xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:37:45

يىگىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى چېچىغا قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .


1.چېچى ئاتنىڭ قىلىدەك ھەم توم ، ھەم يىرىك ، قويۇق كىشىلەر ئىش قىلسا بېرىلىپ قىلىدۇ ، ئۇلار جاسارەتلىك ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر ، ئەپسۇسلىنارلىقى ، بۇنداق ئادەملەر « مۇھەببەت » نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ .

2 . چېچى توم ، رەڭگى سۇس ، يىرىك لېكىن شالاڭ كىشىلەر تەرسا ھەم ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان ، باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئامراق ، قورسىقى تار كىشىلەردۇر. بۇنداقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى بىر ئىشلارنى ئەپلەشكە ئۇستا كېلىدۇ .

3 . چېچى توم قارا ، قويۇق ، يۇمشاق ، يىپەكتەك كىشىلەر مىجەزى ياخشى ، ئويۇنكەش ، جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان ، كىشىلەرنىڭ رايىغا باقىدىغان كىشىلەر بولۇپ ، ساياھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ .

4 . چېچى يۇمشاق بولغان بىلەن شالاڭ كەلگەنلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ، ھە دېسىلا باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىپلا يۈرىدىغان ، شۇنداقلا ھاكاۋۇر ، ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتىدىغان ، بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالمايدىغان ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىپەرۋا ، ئۇنۇتقاق كىشىلەردۇر .

5 . چېچى يۇمشاق ، ئەمما قويۇق ، ماي سۈركەپ تۇرسىمۇ رەتلىك تارالمايدىغان كىشىلەر خارەكتىرى ئاجىز، ئوڭايلا قىزىرىدىغان ، قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ئىككىلىنپ بىر قارارغا كېلەلمەيدىغانلاردۇر .

6 . چېچى قويۇق ھەم دانلىق ، تەبىئىي سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە سېمىزراق بولۇپ ، ھەركەت قىلىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ ، ئىشىق - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ، بۇنداقلار كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ .

7 . چاچ - ساقىلى تۇتۇشۇپ كەتكەن ، تىرىك ھەم قويۇق چاچلىق كىشىلەر ، ئەركىن مەردانە ، ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىشقا ئامراق كىشىلەردۇر .

8 . چېچىنىڭ رەڭگى سۇس ، شالاڭ ، لېكىن دانلىق ، يىرىك كىشىلەر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تۇغما ناتىق كىشىلەردۇر، بۇلار پايدا ئالساملا دەيدۇ ، زىيانغا چىدىمايدۇ .

9 . چېچى قويۇق ، يۇمشاق ، تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغانلار جىمىغۇر ، خىيالچان ، چىداملىق بولۇپ ، سەنئەتكار ، ئالىملار مۇشۇ خىلدىكى ئادەملاردىن كۆپ چىقىدۇ .

10. چېچى بۈدرە قىلغاندەك ئىچىگە قايرىلىپ تۇرىدىغانلار مىجەزى ئىتتىك ، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىدە يۈرىدىغان ، گۇمانخور كىشىلەردۇر .

11. چېچىنىڭ تۈۋى يىغىلىۋالىدىغان ، ئۇچى تەرىپى تۈز كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرىۋالىدىغان ، نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق ، باشباشتاق ، باغرى تاش ، زوراۋان كېلىدۇ .

12. قارا چېچىنىڭ ئارىسىدا قىزىل چاچ بار كىشىلەر ئىسراپخور، يات جىنىسلاردىن دوست تۇتۇشقا ئامراق ، جىنسىي تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ ، ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خەتەرلىك كىشىلەردۇر .

13. بېشىنىڭ كەينىدىكى چېچى ئاق - قارا ئارىلاش كەلگەن كىشىلەر غەمكىن ، ھېسسىياتچان ، بىردەم خوشال بولسا ، بىردەمدىلا غەمگە پېتىپ كېتىدىغان ، ئۆزىنى ئۆزى ئىشقى - مۇھەببەتلىك ھېسابلايدىغان ، ئۇخلىغاندا جