئەمەس، ئەمما، ساقايغاندىن كېيىن، سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇللۇقلاپ تۇتۇش زۈرۈر.
ھەيزدار ئايال، نىپاستىكى ئايالغا روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس، ئەمما ساقايغاندا تۇللۇقلاپ تۇتىدۇ. نامازنى تۇللۇقلاپ ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما، روزىنى چۇقۇم تۇللۇقلاپ تۇتىدۇ.
روزا تۇتالمايدىغان، قېرى-ئاجىز،كىسەلچان كىشىلەر، كۈنلىكىگە ئاتاپ فىدىيە بىرىش كېرەك.
قالغانلىرى، مىنىڭ چچ بوشلۇقتىكى، ھەممىسى رامىزان ئۈچۈن،all for fast  مەزمۇندا رەسىملىك بار.  
بەت: [1] 2
: رامىزان توغرىسىدا