باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشمۇ گۈزەل ئەخلاق
يېقىندا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا باردىم، لېفىتتا ئادەم كۆپ ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
- سىلى قەيەردىن؟
- پوسكامدىن.
- ئەرلىرىنى نىمىشقا كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەكەلدىلە؟
- ئۇنىڭغا ئىلگىرىلا ئېيتقان، بىراق ساقىيىپ قالىمەن، دەپ ئۇنىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىز قىسقا كېلىپ قالدى...
- چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىفىتتىكىلەر ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراشتى. ئېرىنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭدى، بىراق لام-جىم دېمىدى، كۆڭلۈم غەشلىككە تولدى.
ئەسلىدە ھەر ئىككى ئايال كېسەلگە قارىغۇچى بولۇپ، ئوخشاشلا تەسەللىي ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. ھېلىقى ئايال: «كۆڭۈللىرىنى توق تۇتسىلا، ئەرلىرىنىڭ كېسىلى شىپا تېپىپ قالار» دېيىشنىڭ ئورنىغا كۈلگىنى نېمىسى؟ شۇنداق دەپ قويسا، كۆڭلى پەرىشان ئايال تەسەللى تاپماسمىدى؟ بەلكىم ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچاردۇ ياكى باشقا سەۋەبى باردۇ، بىزدە: «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن ماقال بار، شۇڭا ئېسىل ئەخلاقىمىزنى نۇرلاندۇرايلى، باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى، ياردەم قىلالمىساقمۇ، كۆپرەك تەسەللى بېرەيلى، ئۇلارنىڭ زىدە كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى!
توۋا....تازىمۇ بىر تەربىيە كۆرمىگەن خوتۇنكىنا، مەن بولسام:
سىلىنىڭ ئەرلىرى قىلىدىغانغا ئىش يوق دوختۇرخانىغا كىرىپ قالمىغان بولغۇيتتى دەيتتىم تازا:@ مۇشۇنداق زۇۋانى سۇغۇق ئادەملەر ئەتراپىمدا بەك جىق جۇمۇ...بىر تۇغقىنىمىز ئاشقازان راكى بولۇپ ئاشقازىنىنى كېسىۋىتىپ، ئۈچەي بىلەن قىزىلئۆڭگەچنى ئۇلاپلا قويۇپتۇ، لېكىن بۇۋايغا ئۇختۇرماپتۇ. بىرسى كىرىپ ‹‹ سېنىڭ ئاشقازىنىڭنى كىسىپ ئېلىۋىتىپتۇ دەيدۇغۇ›› دەپتىكەن. شۇنداق ياخشى بوپ قالغان ئادەم ئىككى ھەپتىگە قالماي تۈگەپ كەتتى. بۇمۇ ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئوخشايدۇ. ئاش قازنى بولمىسا قانداق ياشايدۇ ئادەم sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:11 static/image/common/back.gif
ئاش قازنى بولمىسا قانداق ياشايدۇ ئادەم
قانداق ياشايتتى، تاماقنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم يەيدۇ، بەدەندە ساقلىنىش ۋاقىتى ناھايتى قىسقا بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئادەملەر بەك ئورۇق بولىدۇ. تاماق قانداق ھەزىم بۇلىدۇ :$ sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:33 static/image/common/back.gif
تاماق قانداق ھەزىم بۇلىدۇ
ھەزىم بولمىايلا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ قورسىقى توختىماي ئېچىپ تۇرىدۇ، توختىماي يەپ تۇرىدۇ...ھەم شۇ سەۋەپلىك بۇنداق كىشىلەر يىرىك تاماق يىيەلمەيدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. - چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ.
:Lكۆرۈشۈپ قويىدىغان ئايالكەن ماۋۇ شۇم ئىغىز خوتون ئاغزىغا تەتۈر شاپلاق بىلەن بىرنى قويماي :@:@:@
بەت:
[1]
2