guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:56:07

رۇفىنەگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!

تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ


http://bbs.zohlan.com/data/attachment/forum/201105/28/19144993yd67jj83bzyl99.jpghttp://bbs.zohlan.com/data/attachment/forum/201105/28/191447dx3hyj0zy8nd9t93.jpg


http://bbs.zohlan.com/data/attachment/forum/201105/28/191448zk02ccl22t7tm22k.jpg

http://bbs.zohlan.com/data/attachment/forum/201105/28/191458m5ao5a995yk5ysma.jpg

http://bbs.zohlan.com/data/attachment/forum/201105/28/191509fn8e8psn0fnzezzf.jpg
دەسلەپتە 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى دوۋسى ئاغرىغانلىق سەۋەبى بىلەن دادىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان،دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈچەي تورالغان(سوقۇر ئۈچەي يېرىلغان)دەپ دىئاگنوز قويۇپ ئوپىراتسىيە قىلغان،ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ رۇفىنە داۋاملىق تۈردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قىزىپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن  دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان،دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق كانىيىغا سوغۇق تېگىپ قاپتۇ،15كۈن داۋالانسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دېگەن ھەمدە 15 كۈن ئادەتتىكى ئۇسۇلدا داۋالاش ئېلىپ بارغان.دادىسى داۋاملىق بىر نەچچە كۈن بالنىسىتتا يېتىپ داۋالىنىشىنىتەلەپ قىلغاندا دوختۇرلار ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلغان.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى قىز يەنە قىزىپ قالغان دادىسى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسەتسە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغان،شۇنىڭ بىلەن 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالانغان،19-چىسلا  كەچتىن باشلاپ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا بۇيرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ دادىسى قىزىنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى(يەنئەن يولىدىكى )غا ئېلىپ كەلگەن.20-چىسلا بۇ دوختۇرخانىدا يۇلۇندىن سويۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن ھەمدە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى كېسەللىكى ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان،ھەمدە شۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە يۆتكىدى.بالىلار بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يولۇندىن سويۇقلۇق ئېلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى كېسەللىكى ئەمەس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مۇشۇ تەرىقىدە 5-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر ئىزچىل ھالدا خېمىيىلىك دورىلار بىلەن داۋالىنىپ كەلگەن نەتىجىدە بالىدا يەنە ئۆزگىرىش بولۇپ جىگەرنىڭ بېسىمى 1600 دىن ئېشىپ كېتىپ جىگەرنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى كېلىپ چىققان.شۇنىڭ بىلەن بالىنى جىددى
قۇتقۇزۇش ئۆيى (****)بۆلۈمىگە يۆتكەپ چىقىپ جىددى ھالەتتە ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆپكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ئېنىق دىئاگنوز
قويالماستىن جىددى خارەكتىرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى. شۇنداق قىلىپ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىچە 40كۈندىن ئەتراپىدا
داۋالىغان،28-چىسلا ئەتىگەندە بىر قېتىملىق داۋالاشتا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ،گەپ قىلسا گېىپى چۈشۈپ قالىدىغان ھالەتكە كېلىپ
قالغان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا بالىنى شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى تارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا جىددى يۆتكەش تەكلىپىنى
بەرگەن.ئاتا ئانىسى قىزىنى داۋالىتىش باشقا بالىلاردەك نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ئۈچۈن بارلىق مال مۈلۈك،ئالتۇن-جابدۇقلىرىنى
سېتىپ تۈگەتكەن،تەخمىنەن 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق داۋالىتىش راسخوتى تۆلەپ قىزىنى داۋالاتقان.زوقلان تورىمىز خىزمەتچى خادىملىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قىزنى يوقلاش ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا باردۇق،بىز بارغاندا رۇفىنە ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.ئاتا-ئانىسى  بىلەن قىزى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ قايتىشقا تەمشىلىپ تۇرغاندا رۇفىنە ئويغىنىپ كەتتى ھەمدە،بىئارام بولۇپ ياندۇرۇشقا باشلىدى. دوختۇرخانا خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش،ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق رۇفىنەنىڭ دەرھال دوختۇرخانا يۆتكەلمىسە قىزنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق.مەسئۇل دوختۇر گەرچە خەنزۇ مىللىتىدىن بولسىمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە يۇقارقى سۆزلەرنى ئېيىتتى ھەمدە رۇفىنەنىڭ ناھايىتىمۇ ئوماق،ياخشى،سۆيۈملۈك بىر قىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كەڭ ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ رۇفىنەگە ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم بېرىشىنى ئۈمد قىلىمىز!

رۇفىنەنىڭ دادىسى:ھېبى سەلەي
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:13899744799

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 08:37:14

ئەجەپ ئۇماق قىزكەن ،كىسىلى بالدۇرراق شىپا تاپقاي .

