مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:22:45

قايغۇلۇق خەۋەر

/forum.php?mod=viewthread&tid=1876
/forum.php?mod=viewthread&tid=1885

يۇقىرىقى تېمىلاردا دېيىلگەن قىزنىڭ دادىسى بۈگۈن تېلېفون قىلدى:

ئۇلار  غۇلجىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، قىز يەنە ئۆزگىرىپ قېلىپ، ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەنە داۋالانغان.
بۈگۈن ئەتىگەن ئۇزۇن مەزگىل كېسەل ئازابىنى تارتقان قىزىمىز رۇفىنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ماكان تۇتقان.
ھايات دېگەن شۇنچىلىكلا ئىكەن. بىز سۆيگەن، بىزنى سۆيگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىكلا ئىكەن...
بۇ قىزغا نۇرغۇن قېرىنداشلار ئىقتىسادىي ۋە روھى جەھەتتىن ياردەم قىلدى. قىزنىڭ دادىسى-بىر ئەركەك بىزنى كۆرۈپ، تونۇمىغان، بىلمىگەن بىراۋلارنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىنى، ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. مانا بۈگۈن بۇ  دادىنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل خوشلۇقى رۇفىنە باقىيغا كەتتى...
خۇلاسە شۇكى، ھەركىم ئۆز يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىشى، مەن قانداق ياشىدىم، قانداق ياشىماقچى دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ بېقىشى كېرەك ئىكەن.

ئەلۋىدا قىزىم، ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:06:22

ئالدىراشچىلىقتىن بۇ تېمىغا كىرىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەندىم تېخى...........:L

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:26:33

ئىننە لىللاھى ۋە ئننە ئىلەيھى راجىئۇن
سىڭلىمىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن. ئاتا-ئانىسىغا سەبىرلەر يار بولسۇن.

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:18:04

ياتقان جايى كەڭرى بولسۇن !!  

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:52:45

dilroh يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:18 static/image/common/back.gif
ياتقان جايى كەڭرى بولسۇن !!

ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن :'(

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:32:49

ئوماق بىر نارسىدە، ئاشۇ مەسئۇليەتسىز كىشىلەر تەرىپىدىن بىزدىن بالدۇرلا ئايرىلىپتۇ، ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!
سىز بىز ئاڭلىمىغان بىلەن مانا مۇشۇنداق مەسئۇليەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئازمۇ:Q بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:33  

Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:21:09

جاپاكەش دادا نىمە ئويلاۋاتقاندۇ شۇ تاپتا؟! :'(

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:55:09

ياتقان جايى كەڭرى بولسۇن:(:(:(:(:(:(

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:39:53

يىقىندا مەرىم غۇلجىغا بېرىپ بۇ قىزنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلپ بېرىپتۇ ،بىچارە ئاتا شۇنداق يىغلاپ كەتتى دەيدۇ ،بىز ئاڭلاپ بەك خوش بۇلۇپ كەتتۇق ،شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بوپتۇ دەپ ،شۇ نارسىدىنىڭمۇ روھى كۈلگەن بولغىيتى ئىلاھىم !
بەت: [1]
: قايغۇلۇق خەۋەر