anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:52:20

ئۆز-ئۆزىگە سوزلەش سالامەتلىككە پايدىلىق

بىر ئەركىشىئابتوبۇستا يۇقىرى ئاۋازدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ كەتسە، بىرەر ئايالزەردىسى قاينىغانھالدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلىگەچ ئەركىن بازارنى ئايلانسا، قارىماققا بۇ تازا قاملاشمىغانئىشتەك كۆرۈنىدۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەيدىغانلارنىڭنېرۋا كېسىلى بار دەپقاراپ كەلگەنىدى، ۋاھالەنكى، بۇ خىل كۆز قاراش كىشىلەرنىسالامەتلىككەپايدىلىق بولغان بىرخىل مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن مەھرۇم قىلغان.
      پىسخولوگلار كىشىلەرنىڭ دائىم مەقسەتلىك ھالدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە:
     بىرىنچىدىن، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىكى ئاھاڭنىڭ تىنچلاندۇرۇشرولىبولۇپ، كىشىگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتقىلىۋاتقاندەكتۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت كىشىلەردە كەمدىن كەمئۇچرايدىغان ئۆز- ئۆزى بىلەنمۇناسىۋەت قىلىشتۇر.
    ئىككىنچىدىن، يۇقىرى ئاۋازدا سۆلىگەندە قالايمىقانلىشىپ كەتكەنتەپەككۇرىنى ئىزىغاسالغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەندە، ھېرىپ- چارچىغاندابۇنىڭئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
     ئۈچۈنچىدىن،مەسىلىلەرنىئەركىن ئازادە ھالدا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. خۇددى ئۆز دوستىغاسۆزلەۋاتقاندەك، بەزى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، مەسىلىنىئاشكارا ھالدائوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز پىكىرىنىمۇ ئېنىق بايان قىلغىلى بولىدىكەن. بۇجەريانداھەر خىل خاتا پىكىرلەر ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىئايدىڭلىشىپ، ئۆزئارزۇسى ۋە تاللىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. نېمەدېگۈسى كەلسە شۇنى دېگىلى، قاچانباشلىغۇسى كەلسە شۇ چاغدا باشلىغىلىبولىدىكەن.
     تۆتىنچىدىن، ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەش ئادەمگە غەيرەت ئاتاقىلىدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىيەلىسە، نۇرغۇنئەندىشە ۋە ئىككىلىنىشلەرنىڭئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، كۆڭلىدىكى گەپلەرنىسۆزلىسە، مۆرىسىنى بېسىپ تۇرغان تاشنى ئېلىۋەتكەندەكيېنىكلەپقالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بەشىنچى، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:24:02

:o مەن تېخى ماۋۇ قارىمنى تاس قاپتىمەن دوختۇرغا بېرىپ بېقىڭ دىگىلى، يېرىم كېچىدە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆزىگە- ئۆزى سۆزلەپ كەتسە ئەنسىرەپ قالاتتىم، ئەمسە بۈگۈندىن باشلاپ خاتىرجەم بولدۇم:lol

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 00:50:35

ئۆزىگە چىرايلىق بولغان بىلەن  قىشىدىكى كىشلەر قانداق  قىلىدۇ  قايسى كۇنى تورخانىغا كىرسەم بىر كالۋا  تۇخۇ باقتىم بىر بولدى تۇخۇ باقتىم ئىككى بولدى  تۇخۇ  باقتىم ئۇچ بولدى   دەپ  سۆزلەپ   جىنىمنى  چىقارغىلى تاس  قالدى  ، ئاچىقىمدا   تەستەككە  تۆتنى سىلىپ   بەش  قىلۋەتتىم دىسە :lol

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 01:18:00

ئۈزىمىزگە سۆزلەپ قويساق بولغۇدەك پات - پات قارىغاندا ، لىن شۇ ئادەم يوق يەدە ، سۈپەت مۇھىم ماڭا ....:P

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:14:59

مەنمۇ دائىم شۇنداق قىلىمەن ، ئادەم بار يوق دىمەي ;P

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:37:45

كىچىسى ئۇيقۇلۇقتا ئۈزىگە ئۈزى سۆزلسىمۇ پايدىلىقمىدۇ ؟!;P

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:39:05

ھىم  ، مەنمۇ  ئۆيىمىزدىكى  ئەزالارنىڭ  ئىچىدە ئۆزىگە  ئۆزى  سۆزلەيدىغانلارنىڭ  باشچىسى  ئىدىم ، قارىغاندا  ھەر  قانداق سۆز چۆچەكلەرگە  باش  ئەگمەستىن  باشلىقلىق  رولۇمنى  داۋاملىق  جارى  قىلدۇرسام  بولغۇدەك ;P;P

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:23:29

مەن دائىم ئىچىمدە ئۆز-ئۆزەمگە سۆلەيتىم، قارىغاندا ئەمدى ئاۋازىمنى قويىۋېتىشنى ئۈگەنسەم بولغۇدەك. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەزى ئۆيلەردە ئۇرۇش چىقمايدۇ، دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:44:11

بىزنىڭ ئادەمدىنمۇ ئەنسىرەپ قاللاتتىم ،قارىغاندا ئەسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقكەندە.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:04:44

anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:14 static/image/common/back.gif
مەنمۇ دائىم شۇنداق قىلىمەن ، ئادەم بار يوق دىمەي

ئۆتۈنۈپ قالاي ماۋۇ تېمىدا دىيىلگنى نورمال ئادەملەرگە قارىتىلغان گەپ....سىز...(ئۈمۈدسىزلەنگەن چىراي ئىپادىسى)
بەت: [1] 2
: ئۆز-ئۆزىگە سوزلەش سالامەتلىككە پايدىلىق