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:19:47

مۇشۇ خاتا دىئاگنوز قويغان دىگەن دوختۇرلارنى كۆرسەم بەك جىلە بوپ قالىمەن ، گال پىچاق بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتسە دەيمەن

bulut يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:48:43

قاراپ تۇرمايلى بىزمۇ بىر كۇنلەردە ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولوپ قىلىشىمىز مۇمكىن شۇ چاغدا قىرىنداشلىرىمىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ،ئاللاھ شۇنداق ئورونلاشتۇرىدۇ، قىنى ئاز بولسىمۇ بانكىغا قاراپ ئالغا

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:17:12

زادى نىمە كىسەل ئىكەن ئاخىرى ؟
خاتا دىئاگنوز قويۇلسا، سورىقى يوقمۇ ؟

7YIGIT يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:12:47

" كىچىك قىزنىڭ بالدۇراق ساغلام ھاياتقا قايتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن " ..
مۇنبەر مەسئۇلىغا ئويلىغانلىرىمدىن دەپ باقسام :
بۇنداق جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغان تېمىلار خېلى كۆپ.توردۇنياسى بارلىققا كېلىپ تېلىۋىزورلارغا بېرىلىدىغان ئېلانلارنىڭ ئورنىغا توردا مۇشۇنداق خاراكتىردىكى مۇراجىئاتنامە ئايدا بولمىسىمۇ نەچچە ئايدا بىر كۆرۈپ تۇرىمىز.
ھازىر ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولىۋاتقان ھەرخىل كېسەللىكلەر پەن-تېخنىكا جەھەتتىن يېتىشىپ چىقىپ،شۇ ساھەدىكى يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا بۆلۈنىۋاتقان،دوختۇرلارنىڭمۇ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ يۇقارقىدەك خاتا دىئاگنوز قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.
بۇنداق غەيرى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى خېلى تاپاۋەتلىك.كىرىمى يامان-ئەمەس بولسىمۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ھازىرقى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە بولغاندا،خېلى ئائىلىلەرنىمۇ ( ئاھ دىگۈزۈپ قويىدۇ ). ئاقىۋەت مۇشۇنداق خەلق-جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بەزى كېسەللەرنى پۇل بولغان بىلەنمۇ قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىنچىلىقى بەك ئاز بولىدۇ.قارىسام بۇز قىزنىڭ كېسىلىگە ھازىرقى مېدىتسىنا بويىچە سۆزلىگەندە يېتەرلىك پۇل بولسا،لازىمەتلىك نەرسىلەر تەل بولسا قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولغۇدەك.
دىمەكچى بولغۇنۇم :
نۇرغۇن تورداشلار ( مەندەك ) مۇشۇ يەتتە قىز مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرگە كىرمەيدۇ.ھەم ھەرقايسى يۇرت-يۇرتلاردىن،ئۆلكىلەردىن تورغا كىرىدۇ.دوختۇرخانىغا بىۋاستە بېرىش،ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىقى بولمايدۇ.
شۇڭا مۇنبەر مەسئۇلى ئۆى ياكى باشقا مۇنبەرنىڭ شۇنداق ئىشلىرىغا مەسئۇل بىرەرسى بولسا.مۇشۇ تېمىغا ياكى ئايرىم تېما يوللاپ مۇشۇ قىزغا،ياردەم بەرگۈسى بار كىشىلەرنىڭ مەيلى ئاز-كۆپ بولسۇن،ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشنى خالىسا.مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ كارتىسىغا پۇل ئۇرساق.تېمىدا مانچە كۇن مۇددەت ئىچىدە دەپ ئېنىق يېزىلغاندىن كىيىن،شۇ كۈنگىچە يېغىلغان پۇلنى ( يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە ) ۋاكالىتەن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ بەرسە دەپ ئويلايمەن.
بۇ ئۇسۇلنى شەخسەن ئۆزۈم ئويلىدىم.ئەگەر ( مۇنبەر ) بۇ ئۇسۇلنى لايىق كۆرسە تېزراق تۇتۇش قىلسا دىگە ئۈمۈتتىمەن...




مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:08:12

ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى: http://7qiz.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1885

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:01:22

نەچچە كۈن بولدى ، بۇ تېمىنى ھەر بىر ئاچسام يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ ، گەرچە بالىلىق بولمىغان بولساممۇ كىچىك بالىلار ماڭا پەرىشتىدەكلا كۆرىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركەتلىرى ، چۈچۈك تىللىرىدىن ، ئوماق قىلىقلىرىدىن سۆيۈنىمەن .
كېسەل كارۋىتىدا جان تالىشىۋاتقان بۇ سەبىي قىزنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى  يېقىن بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن .كۈندە خىمىيلىك داۋالاش قىلىۋاتقان ، داۋالاشتىن كېيىنكى باش ئاغرىقى ، تاماق يىيەلمەسلىك ، كۆڭلى ئېلىشىش ئىشقىلىپ بىز چوڭلارمۇ كۆتۈرەلمىگۈدەك جاپارلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكىگە ئىچ-ئىچىمدىن ئاپرىن ئوقۇيمەن .
ئاللاھتىن بۇ سەبىيگە شىپاھلىق ھەم سەۋر تىلەيمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:15  

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:35:18

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:17 /static/image/common/back.gif
زادى نىمە كىسەل ئىكەن ئاخىرى ؟
خاتا دىئاگنوز قويۇلسا،  ...

سورىقى بولمايدىغان ئىش يوق ، لېكىن قىزچاقنىڭ ئاپىسى يوق پەقەت دادىنىڭ قولىدا چوڭ بولىۋاتقان قىزكەن ، ئۇ خاتا دىئاگنور،داۋالاش دىگەننى ئەرز قىلسا مەخسۇس بىر ئادەم يۈگۈرمىسە بولمايدۇ ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە بۇ قىزنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ،شۇڭا ئاۋۋال بۇ تېما بىلەن جەمىئەتتىن ياردەم سورىغان گەپ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:09  

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:37:54

bulut يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:48 static/image/common/back.gif
قاراپ تۇرمايلى بىزمۇ بىر كۇنلەردە ياردەمگە ئېھتىياجلى ...

رەھمەت سىزگە بۇلۇت !
بەت: [1] 2
: رۇفىنەگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!