otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:08:22

ئۆزۈمگە يازغان بىر پارچە خېتىم

ئۆزۈمگە يازغان بىر پارچە خېتىم

قەدىرلىك ئۆزۈم ،بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەغرۇر ياشىغىن ،ئۆزۈڭنى قەدىرلىگىن ،سۆيگىن ،چۈنكى ھېچكىم سېنى ئۆزۈڭ سۆيگەنچىلىك سۆيمەيدۇ.

قەدىرلىك ئۆزۈم ،بەزى كىشىلەر بىلەن بەزىبىر ئىشلارغا بەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمە ياكى ئۆزۈڭنى ئۇلارغا بەكلا ئۇرۇپ كەتمە ،ھەممە ئىشنىڭ تەبئىي بولغىنى ياخشى،ھەممە ئىشقا تەبئىي مۇئامىلە قىلغىن ،چۈنكى بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭشەلمىگەن ،بىز ھەمىشە ئۆزىمىز شۇنچىلىك قەدىرلىگەن ،شۇنچىلىك كۆڭۈل بەرگەن كىشىلەرنىڭ ،ئىشلارنىڭ ئالدىدا بەزىدە شۇنچىلىك قەدىر-قىممەتسىز بولۇپ قالىمىز.
قەدىرلىك ئۆزۈم ،مەڭگۈ ئۆزۈڭنى قىينىمىغىن ،مەسىلەن ؛تاماق يىيىش ،يىغلاش،بېكىنىۋېلىش ،قايغۇ-ھەسىرەتتە قېلىشتەك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەقلىقنىڭ بەلگىسى.

قەدىرلىك ئۆزۈم،ئەگەر كۆڭلۈڭ يېرىم بولغان بولسا ،خالىي بىر جاينى تېپىپ يىغلىۋالغىن ،چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ ساڭا ھېسداشلىق قىلىشىغا مۇھتاج ئەمەسەن ،يىغلىۋالغاندىن كېيىن خېلىلا يىنىكلەپ قالىسەن .

قەدىرلىك ئۆزۈم،سەن ئۈمۈدسىزلەنسەڭ بولىدۇ،ئەمما ھەرگىزمۇ ئۈمۈدىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭ بولمايدۇ،سەن باشتىن -ئاخىر شۇنۇڭغا ئىشىنىشىڭ كېرەككى ،ئەتە باشقىچە بىر كۈن بولىدۇ.

قەدىرلىك ئۆزۈم،مەيلى رېئاللىقنىڭ قانچىلىك رەزىل بۇلۇشىدىن قەتئينەزەر ،سەن يەنىلا قەتئيلىك بىلەن بۇ جەريانىڭ پەقەتلا تاڭ سەھەر ئادىدىكى بىر دەمچىلىك قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما.
قەدىرلىك ئۆزۈم ،ھەرگىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ئېسىلۋېلىپ ئەسلەپ ئولتۇردىغان ئىشنى قىلما ،چۈنكى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكنى پەقەت قويۇپ بېرىپ ئۇنى ئۇچۇرۋەتكەندىلا ،ئاندىن ئۆزۈڭنى قويۇپ بېرەلەيسەن ،ئۆزۈڭنى ئەركىن ھېس قىلالايسەن.

قەدىرلىك ئۆزۈم،ئەتىراپىڭدا ساڭا ھەمرا بولىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن ،چۈنكى مۇھەببەت بەلكىم ساڭا نىسبەتەن قىسقا مۇدەتلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ،بىراق ھەقىقىي دوسلۇق مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
قەدىرلىك ئۆزۈم،خوشال ياشا ،ئۇچۇق -يورۇق بولغىن ،قەتئىي ئىرادىلىك بولغىن ،ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ سېنىڭ مېجەز-خارەكتىرىڭ بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق.

قەدىرلىك ئۆزۈم ،ئۆزۈڭگە شۇنچىلىك ئىشەنكى ،ھەتتا ئۆزۈڭنى كۆپىرەك سۆيۈپمۇ قويغىن ،لېكىن ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزۈڭنى ‹‹مەن بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىقمەن››دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتما.




مەنبە :ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:12  

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:18:06

تېلىفون يوق ۋاقىتلاردا بىر -بىرىمىزگە پوچۇركىمىزنى چىرايلىق چىقىرىپ  سالام خەتلەرنى يېزىشاتتۇق .ھازىر ھەممە سالاملار تېلىفون ئارقىلىقلا بولغاچقا،ئۇزۇن بولۇپتۇ سالام خەت يازمىغىلى .
مانا يۇقارقى يوللانمىدەك ئۆزىمىزگە -ئۆزىمىز خەت يېزىپ تۇرساقمۇ بولغۇدەك ،قەلەم تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:47:41

مەن ھېلى ھەم بۇ خەت يېزىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن، بەزىدە قىسمەت بىلەن يۈز- تۇرانە پاراڭلىشىشقا پۈرسەت ياكى شارائىت بولمىغان ئەھۋالدا، زادى دىمىسەم بولمايدىغان گەپ بولسا چىرايلىق قىلىپ خەت يېزىپ قالدۇرۇپ قويىمەن، گەرچە ئاڭلىماققا بەكلا كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ بىراق بەزىدە ئىككىلا تەرەپنىڭ ۋاقتىنى ئالغاندىن، ياكى سۈركىلىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئادەم كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئازادە دىيەلەيدىكەن، تېلىفۇن ئۇرۇپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يازغاندىنمۇ بەك ياخشى ئۈنۈمى بولىدىكەن.

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:31:06

قەدىرلىك ئۆزۈم ، مېنى كەچۈر ...يېقىندىن ساڭا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەس بولىۋالدىم :(

guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:48:53

قەدىرلىك ئۆزۈم قەددىڭنى رۇسلاپ كۆز ئالدىڭدىكى بەختنى قەدىرلە!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:19:10

قەدىرلىك ئۆزۈم، ئەسلىڭگە قايتىۋال. لىرىك، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، رومانتىك ھالىتىڭگە قايتقىن!:L

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:54:17

قەدىرلىك ئۆزۈم ،مېنى قۇچاقلا!مەن ئۇنى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۆرىمەن;P

Ayberchin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:25:07

قەدىرلىك ئۆزۈم، ھەممىنى باشتىن باشلىغىن!

sabira يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:23:07

RE: ئۆزۈمگە يازغان بىر پارچە خېتىم

بۇ يازما ماڭا بەك ياقتى ،بۇلۇپمۇ «بىز ھەمىشە ئۆزىمىز شۇنچىلىك قەدىرلىگەن ،شۇنچىلىك كۆڭۈل بەرگەن كىشىلەرنىڭ ،ئىشلارنىڭ ئالدىدا بەزىدە شۇنچىلىك قەدىر-قىممەتسىز بولۇپ قالىمىز.»دىگەن يەرلىرى .                                 
بەت: [1]
: ئۆزۈمگە يازغان بىر پارچە خېتىم