xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:26:04

قىزچاق توي ئىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىككەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىزلار ئىچىدە تۇرمۇش قۇرۇش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخىچە توي قىلمىغان قىزلار خېلى بار. بۇ قىزلار نېمە ئۈچۈن توي قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ تېخىچە توي قىلمايدۇ؟
تارىخىي ماتىريالىزم قارىشى بويىچە بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسە ۋە قانۇنيەتلەر ئادەمنىڭ نىشانلىق، مەقسەتلىك ۋە ئاڭلىق پائالىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك. مۇھەببەت باغلاش ۋە نىكاھلىنىش، تېگى-  تەكتىدىن ئالغاندا شەخىسىنىڭ ئىشى، ئۇ قاتتىق ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرى ۋە ئوبيېكتىپ ئىجتىمائىي شەرت- شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ، يەنىلا شەسخىسنىڭ ئەمەليىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئىجتىمائىي تارىخىي شەرت- شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكى، شەخىسنىڭ ئىدىيىۋى چەكلىمىلىكى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن يېشى چوڭىيىپ كەتكەن قىزلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان سەۋەپلەر ئۈستىدە توختالمىغاندا ئېھتىمال بۇ مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. قىزلارنىڭ توي ئىشى ۋاقتىدا ھەل بولماي، يېشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان سەۋەپلەر ئاساسە تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. تەلەپنى بەك يۇقۇرى قويۋېتىدۇ. يېشى چوڭىيىپ قالغان قىزلار ئۆزىگە ئىشىنىپ ئارتۇقچە تەماننا قويغانلىقتىن، لايىق تالاشتا قارىشى تەرەپكىمۇ يۇقۇرى تەلەپ قويىدۇ، مەسىلەن: مەدەنىيەت ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، جەمىيئەتتىكى ئورنى، ئەخلاقىي، ئىش تۈرى، چىراي- شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ياكى ئۆزىدىن ئارتۇقراق بولۇشىنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە يۇقۇرغا قولى يەتمەيدۇ، تۆۋەننى ياراتمايدۇ. ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بولمىسا، ئۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ، ھەتتا ئويلاپمۇ قويمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمىغاچقا، كەينىگە سۈرگەنسېرى لايىق تېپىش قىيىنلىشىدۇ.
2. ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇيالمايدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى ئۇبيىكتىپ سەۋەپنىڭ مەجبۇرلىشىدىن، سۆيگەن كىشىسى بىلەن توي قىلالمىغان بولۇپ، <<چىن مۇھەببەتنى قانداقمۇ ئۇنۇتۇشقا بولسۇن>> دېگەن قاراش بىلەن، ئۆزىنىڭ قايتىدىن مۇھەببەت باغلاپ توي قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئالدانغان ۋە دەپسەندە قىلىنغانلىقتىن، ئەرلەرگە ئىشەنمەيدىغان، مۇھەببەتتوغرىسىدا ئېغىز ئېچىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۋاتقان قىزلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار مۇھەببەت باغلاش، نىكاھلىنىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنمەيدۇ، يېڭىدىن تونۇشتۇرغان ئوبيېكتى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئۇرۇنمايدۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى باھانە- سەۋەپ قىلىپ، قايتا مۇھەببەت باغلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
پىسخولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مۇھەببەت باغلاش مەسىلىسىدە يەتكۈچە ئازاپ چەككەنلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇلار كۆپ ھاللاردا مۇھەببەتكە قارىتا خام خىيالدا بولغان ھەمدە خاتا مۇھەببەت قارىشىنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىشىدىن، بەلكى ئۇلارنىڭ گۈزەل قەلبىنىڭ ئىنكاسىدۇر. سەمىمىي بولغاندا قىز بىلەن يىگىت بىر- بىرىگە ئۆز ئارا يول قويۇپ، نىيەت- مەقسەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ. شۇنداقلا ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن، ئەر- خوتۇن، قېنانا، كېلىن ۋە يەڭگىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختىيار ئۆتكۈزەلەيدۇ.
3. تەمكىن بولۇڭ: يىگىتلەر بىلەن يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى قەستەن قاچۇرماڭ ياكى ناز- كەرەشمە قىلىپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ، ئەكسىچە، تەمكىن ۋە ئېغىر- بېسىق بولۇڭ. چۈنكى قىزلارنىڭ بۇنداق لاتاپەتلىك ۋە مۇلايىم خىسلىتىگە كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تەمكىن بولۇش يەنى ئاياللارنىڭ نۇمۇسچان بولۇشىنى، بولۇپمۇ شاللاقلىق ۋە چاكىنا ئارزۇ- ھەۋەسلەرگە بېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزلار يەنە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى كېرەك. تەمكىنلىك قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇ تاشقى ئامىلنىڭ قىزلارنى يولدىن چىقىرىشنى چەكلەپ، قىزلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلىشىدا زور رول ئوينايدۇ.
4. گۈزەللىككە ئىنتىلىڭ: كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىڭىزنى تۈزەپ يۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى كېلىشكەن قامەت، چىرايلىق فىگۇرا ۋە تاشقى قىياپەت قىزلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىزلار يىگىتلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھرە ئېلىپ، ئۆزىدە بىر خىل ئېسىل مىجەز- خۇلۇقنى يېتىلدىرەلەيدۇ.
قىزلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش- ئىنتىلمەسلىكى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا بەختلىك بولۇش- بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. پسىخلوگىيىدە: ناتونۇش ئىككى كىشىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان چاغدا ئۆز ئارا قالدۇرغان تەسىرى<< دەسلەپكى تەسىرات>> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن قارىشى تەرەپنىڭ چىراي- شەكلى، تەققى -تۇرىقى، فىگۇرىسى، سىرتقى قىياپىتى، يېشى ۋە كىيىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەسىر شۇ كىشىگە بولغان تونۇشنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەسلەپكى تەسىرات كېيىنكى ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسپلىنىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ قارىشى تەرەپكە قالدۇرغان دەسلەپكى تەسىراتىڭىز ياخشى بولمىسا، كېيىنكى ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۆمكىن بولماي قالىدۇ.
قىزلار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ياسىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى ساقلىشى لازىم، گەرچە توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر- خوتۇنلارنىڭ قەلب گۈزەللىكى ئۆز ئارا ئىناقلىقنىڭ ئاساسىي بولسىمۇ، لېكىن تاشقى گۈزەللىكنىڭ بۇ جەھىتتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بەزى قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆي ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. بۇ كۆپ ھاللاردا ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاجخزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
5. پەم- پاراسەتلىك بولۇڭ: پەم- پاراسەت ئاياللاردىكى بىر خىل تەبىئىي تالانت، ئاياللار ئۆزلىرىدىكى پەم- پاراسەتنىڭ ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە كېيىنكى تۇرمۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. سەمىمىيلىك، پەم- پاراسەتلىك، تەمكىن بولۇش ئاياللارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى قوغدىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئارلىشىشىغا، بولۇپمۇ ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى بىرلىكتە تەربىيلىشىگە ئاساس سالىدۇ.
6. ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇڭ: فىزىئولوگىيە ۋە پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئاياللارنىڭ جخسمانىي كۈچى ئەرلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ. لېكىن ئەستايدىل، سەمىمىي، سەۋىرچان ۋە گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئەربىلىن ئايال قوشۇلۇپ ئائىلىنى بەرپا قىلىدۇ. ئائىلە بولغانىكەن، ئەلۋەتتە تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئەرلەر ئادەتتە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھەۋەس ۋە قىزىقىشىنى بېيىتىپ، بىلىم سەۋيىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىشى، ئۆزىدە سەمىمىي بولۇش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئەلا بىلىشتەك مىجەز- خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈپ بېرىشى، تاماق ئېتىش، يىڭنە ئىشى قىلىشتىن ئىبارەت خىلمۇ خىل ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشى كېرەك. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قىز- ئاياللارنىڭ گۈزەللىك خىسلىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.

