esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:21:41

بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا



يۈرۈگۈم سەن تامان  سوقىدۇ  ھەر دەم ،بىلمەيمەن  نىمىشقا  كۆيىمەن ساڭا .خىياللار يۈرەكنى ئەسىرگە ئېلىپ ،ئەپ  كىلەر شاماللار ھىدىڭنى ماڭا .

سەن بىلەن تونۇشقان شۇ كۈندىن بىرى ،يۈرەكتە بىخلاندى سۆيگۈ غۇنچىسى  .بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا ،كۈرۈنەر ھەر ياقتىن سۆيگۈ تامچىسى .

قانداقچە تۇنۇشتۇق  ھىچ ئىسىمدە يوق ،ئەمما ئىسىمدە  قىلغان  سۆزلىرىڭ .بىلمەيمەن  نىمىشقا  كۆيىمەن ساڭا ،قارايدۇ  تەلمۇرۈپ ئاشىق كۆزلىرىڭ .

يۈرەككە توتاشتى شۇنداق ئولۇغ ئوت ،تارىمنىڭ  سۈيىمۇ ئۈچۈرۈلمەيدۇ .بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا ،بىلەمسەن  يۈرۈگۈم سىنى خالايدۇ.

ئۆتەمدۇ بۇ ئۈمۈر شۇنداق كۈيۈشۈپ ،سەن ماڭا ئاشىق  بوپ مەن ساڭا مەشۇق .بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا ،بولمىسۇن بۇ يۈرەك ھەرگىزمۇ پۇچۇق .

تەن  بەرمىگەن ھىچقاچان ھىقانداق ئىشقا ،تەن بەردىم  قارشىڭغا چىدالماي بۇ دەم .بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا ،قىلغان سۆزلىرىم مەڭگۈلۈك ۋەدەم .
مەنبە : قەلىمىم (ئىجادىيەت)

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:29:59

ئېسىل خانقىزنىڭ ئېسىل يازمىلېرىنى كۆرگۇنۇمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.بولسا ،كۆڭۇل خاتىرىڭىزنى ۋاراقلاپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۇت قىلىمەن!!

بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا ،
نىمىشقا ساڭىلا تارتىدۇ كوڭلۇم.
تەئەللۇق بولسىمۇ ئۆتمۇشكە كۈنلەر،
نىمىشقا سېنىلا سۆيۈدۇ كوڭلۇم.

مانا بۇ مۇھەببەت مانا بۇ سۆيگۇ،


مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:56:15

كۆيگەچكە كۆيىسىز جانىم، سىزنى بۇنداق شائىر قىلۋەتكەن كىمدۇ ئەمدى;P;P

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:49:34

بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيمەيسەن ماڭا،

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:27:48

ئاھ ~~~~~~~~~~~~~~~~~~  بىلمەيمەن نىمشىقا كۆيىمەن ساڭا

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:29:07

http://bbs.basbas.cn/attachment/BasbasMon_1107/33_4971_ac9f15360cb0838.mp3


مىسرانىمدىكى بىر دوستىمىز بۇ شئېرنى ياختۇرۇپ  ئاۋازغا ئەپ قۇيۇپتىكەن ئاڭلاپ  باقايلى :P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:30:59

مەرۋەرى ئۈستىدىكى ئادرىس بۇ شئىرنىڭ ئاۋازغا ئىلىنغىنى ئىدى، يوللىسام چىقماپتۇ  خاپا بولماي بىر ياردەم قىلۋەتسىڭىز :lol

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:59:35

باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىغا كىرىپ قويمغىان ئوخشىمامدۇ :o:o
بەت: [1]
: بىلمەيمەن نىمىشقا كۆيىمەن ساڭا