peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:09:24

سەمىمىلىك ھەققىدە قىسسە ۋە قويمىچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز

          قىسسە : بىر مۇسۇلمان كىشى بىر يەھۇدىدىن مىڭ دىنار ئالتۇن ئۆتنە ئالماقچى بولدى،  يەھۇدى ماقۇل بولدى، شۇنداقلا، ئۇنىڭغا بىر گۇۋاھچى كەلتۈر دىدى، مۇسۇلمان كىشى، ئاللاھ گۇۋاھچى دىدى، يەھۇدى، ئاللاھ گۇۋاھچىلىققا كۇپايىدۇر دىدى، شۇنداقلا، ئۇ يەنە بىر زاكالەتچى كەلتۈر دىدى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ بۇنىڭغا كۇپايە دىىدى، يەھۇدى، ئاللاھ زاكالەتچى بۇلۇشقا كۇپايىدۇر دىدى، ھەمدە مىڭ دىنار پۇلنى مۇسۇلمان كىشىگە مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا ئۆتنە بەردى،  شۇنداقلا، ئۆتنە قايتۇرىدىغان كۈندە ، چۇقۇم ۋاقتىدا كېلىپ، مىڭ دىنارنى قايتۇرۇش ھەققىدە ۋەدىلەشتى، شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان كىشى مىڭ دىنار پۇلنى ئالدى، ھە ئۇنى زۈرۈر بولدىغان ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، مۆھلەت تۇشۇدىغان چاغدا، شۇ مىڭ دىنار پۇلنى غەملەپ، دىيىشكەن كۈندە ئۆتنىنى قايتۇرىدىغان جايغا باردى، مۇسۇلمان كىشى دەريانىڭ بۇ قېتىدا، يەھۇدى دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئىدى، مۇسۇلمان كىشى ھەر قانچە قىلىپ، قارشى قىرغاققا بارىدىغان بىرەر كېمىچى تاپالمىدى، دىگەن ۋاقىتدا پۇلنى بىرەلمەي قېلىشتىن يۈرىكى سىقىلدى، ئۇ ياق بۇ ياقلاردىن شۇنچىلىك ئىزدىگەن  بولسىمۇ،  پەقەت ئامال بولمىدى، ئاخىرى، مۇسۇلمان كىشى، بىر ياغاچ تېىپىپ كېلىپ، ئۇنى مىڭ دىنار پاتقىدەك قىلىپ، ئويدى، ھەمدە، مىڭ دىنارنى شۇ ياغاچنىڭ ئۇيۇلغان جايىغا مەھكەم جايلاشتۇرۇپ، ئاللاھغا سېغىنىپ، دۇئا قىلىپ، بۇ ئامانەتنى شۇ يەھۇدىنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرىلىشى ئۈچۈن، چىن دىلىدىن دۇئا قىلدى، ئاقىۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ياغاچ دەريادا سۇ ئېقىمىدا ئۈزۈپ، قارشى قىرغاققا، يەھۇدىنىڭ  قولىغا يىتىپ باردى، مال ئۆز قولىغا يەتكۈزۈلدى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشى مالنىڭ ئۆز قولىغا تەگمەي ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى،  كېىين، باشقا بىر كۈنى قارشى قىرغاققا كېمىچى تېپىپ ئۈتۈپ ، يەھۇدىنى ئىزدەپ تېىپ، ئەھۋالنى  دىدى، يەھۇدى، مىڭ دىنار سېلىنغان ياغاچنىڭ ئۇ تەرەپكە ئۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، مىڭ دىنار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى، شۇ چاغدىلا مۇسۇلمان كىشىنىڭ كۆڭلى ئەمن تاپتى.
........................
          بۇ قىسسەدە بىر تەرەپتىن، چىن دىلىدىن قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىنتايىن سەمىمى ئىكەنلىكىنى، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.  