نەۋرىزە: ئاياللار قەلبىدىن.....
ئاياللار قەلبىدىن.....ئاياللار تەن قۇرۇلىشى جەھەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق بولىدۇ. جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغاندا ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بىر –ئىككى بالا تۇققاندىن كېيىن جىسمانىي كۈچ- قۇۋىتى كۆرىنەرلىك ئاجىزلايدۇ. بارلىق مىھرى – مۇھابىتىنى يۇلدىشىغا، پەرزەنتلىرىگە سەرپ قىلىپ، قېنىپ ئۇخلىيالمايدۇ، تامىغىنىمۇ ۋاقتىدا يىيەلمەيدۇ، قىز ۋاقتىدىكىدەك ئارام ئېلىشتىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت چارچاش بىلەن ھەتتا ھەرخىل كېسەللەرگىمۇ دۇچار بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاياللار بىر ئۆمۈر ئۆز بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.پەرزەنت بەختى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدۇ.
ئاياللارنىڭ بەختى، ئۇنىڭ ئاياللارغا خاس ئۇسۇل بىلەن ياشىغانلىغىدا، ئەڭ موھىمى يولدىشى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىغىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئايال بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىگە، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەرگە بېقىنىپ، باشقۇرۇلۇپ ياشاشقا رازىكى، ئەمما ئەرلىك جاسارىتى كامچىل، ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن كۆڭلىنى ئالالمايدىغان، ھالقىلىق پەيتلەردە ئايالىغا ئىگە بولالمايدىغان، ھاياتنى سۆيمەيدىغان، تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىغان گەدەنكەش قۇرۇق سۆلەت ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە يول باشلاپ مېڭىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى كېرەكسىز پاراۋۇز پويېزنى سۆرىيەلمەيدۇ.
ئاياللارنىڭ يولدىشىدىن كۈتىدىغىنىمۇ، ئۇنچىۋالا چەكتىن ئاشقان ئورۇنلىغۇسىز يوقىرى تەلەپلەرمۇ ئەمەس، ئۆزى تۆلىگەن بەدەلگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتىمۇ تۆۋەن دىيىشكە بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا: ئاياللارغانىسبەتەن، ئەرلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان كىچىككىنە غەمخورلۇق، ئىككى ئېغىز چىرايلىق سۆز، سەمىمىلىك بىلەن قىلىغان ئازغىنە ياردەم..... بۇنىڭدىن ئاياللار ئالەمچە خوش بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ مىھرى-مۇھابىتىمۇ، سۆيگىسىمۇ، شاتلىقىمۇ، كۈلكىسىمۇ، بەخت- سائادىتىمۇ يولدىشىنىڭ سەمىمىيىتىن كېلىدۇ. ئاياللار يولدىشىدىن ئېرىشكەن مىھرى- مۇھەببەتنى ھەر قانداق مىھرى- مۇھەببەتتىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ يولدىشىغا بېغىشلىغان چەكسىز ئتىقاتىدىن ھاسىل بولغان تۇيغۇ دىيىشكە بولىدۇ.
مۇھەببەتنىڭ ئاشىكارىلىق دەرىجىسى ئەۋجىگە چىققان ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزدە بولسا، يولدىشىنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئاياللار كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئىرادىسى سەل ئاجىزراق بولغان ئاياللار يولدىشىدىن ئۆچ ئېلىش ھىساۋىغا يامان يوللارغىمۇ مېڭىپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئاياللارقەلبىگە يولدىشىغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇنى قازغۇچى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يولدىشى بولىدۇ. ئۇنى قېزىپ چىقىش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى دەپسەندە قىلىدىكەن، مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلىنىپ، مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچە ئۆزگۈرۈپ، مۇھەببەتنىڭ پاكلىغىغا ، مۇقەددەسلىكىگە قارىمۇ – قارشى بولغان ئىش ھەركەتلەرمۇ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، نەتىجىدە چۆگىلەپ كېلىپ يەنىلا ئەرنىڭ غورورى دەپسەندە بولىدۇ.
مېنىڭچە بولغاندا بىز ئاياللاردا يەنىلا مۇستەھكەم ئىرادە بولىشى<< پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سېلىش>>تەك قاراملىق بولماسلىغى كېرەك . چۈنكى بىز مىللەتنىڭ ئانىسى. جەمىيئەتتىكى قالايمىقان ئىشلار چوقۇم جايىغا چۈشىدۇ. بۇ بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر! ھەرگىزمۇ ئۆتكۈنچى دەۋىرنىڭ قۇربانلىقى بولمايلى!!!
نەۋرىزە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawriza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:12
تەشەككۈرلەر بولسۇن ھەدە، مۇبارەك قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن، بارلىق قىز- ئاياللارنىڭ قەلب سۆزلىرىمىزنى يېزىپسىز!
سىزنىڭ مانا مۇشۇنداق خانىم- قىزلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا بەك سۆيۈنىمەن، بۇ يازمىڭىزنىڭ ئاخىردىكى تەلىملەردىن بەكلا سۆيۈندۈم، جىق گەپ قىلغۇم كەلمىدى، پەقەت سىزگە تەشەككۈرلا دىيەلىدىم ھەدە، قېنى داۋاملىق ئىنى- سىڭىللىرىڭىزنىڭ قەلبىگە ئېسىل يازمىللىرىڭىزدىن گۈلدەستىلەر تىزغايسىز! ئىنكاس قايتۇرۇش nawriza نىڭ يازمىسى
: نەۋرىزە: ئاياللار قەلبىدىن..... گە ئىنكاس:دىگانلىرىڭىزتوگرا؛قارشى تەرەپنىڭ كوڭلىنى ئېلىش قارىماققا ئاددىدەك بىلىنسىمۇ ئەخلاق،ساپا،ئادىمىيلىك جەھەتتە پۇختا ئاساسسى بار ئادەلەرلا قىلالايدۇ....
مەن سۆزلىمەي:lol سۆيۈملۈك ئەرلىرىمىزنىڭ مانا مۇشۇنچىلىك تەلەپلىرىمىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:) ھەر بىر مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى ئوقۇغىنىمدا بەك جىق بەك جىق خىياللارغا پېتىپ كېتىمەن ...مەيلى ئەر ياكى ئايال كىشى بولسۇن ، بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئىزدەپلا ئۆتۈپ كېتەمدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە بەزى ئەرلەر ھوقوقى ئۆسكەنچە يوغۇناپ ئەسلىنى، جاپالىق كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.شۇ ھوقۇقى ئۆسكىچە،شۇ پۇلنى تاپقۇچە ئاياللىرىنىڭ ئائلىدە قانچىلىك جاپا تارىتقىنىنى بىلمەيدۇ....... بۈگۈن ماڭا يەنە باشقىچە بىر تەسىر بەردى بۇ يازما، مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى، بىراق نەۋرىزە ھەدەم ئۇزۇن بولدى يوق، خەۋىرىنى بىلىدىغانلار يەتكۈزۈپ قويساڭلار، بىز بۇ ھەدىمىزنى ئۇنىڭ ئېسىل تەلىملىرىنى سېغىندۇق:(
بەت:
[1]