esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:39:23

چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ

سىېغىنىش يۈرەكنى تىلغاپ تۇرسىمۇ،   
ھەتتاكى كۈزۈمدىن قان ياش ئاقسىمۇ .  
چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ ،   
يۈرەكلەر ئازاپتىن پارە بولسىمۇ ...

ئازاپلار يۈرەكنى باغلسا مەھكەم ،
ئالغىلى قويمىسا ھەتتا بىر نەپەس .  
چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ ،
تولسىمۇ يۈرەككە ئازاپلار پەۋەس ...

سەنسىز ياشيالماس بولساممۇ گەرچە ،   
ئاتمىسا ھەتتىكى سېنىسڭىز بۇ تاڭ .  
چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ ، 
مۇھەببەت ئەسلىدە ئىكەن چوڭقۇر ھاڭ ..



كۈرۈنمىسە كىچدە بىر تالمۇ يولتۇز ،
ھەتتاكى ئايمۇ بىر كۈرۈنمەس بولسا .
چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ ،
ئاسمانغا قوياش قايتا چىقمىسا ...


  
سىنىڭسىز ئۆتمىسە گېلىمدىن تاماق ،   
ياشايمەن مەن مەغرۇر ئازرۇيۇم بىلەن .   
چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ ، 
ئۆلسەم رازىمەن تەبەسسوم بىلەن...


چىدايمەن ھەممىگە لىۋىمنى چىشلەپ ،   
كۈزۈم ياش بولسىمۇ كۈلۈپ ياشايمەن.
ئازاپلار قىينىسا ، تاشلاپ يۈرەكنى ،
بەك بولسا يۈرەكسىز شۇنداق ياشايمەن ...  
  

مەنبە : قەلىمىم  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:41  

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 08:00:44

بەزىدە سېغىنچنى باسماق ھەقىقەتەن قىيىن!

sarsan@roh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:22:56

قەلىمىڭىزگە بارىكاللا دوستۇم... ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق شېئىركەن، غەيرەت، ئىرادە ئەكىس ئىتىلىپتۇ... چوقۇم لىۋىڭىزنى چىشلەپ قەيسەرلىك بىلەن ياشاڭ... ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن...:)

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:50:49

http://player.56.com/v_Mzc3MDU2MTY.swf

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:21:45

ئېسىل...ئېسىل....
مۇنداقمۇ ھۆنەر بار دىمەستىن، نېمىشقا بالدۇراق يازمىغان شېئىرلارنى:o، كىمدۇر سىزنى شائىر قىلۋەتكەن:P

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:46:27

تۇنجى  شىئىرىم بۇ  شۇڭا ئايىماي پىكىر بىرەرسىلەر .... :lol

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:19:07

غۇرۇر ئۈستىگە يېزىلغان يېزڭلغان شېېركەن، خۇددىي گۈل ئۈستىگە گۈل چەككەندەك چىقىپتۇ.نەق مۇشۇنداق بولۇش كېرەك......

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:25:44

رەھمەت ...

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:39:29

لېۋىڭىز قاناپ كەتمىگەي ئېسىل....چىشلىمەسلىككە تېگىشلىك يەردە چىشلىمەڭ!
بەت: [1]
: چىدايمەن ھەممىگە لېۋىمنى چىشلەپ