anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:42:29

ئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

http://yzwb.sjzdaily.com.cn/res/1/20071107/91391194401267624.jpg ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ . يېقىندا <<لوس ئانجىلىس گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدىا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى پەقەت يېرىمدەك ساندىكى ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان . بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇش دەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان . ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ،  قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت ...) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇش لاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلەرنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش ----ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى . مەسىلەن بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ ...ۋەھاكازالار... شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، ...قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى ...ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان . ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئاۋۋال كۆڭۈل قويۇپ سەرچانلىق بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .سۆيگىنى ھەم يېقىن دوستلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ بېقىش لازىم . چۈنكى ئۇلار بىماردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقايدىغان كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارغا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . خامۇشلۇق ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىك . ئېغىرلاپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:46  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:18:40

مەن بار ئاۋازىم بىلەن قىسمەت قارىيغا  ئوقۇپ بەردىم ئانىرىم:P، ئانچە- مۇنچە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇڭ دەپ ;P

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 00:52:32

ئىنكاس قايتۇرۇش مەرۋەرى نىڭ يازمىسى

ئۇرۇپ كەتمىسۇن  جۇمۇ :lol

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:16:34

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:18 static/image/common/back.gif
مەن بار ئاۋازىم بىلەن قىسمەت قارىيغا  ئوقۇپ بەردىم ئان ...

بولار ئەمدى ...خۇي -پەيلى .ئوبدانراق ئادەملەرمۇ قالسۇن ئەتراپىمىزدا ;P

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:24:53

ئۇلارمۇ يىغلايدىكەن ھە، يىغلاپ باقسۇن، تەمىنى تېتىپ باقسۇن!;P

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:38:29

ئۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى توغرا چۈشەنسەك بولغۇدەك.;P

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:06:24

تولا ئاچچىقلىنىپ چېچىلىدىغان بولۇپ قالدى ....قارىغاندا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان چېغى با :L

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:22:09

ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر دەپتىكەن كونىلار
بەت: [1]
: ئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى