ئانا لېرىكىسى (ئوماق)
ئانا لېرىكىسىhttp://sc-pic.jz173.com/pic1/20070718/muqinjie/281510mqj2_056.jpg
1
ۋقىت ھوقۇشمۇ قونغان
شېخىدا لېۋىڭنىڭ؟
ئۆچتىمۇ ئېلىپ
قالدۇقىنى مارجانلىرىڭنىڭ؟
http://218.31.74.111/attachment/201006/20/61589_1277051498IJR6.gif
2
ئوقۇپ چىقتى شامال
قانچە چۆچەكنى
نامازشامگۈلىدەك سولغان كۆزۈڭدىن؟
http://218.31.74.111/attachment/201006/20/61589_1277051498IJR6.gif
3
ئېيىتقىنا نىچۈن
تاتىرىدۇ قارنىڭ يۈزى،
باققىنىدا ھەر قېتىم
ئاقلىقىغا چېچىڭنىڭ؟
http://218.31.74.111/attachment/201006/20/61589_1277051498IJR6.gif
4
راستمۇ ئانا،
داغ چۈشتى دەيدۇ،
ئارمانىدا
ئۆچۈپ كەتكەن گۈزەللىكنىڭ؟
http://218.31.74.111/attachment/201006/20/61589_1277051498IJR6.gif
5
بىر كۈن ئىزدەپ كەلسە سېنى پەرىشتە،
كېتەرسەنمۇ ئېمىتكىلى
باللىرىن جەننەتنىڭ؟
يىغلارمىكىن پەرىزات
ئۆتۈۋېلىپ قۇياش كەينىگە،
رومال قىلسام دەپ
كېپىنىڭنى...
http://218.31.74.111/attachment/201006/20/61589_1277051498IJR6.gif
6
ئانا!
كۆتىرەلمەس قەبرەڭنى تۇپراق!
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مەنبە:خاتىرەمدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:26
ۋاھ... بۇ نەچچە كۈندىن مۇنبەردە تېمىلارغا بىزەك ئىشلىتىش مودا بوپ قالدىمۇ قانداق؟
چىرايلىق خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ نازۇك قوللىرىدا پۈتكەن ئېسىل يازمىلارغا بۇ بىزەكلەر ئەجەپمۇ يارىشىپتۇ!
مۇشۇ يامغۇردا نىمە قىلۋاتقانسەن ئانا:'( راس نىماندا چىرايلىق بىزەكلەر بۇ تېلۋېزۇردا ئىلان قىلۋاتقان ھاي- ھاي بىزەكلەر ئەمەستۇ ;P ئاھ ئانا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەڭ گۈزەل شېئىرلىرىدىن بېرى ،بىر قېتىم ئوقىسام بىر قېتم ئېزىلىمەن .
جىق ئەجىر قىپسىز، تەشەككۈر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aychin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:22
بەت:
[1]