ئايدار--گالنى ئاسراشتىكى ئون ئىككى چارە
گالنى ئاسراشتىكى ئون ئىككى چارە1. گال ۋە ئېغىزنىڭ پاكىز ۋە نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. دائىم بىر ئىككى يۇتۇم قايناقسۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاقنىڭ نەملىكىگە، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئورنىدىن تۇرغاندا، تاماقتىن كېيىن قايناقسۇ ئىچىۋەتكەندە، تاماق قالدۇقلىرىنىڭ يۇتقۇنچاقتا تۇرىۋىلىپ، مىكىرۇپ يىغىپ يۇتقۇنچاق پەردىسىنى غىدىقلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېغىزىنى چوتكىلاش، چايقاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
3. چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېتىشتىن بۇرۇن چوڭ تەرەت قىلىش كىرەك، بولمىسا ئۆچەيدىكى چىقىرىلما ماددىلار چىرىپ، ئىسسىق ئېشىپ، كانايغىچە چىقىپ، كاناي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
4. ئۇيقۇنىڭ تولۇق، ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى ئۇيقۇ ھالىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، قان سۇيۇقلىقىنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىپ، مۇسكۇللاردا ھارغىنلىق پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ، يۇتقۇنچاق تەرەپتىكى مۇسكۇل ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئۈنى پۈتۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
5. سەھەر تۇرۇپ يېرىم سائەت ئاستا يۈگىرەپ بەرگەندە، بىر كىچە ئۇخلىغاندىكى ئىسسىقلىقتا پەيدا بولغان زەھەرلەر تارقاپ، ئوكسىگىن تولۇقلىنىپ، گال ساغلاملىشىدۇ.
6. تاشپاقىدەك نەپەسلىنىشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش. بويۇننى سوزۇپ، باشنى سەل ئالدىغىراق قىلىپ، نەپەسلىنىپ، بويۇننى قىسىپ، ئىككى مۈرىنى قىسىپ نەپەس چىقىرىش كىرەك. چوڭقۇر ھەم ئاستا نەپەسلىنىش، نەپەس ئالغان ۋاقىت چىقارغان ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىشى كىرەك.
7. ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك ياكى ناھايىتى ئاز يىيىش كىرەك، بۇ يۇتقۇنچاق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
8. تاماق يىگەندە ئامال بار گەپ قىلماسلىق كىرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، گالغا قان تولۇپ، چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9.ئادەتتە، خام تۇخۇم ئېقى، نەشپۈت شېرنىسى ( نەشپۇتنى يالپاقلاپ سۇغۇق قايناقسۇدا يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ)، سوغۇق قايناقسۇغا شاللانغان ھەسەل قاتارلىقلار گالنى ئاسرايدۇ.
10. ھەر كۈنى غىڭشىپ ئۆزى بىلگەن ناخشىلارنى ئېيتىپ بىرىش، بۇ گالنى ئاسراشتىكى يىنىك بىر ھەركەت بولۇپ، گالدىكى قىسمەن جايلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئاۋازنىڭ سۈزۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
11. ھەر كۈنى پەس ئاۋازدا ‹‹ھە››، ‹‹ھى ›› ‹‹ھو ›› دەپ غىڭشىپ بىرىش.گال مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرىدۇ.
12. ھەر كۈنى تىلنى ھەركەتلەندۈرۈپ گالنىڭ ئىككى تەرىپىگە تەككۈزۈپ بىرىش كىرەك. بۇ ھەركەتنى ئوڭ سولغا ئۇدا يىگىرمە ھەپتە، ئاستى ئۈستىگە يىگىرمە ھەپتە يىگىرمە قېتىمدىن ئىشلەپ بەرگەندە، گال ساغلاملىشىدۇ.
مۇنداق ئون ئىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
ھەر كۈنى يېرىم جىق ئاشلىق يەڭ. دانلىق زىرائەتلەر (شال، تېرىق، قوناق، بۇغداي، دادۇر-پۇرچاق) چوڭ مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ، ئاشقازان-ئۆچەينى ئاسرايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا يىيىلگەن ئاساسى تاماق مىقدارى سىزنى ھەرگىز سەمرىتمەيدۇ.
2. كۈندە بىر ۋاق قارا ئاشلىق يەپ بىرىڭ. قارا ئاشلىقتا ۋىتامىن ب مىنىرال ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق تالاسى مول بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، زېھنى قۇۋۋەتنى ئۆستۈرىدۇ.
3. كۈندە بىر جىڭ كۆكتات يەپ بىرىڭ. كۆكتات بولسا ساغلام تۇرمۇشنىڭ ئاچقۇچى، كۆكتاتتىكى ساغلاملىق تەركىبلىرى، ۋىتامىن ۋە ئۇزۇقلۇق تالاسى كىشىلەرنى كىسەللىكتىن يىراق قىلىدۇ.
