esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:12:38

بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن زادى نىمە ؟

بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن  زادى نىمە ؟تاتلىقى ۋىسالمۇ ئاچچىقى ئازاپ.كۈزۈڭدىن ياش ئاقسا ئاچچىق دەپ ئۇنى ،يەتكەندە ۋىسالغا تاتلىق دەپ توۋلاپ.
بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن  زادى نىمە ؟سۈيۈشمۇ سۈيۈلۈشمۇ بىلمىدىم پەقەت.ھىجرانغا سىلىپ قۇيۇپ چوغدەك يۈرەكنى ،كۈلكىسز ئۆتەمدۇق ئەبەدى ئەبەت.


بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن  زادى نىمە ؟سەن ئۈچۈن چوغ بۇلۇپ يانغىنىم شۇمۇ ؟ئاخشىمى ئايدىڭدا يولتۇزلار ساناپ ،سايەڭنى ھەمراھ قىلىپ يۈرگىنىم شۇمۇ ؟
بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن  زادى نىمە ؟كىچدە ئاي كەبى باققىنىم شۇمۇ ؟ئىسىمگە كەلسەڭلا جۈر بۇلۇپ كۈلكە ،سىغىنسام يولۇڭنى كۈتكىنى شۇمۇ ؟

بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن  زادى نىمە؟كۈزۈمدىن تۈكۈلگەن ئاچچىق ياش شۇمۇ ؟ئەجەپمۇ بىلمىدىم نىمىدۇر زادى ؟ۋىسالنىڭ تاتلىق دەملىرى شۇمۇ ؟

مۇھەببەت سەن نىمە بەرگىنە جاۋاپ ،يۈرەككە چوغ كەبى كىرگەن ئوت سەنمۇ ؟كېچسى ئوخلاتماي تاڭنى ساقلىتىپ ،كۈتۈشنىڭ تەمىنى تىتىقان سەنمۇ ؟


مەنبە : قەلىمىم (ئىجادىيەت)




esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:13:08

توۋا ساپساق يوللىسام بۇ نىمە  ئىش ؟؟؟؟؟؟؟؟

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:55:09

ھىم...ئېسىل خەت شەكلىنى ئوڭشىغۇچە خېلى رىيازەت چەككەن بولساممۇ، ئەمما ئېسىل شېئىرنىڭ يۈزى ئۈچۈن رازى بولدۇم;P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:45:00

تەھرىرلىمەكچىتىم  قانداق قىللىمەن ؟

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:47:26

ئۇ دىگەننى سەن دىگەنگە ئۆزگەرتمەكچىتىم


بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن زادى نىمە؟ دەپ  

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:53:34

ئسىل خانقىز مانداقمۇ ھۈنەرلىرىم بار دەڭە .....

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 19:03:51

esil يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:47 /static/image/common/back.gif
ئۇ دىگەننى سەن دىگەنگە ئۆزگەرتمەكچىتىم




تەھرىرلەپ قويدۇم، ۋاقتىنچە ئەزالارنىڭ تېما تەھرىرلەش ھوقۇقىنى ئاچمىغان، توغرا چۈشەنگەيسىز:P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:20:23

رەھمەت مەرۋەرى ....

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:20:54

ئىنكاس قايتۇرۇش anar نىڭ يازمىسى

ئەمدى ئۈگىنىۋاتقان  ھۆنەر :$
بەت: [1]
: بىلسەمكەن مۇھەببەت سەن زادى نىمە ؟