«سائەت نەچچە بولدى؟»
بىر ئادەم ئاپتوموبىلىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بوپتۇ. ئۇ ئەمدى كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلىشىغا، بىرەيلەن دېرىزىنى چېكىپ: ‹‹سائەت نەچچە بولدى؟›› دەپ سوراپتۇ. ئۇ «سەككىز بولدى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ يەنە ئەمدىلا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇشىغا بىرەيلەن دېرىزىنى چېكىپ: «سائەت نەچچە بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ يەنە سائىتىگە قارىۋېتىپ: «سەككىز يېرىم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دېرىزىنى چېكىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەچكە ئۇ قەتئىي ئۇخلىيالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىچىك قەغەزگە «مەن سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن» دەپ يېزىپ دېرىزىسىگە چاپلاپ قويۇپ، ئۇخلىماقچى بوپتۇ. بىراق نەچچە مىنۇت ئۆتە–ئۆتمەيلا يەنە بىرەيلەن دېرىزىسىنى چېكىپ: ‹‹ئەپەندىم، ھازىر سائەت توققۇزدىن 15 مىنۇت ئۆتتى›› دەپتۇ.ھېكمەت: بىز قانچىكى كۆرۈشنى خالىمىغان نەتىجە شۇنچىكى ئاسان يۈز بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىكى بەلكىم سىزگە بولغان غەمخورلۇقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ھەم قىزىقارلىق، ھەم مەنىلىك يازما ئىكەن، تەشەككۈر سىزگە ئۆتكەن كۈنلەر!
باشقىلارنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىكى بەلكىم سىزگە بولغان غەمخورلۇقىدىن بولۇشى مۇمكىن
مەنىلىك جۈملىلەركەن ~رەخمەت :hug: تىنماي ئاۋارىچىلىق تېپىپلا يۈرۈيمەن ھەم چەكسىز غەمخورلۇققا ئېرىشىۋاتىمەن .....مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا بەخىتلىكمەن :$ بەزىدە تۇرمۇشتىكى سىز ئاۋارچىلىق دەپ ئويلىغان شۇ كىشىلەر سىزگە ئەڭ يېقىن كىشىلەر بولۇشى مۆمكىن.
بەت:
[1]