ئەمدى، ھازىرقى جەميەتتە قارىساق،  بەزى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەتتا قول بېسىپ، تامغا بېسىپ قىلىغان ئۆتنە، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىغا ئىنتايىن يالغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنى ئالداۋاتقانلىقىنى، بۇ بەرىبىر باشقا يات دىندىكىغۇ دەپ، خالىغانچە قارشى تەرەپنىڭ ماللىرىغا خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى،  ھەتتاكى تۇل يىتىم يېسىرلارنىڭ ھەققىگە قولىنى سۇزۇپ، سەمىمىيەتسىزلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى پات پات ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قويمىچى دىگەن سۆزنىڭ ئىنتايىن تىز، كەڭرى ھالدا  تىلىمىزدا    ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ھىچكىمگە ناتۇنۇش ئەمەسلىكى روشەن پاكىت. بەزى شىركەتلەر ئوپ-ئۇچۇق ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان، ھەر زەبەردەست ئەركەكلەرنىڭ ئاغزىدا ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ، ئىچكەن قەسەملەر، تۈزگەن بىتىملارغا ئەمەل قىلماي، ئالدامچىلىق قىلىشى، باشقىلارنى ئالدىشى خۇددى ئۇلار ئۈچۈن، يۇۋاشنى بوزەك ئەتمىسەك، قىيامەتتە سورىقى بار دەپ، خاتا ئاڭدا قۇبۇل قىلغان بۇ نادانلارچە، يامانلارغا يانتاياق بولىدىغان بۇ جۈملىنىڭ شۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن سەممىيەتسىزلىكىدە ئىپادىلىنىشى ، كىشىنى بەكمۇ نەپرەتلەندۈرىدۇ،  ھەي ،ئاشۇ سەن ئالدىۋالغان پۇللار، باشقىلارنىڭ مۇلكى ئەمەسمۇ ؟ باشقىلارنىڭ قان تەرى ئەمەسمۇ ؟ خەلقنىڭ ،قېرىنداشلىرىڭنىڭ مال مۈلكى ئەمەسمۇ ؟  
         ئۈلۈم ئىبرەت ئېلىشقا يىتەرلىكتۇر، سوراق، ھەممىمىزگە بار، ئۆزەڭ قىلغان گۇناھلارغا ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ، ئەمما، باشقىلارنىڭ مال-مۇلكى، ئىززەت-ئابرويىغا دەخلى قىلىدىكەنسىەن،  شۇ كىشىنىڭ ھەققى سىنىڭ ھەققىڭ ۋە ساۋابلىرىڭدىن تاكى شۇ كىشى رازى بولغۇچە قەدەر بۇيرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ چاغدا زىيان تارتىدىغنى دەل ئۈزەڭ، بۇ دۇنيادا ۋىجدان ئازاۋى تارتىشىڭ مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ دۇنيادا ئوتنىڭ ئازاۋىنى تارتىشىڭ مۇقەررەردۇر.
      كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ.
      كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:50:23

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ.
      كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
----------
ئېسىل سۆز!

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:41:49

ياخشى تېما!
بىراق ئاشۇ قويمىچىلاردا سىز ئېيتقان ئىنساپ، دىيانەتتىن زەرىچىلىك بولسىدى، ئۇ بۇنداق ئىشنى قىلماس ئىدى!

مودەن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:17:50

قۇيمىچىلارنى ئاللا ئۆزى جازالايدۇ .يا ئۇداق يا بۇنداق يۇل بىلەن جاججىسىنى بىرىدۇ.ھارام مال سىڭمەيدۇ.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:45:45

بەزىلەرنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى يەۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك غەش بولدۇم.  تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى دىگەن دەل تول خوتۇن، يىتىم-يىسىر، ئاجىز-ئورۇقلارنىڭ پۇلى ئەمەسمۇ؟!!
بەت: [1]
: سەمىمىلىك ھەققىدە قىسسە ۋە قويمىچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز