ئەگەر ماڭا بالامنى كىچىكىدىن قايتا بېقىش نېسىپ بولسا ..
ئەگەر ماڭا بالامنى كىچىكىدىن قايتا بېقىش نېسىپ بولسا ..ئەگەر ماڭا بالامنى قايتىدىن بېقىش نېسىپ بولسا:
مەن ئاۋال ئۆز غورورۇمنى تىكلەپ بولۇپ، ئاندىن ئۆي سالغان بولاتتىم.
مەن قولۇمنى بالامغا چىنەشكە، نوقۇشقا، دۈشكەللەشكە ئىشلەتمەستىن، بالام بىلەن بىللە رەسىم سىزىشقا ئىشلەتكەن بولاتتىم.
بالامغا ئاز تەنبىھ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سىرداشقان بولاتتىم.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا، كۆزۈمنى سائەتكە قاراشقا ئاز سەرپ قىلىپ، دۇنيانى كۈزىتىشكە كۆپرەك سەرپ قىلغان بولاتتىم.
بىلىدىغانلىرىم ئاز بولسىمۇ، بالامغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە دىققەت قىلغان بولاتتىم.
بالامغا قاتتىق قول بولماستىن، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوينىغان بولاتتىم.
بالامنى ئەگەشتۈرۈپ كەڭرى دالىلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ يۇلتۇزلارنى كۆرگەن بولاتتىم.
بالامنى ئاز سىلكىشلەپ، مېھرىم بىلەن كۆپرەك قۇچاقلىغان بولاتتىم.
بالامغا بەك كاجلىق قىلماي، ئۇنىڭغا قەتئىلىكنى ئۆگەتكەن بولاتتىم.
ئۆزۈمنىڭ ھوقۇقۇمنى قوغداشنى مۇھەببەت دەپ قارىماستىن، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بولاتتىم.
دېئاننا لونمارىس
تەرجىمە قىلغۇچى نۇرگۈل ھېيت
مەنبە: جوڭگو مىللەتلىرى جورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:03
بالامغا ئاز تەنبىھ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سىرداشقان بولاتتىم.
ھەدەمنىڭ يولدىشىغا تازا ئوقۇپ بېرەيمىكىن ...قارچۇغىمىزدا چوڭ قىلغان جىيەنىمنى تولىمۇ ۋارقىراپ ئەيىپلەيدۇ:@ئاچچىقمنى كەلتۈرۈپ راست جۇمۇ، مۇشۇ بەزىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ، بالىلارنىڭ كۆڭلى بىلەن قەتئىي ھېساپلاشمايمىز، ئاتا- ئانا بولغان ھەر- بىر كىشى ئوقۇپ ئۆزىگە تەدبىقىلىغىدەك تېما ئىكەن، رەھمەت ئۆتكەن كۈنلەر، ئاشۇ مۇبارەك قوللىرىڭىزغا بەركەتلەر ياغسۇن! نىمىلا دىسەك رىئاللىق رىئاللىق ئىكەن، دىگەن بىلەن بېشىغا كەلگەندە كىتاپتىكىدەك بولۇشى ناتايىن ئىكەن:( كۈنلەر ئەپەندىم ھەجەپ ئوبدان تېما ئەكىلىپسىز، كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك ھەم ئويغاندۇرغىدەك...
مۇشۇ كۈنلەردە بۇنىڭدەك مەسلىلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ مېنى ھالسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بەزىدە گۈلدانە دېگەندەك ئەمىلىيەت بىلەن كىتاپتىكىسى باشقا-باشقا بولىدىكەن، ئەمما شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزەمنى كۆپرەك تەكشۈرەي...:L كۈنلەر ئەپەندىم ھەجەپ ئوبدان تېما ئەكىلىپسىز، كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك ھەم ئويغاندۇرغىدەك...
مۇشۇ كۈنلەردە بۇنىڭدەك مەسلىلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ مېنى ھالسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بەزىدە گۈلدانە دېگەندەك ئەمىلىيەت بىلەن كىتاپتىكىسى باشقا-باشقا بولىدىكەن، ئەمما شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزەمنى كۆپرەك تەكشۈرەي...:L ماڭا بالامنى قايتا بېقىش نىسىپ بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك،ھازىرقىدەك باقىمەن:time: ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:50 static/image/common/back.gif
ماڭا بالامنى قايتا بېقىش نىسىپ بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدە ...
توغرا، مەنمۇ ھەم شۇنداق، چۈنكى ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى ۋە قارىشى بولمىسا مېنىڭچە بۇ كەلگۈسىدىكى مەغلۇپ بولغان ئاتا- ئانا ھېساپلىنىدۇ.
بەت:
[1]