Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:08:01

يەتتە قىزلىرىم باشقۇرغۇچىلىرى دىققەت!!!

    بىر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن گۈللىنىدۇ. مۇنبەر قۇرۇلغىلى 2 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپالار بىلەن بۈگۈنگە كەلگەنلىكى ئېنىق. بىر قېتىم تىرىشىپ قويۇش، بىر قېتىم كۈچەپ قويۇش بىلەن مەڭگۈلۈك نەتىجىگە ئېرىشكى بولمايدۇ.
   بۈگۈن قارىسام باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر بىلەن كارىڭلار بولمىغاندەك تۇرىدۇ. تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغ كىشلەرنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مۇنبەرنى بۇنداق تاشلىۋىتىشكە كۆڭلۈڭلار قانداق ئۇنىدى؟  ھەربىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئېنىق پوزىتسيە  بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمەن.
سىلەر بۇنداق قىلساڭلار ئەزالار قانداق قىلىدۇ؟ «سۇ بېشىدىن لاي» دېگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇن: بىز سىلەرنى چوڭ بىلىمىز!

Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:57:20

باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ ئەمىلى ھەركەتكە ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مۇشۇنداق بىر سورۇن ھازىرلىغان مۇنبەر قۇرغۇچىلىرغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، باشقۇرغۇچلارغا تەلەپنى قاتتىقراق قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:54:52

مەن ئەزا بولغاندىن بۇيان بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرەر ئىنكاس يازغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم .

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:46:50

مۇنبەر نامىغا لايىق بولماي قالدى!
باشقۇرغۇچىلار ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا دائىر تۈرلۈك تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەنلا چەكلەنمەي يەنە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك تېما يوللاش، ئىنكاس يېزىشتا باشلامچى بولۇشى كېرەك. «ئوچۇق خەت»، «تۇتۇق خەت» ، «تەكشۈرۈشنامە»، «ۋەدەنامە» دېگەندەكلەرنى دېمىسەكمۇ بولىدۇ!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:16:27

ئىنسان ئەپەندىم ۋە ئەركمان ئاكىمىزنىڭ تەكلىپلىرىدىن سۆيۈندۈم، پەقەت رەھمەت دىيىشنى لايىق تاپتىم!

ئەزھەر يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:57:00

باشقۇرغۇچىلاردا نىمە گۇنا،گەپ ئەزالاردا.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:24:42

بۇ يەردە ھېچكىمگە گۇناھ ئارتىشقا بولمايدۇ، بەلكىم ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگگ لايىق سەۋەپلىرى باردۇر، ئۇنىڭسىزمۇ يېقىندىن بۇيان ھەممە تور بېكەتلەرنىڭ سۈرئىتى دىگەندەك ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلماي، بارلىق دوستلارنىڭ كۆڭۈللىك ساياھىتىنى تېزرەك ئاياقلاشتۇرۇپ  مۇنبەرگە تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:14:57

ئۇھھھھھھھھھھھھھھھھھھ.....ئىنكاس ئورنىغا تېا يوللاپ ، ياقتۇرغىنىمغا ئىنكاسىمنى يازاي:L

guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:53:21

ئەزا بولساممۇ تىرىشاي

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:36:39

ياخشى بوپ كىتىدۇ  ھاۋا سەل سوۋۇسا ھى ھى
بەت: [1] 2
: يەتتە قىزلىرىم باشقۇرغۇچىلىرى دىققەت!!!