مەنبە: قىز- ئاياللارغا 200 مەسلىھەت
مەشغۇلاتتا: شاكىلاتنىڭ ئوماق بارماقلىرى.


anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:37:52

مۇشۇ شەرتلەرنى تولۇق ئورۇنداپمۇ كېىچىكىۋاتقانلار قانداق قىلسا بولار

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:12:35

تۈنۈگۈنلا مەن تېخى 38 ياشقا كىرىپمۇ توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايدا توي قىلىپ ئاجراشقان، ئىككى بالىسى بار بىر ئوتتۇرا ياز بىرىگە توي قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ نەق مەيدان خەۋەردە بىزنىڭ باشلىقمۇ بار ئىدى، ئۇ سىلەر ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇشۇنداق يېشى چوڭ بوپ كەتكىچىمۇ توي قىلمايدىغانلار بارمۇ؟ مەن تېخى سىلەرنى 18-20 دىلا ئەرگە تېگىپ، خوتۇن ئېلىپ بولىدۇ، دەپتىكەنمەن دەپ ھەيرانۇ- ھەس قالدى.
ئانار دېگەندەك يۇقۇرقى شەرتلەرنى ھازىرلاپمۇ يەنە ئولتۇرۇپ قالسا سەۋەپنى نەدىن ئىزدەش كېرەكتۇ؟

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:42:23

ئىشقىلىپ، بالدۇرراق توي قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويسا بولمىغۇدەك. بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:26:20

ھەممىسى تەقدىر، ئىگەم پېشانىسىگە يازمىسا ئامال يوقتە:L
بەت: [1]
: قىزچاق توي ئىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىككەنلىكىنى بىلەمسىز؟