4. ھەر كۈنى يېشىل رەڭلىل يىمەكلىكلەردىن 250 گىرام يەپ بىرىش، كۆكتاتلار ئىچىدە يېشىل كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يوقىرى، يىلىكنى قۇۋەتلەش بولسۇن، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىش بولسۇن، يېشىل كۆكتاتلارنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك
5. ھەر كۈنى 250گىرام ئەتراپىدا مىۋە-چىۋە يەپ بىرىش، مىۋە-چىۋىلەر تاتلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى چوڭ بولۇپ قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، خولىستىرىننى تىزگىنلەيدىغان ھەمدە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كالىي كۆپ مىقداردا بار.
6. ھەر كۈنى بىر سەر گۆش يەپ بىرىش كىرەك، گۆش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر،سىنىك ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار بار بولۇپ ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ پاقىراق، بەدىنىنىڭ ئىسسىق بولۇشىغا ياردەم بىرىدۇ.
7. ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يىيىش كىرەك، تۇخۇم سېرىقى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كانى، ئۇنىڭ تەركىبىدە 12 خىل ۋىتامىن ۋە ساغلاملىق تەركىبلىرى بار بولۇپ، قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ.
8. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بىرىش كىرەك. سۈت تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىتسىي ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئاياللارغا كەم بولسا بولمايدۇ، ئەگەر سۈت ئىچىشنى ياقتۇرمىسىڭىز، قېتىق ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ يۇقىرىدە دىيىلگەن ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپلا قالماي بەلكى يەنە پايدىلىق باكتىرىيەلەر تېنىڭىزگە ساغلاملىق ئەكىلىدۇ.
9. ھەر كۈنى ئالتە مىڭ قەدەم مېڭىپ بىرىڭ، ھەركەت يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەمدە بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاشتىكى ياخشى ئۇسۇل، يولنى تېزراق مېڭىپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى خىل باشقا تەنھەركەتنى قوشۇپ بەرگەندە قېرىشنى كىچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
10. ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. سۈپەتلىك ئۇيقۇ ھۆسىن تۈزەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ھەمدە كېسەللىكنى ئازايتىپ خەتەرنى تۈگىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
‹‹ئائىلە دوختۇرى ›› ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئەنۋەر جېلىل تەرجىمە قىلدى.
كەسپىي كېسىلىم مېنىڭ گېلىم پۈتۈپلا تۇرىدۇ ئۇف..... بەك جىقكەن ئايدار مىڭ ئەپسۇن مەن بىر ئايدا 1 جىڭمۇ سەي يىمەيمەن :$ . ھەر كۈنى پەس ئاۋازدا ‹‹ھە››، ‹‹ھى ›› ‹‹ھو ›› دەپ غىڭشىپ بىرىش.گال مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرىدۇ.
بۇنى بەك مەشىق قىلمىسام تازا;P
ئايدارىم ، بۇلار راستىنلا پايدىلىق بولسا سىناپ باقاي جۇمۇ ، بۈگۈن بەك قىينالدىم گېلىم تامامەن كونتىروللۇقىنى يوقاتتى :Qجانان چىنىدەك ئاۋازىمغا كۆز تەگدى :'( ۋاي ۋاي ئىزدەپ تۇراتتىم مۇشۇنداق تىمىنى .........مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈندە ئاۋازىم ئەر كىشىنىڭكىدەك چىقىدىغان بوپ قىلىۋاتىدۇ :L:L;P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 05:12
مېنىڭ تىبابىتىمدە بۇنداق ماقالىلەر بەك جىق...(ما گەپنى دوختۇرلار ئاڭلاپ قالماڭلار ھە...:lol)
داۋاملىق يوللاپ تۇراي. anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:08 static/image/common/back.gif
. ھەر كۈنى پەس ئاۋازدا ‹‹ھە››، ‹‹ھى ›› ‹‹ھو ›› دەپ غىڭشى ...
راست، راست ماۋۇ ئانىرىمغا ئوبدان بىر ئامال-چارىلەر بولسا، داۋاملىق تەۋسىيە قىلىڭلار دوستلار، ئاۋازلىرى پۈتۈپ ئەمەسلا بوپ قاپتۇ، شەخسەن مەن كۆنەلمىدىم خىر- خىر ئاۋازغا:lol مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:31 static/image/common/back.gif
راست، راست ماۋۇ ئانىرىمغا ئوبدان بىر ئامال-چارىلەر بو ...
;Pقايسى كۈنى تېلفوندا :مەن جىقراق سۆزلەي ، سىز ئاڭلاڭ دىگىنىڭىز يادىمغا يەتتى
بەت:
[1]