ئىمزا قىلىۋالغۇدەك سۆزلەر ... تاللىۋىلىڭ .
1 . بۈرىلەرنىڭ بېشىنى ، بۈرىلەر قويلارنى يەپ كەتمەستىن بورۇن ئېلىش كېرەك .2 . ئاللاھتىن قورىقىدىغان كىشىدىن خاتېرجەم بول .
3 . ئىناۋىتىڭنى ساقلاپ قالاي دىسەڭ ، ساھىپجاماللارغا باغلانما .
4 . پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىلىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ .
5 . مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .
6 . ئاشۇ ئىگىز تاغلار ئۇششاق تاشلاردىن ھاسىل بولغان .
7 . يانتاق تىكسەڭ ، يەسىمەن ئالالمايسەن .
8 . يول بىلىدىغان پىيادە كىشى بارىدىغان يېرىگە ، يول بىلمەيدىغان ئاتلىقتىن تېزراق بارىدۇ . p
10 . ئوۋ ئىتى يولۋاستىنمۇ قورىقمايدۇ ، جەڭ كۆرمىگەن شىر تۈلكىدىنمۇ قاچىدۇ .
11 . يۇمشاق تۆشەك ئاياللارغا خاس ، ئوغۇل بالا ساۋۇت كېيىپ تۇپراقتا ياتار .
12 . بۆرىلەر بىرى – بىرى تالاشسا ، قويلار ئارام تاپىدۇ .
13 . ئاللاھنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشكەن كىشى فەردۇن ئاتلىق ھۆكۈمدارغا قارشى چىقسىمۇ ، ئۇنى يېڭەلمەيدۇ .
14 . بىر كىشى بىلىم ، ئۇچۇق قوللۇق ، ئاللاھ قورقۇنجىسى بولمىسا ، ئۇنىڭدا مەنا يوق . سۈرەت بار – دىگەنلىكتۇر .
15 . ياخشىلىق بىلەن بىر كۈڭۈلنى ئۇتۇش ، مىڭ رەكەت ناماز ئوقۇشتىن ياخشىدۇر .
16 . سېنىڭ قەدرىڭنى بىلمەيدىغانلار بولسا ، ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ... قەدىر كېچىسىمۇ مەلۇم ئەمەس .
17 . غاز دېڭىزدا چۆكمەيدۇ ، سەمەندەر ئوتتا ئازاپنى بىلمەيدۇ .
18 . يېقىنلىق ئىزدىسەڭ ، نېممەت بەرگۈچىنى ئۇنتۇپ ، نىممەت بىلەن مەشغۇل بولما .
19 . مەن ساڭا دېڭىزگە چۈشمە دىمىدىم ، چۈشۈدىغان بولساڭ ، توپانغىمۇ بەرداشلىق بەر دېمەكچى .
20 . ئېرىقتىن ئىسسىپ قالغان سۇنى ئىچكىنكى ، قاپىقى تۈرۈك كىشىنىڭ شەربىتىنى ئىچمە .
21 . مۇھەببىتىڭ بولمىسا ، سائادەتنى ئىزدىمە .
22 . بىر كالۋا ئىپارنى سېسسىق پۇرايدىكەن دىسە ، تېرىكمە ، چۈنكى ، ئۇنىڭ بىمەنە سۆز ئىكەنلىكى ئاشكارە .
23 . ساھىل بولمىغان دېڭىزدا سۇ ئۈزگۈچىنىڭ كۆرەڭلىشىنىڭ پايدىسى يوق .
24 . سۆز ئاغزىڭدىن چىقماستا ، سەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلالايسەن . چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ساڭا ھۆكۈم قىلىدۇ ...
ئەھمىدى شەيىخ سەئىدىنىڭ « بوستان » نامىلىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .
مەنبە - شاتنۇر مۇنبىرى . 24 . سۆز ئاغزىڭدىن چىقماستا ، سەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلالايسەن . چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ساڭا ھۆكۈم قىلىدۇ ...
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دەيدىغان گەپ بار ، گەپ قىلغاندىمۇ شۇ . سۆز ئاغزىڭدىن چىقماستا ، سەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلالايسەن . چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ساڭا ھۆكۈم قىلىدۇ ...
ھەر ۋاقىت ئېسىمدە ساقلاي!
مەن بىر بىر نەچچە سۆزنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم، بىر كۈنلەردە چوقۇم ئىمزا قىلىۋالىمەن، يەنە كېلىپ مەرۋەرىدەك ئالاھىدە لايىھەلىتىپ دەڭە;P، رەھمەت ئارمان تاشقىن! بۆرىلەر بىرى – بىرى تالاشسا ، قويلار ئارام تاپىدۇ ،بۇبولىدىغان گەپكەن سۆز ئاغزىڭدىن چىقماستا ، سەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلالايسەن . چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ساڭا ھۆكۈم قىلىدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:40
1 . بۈرىلەرنىڭ بېشىنى ، بۈرىلەر قويلارنى يەپ كەتمەستىن بورۇن ئېلىش كېرەك .
بەت:
[1]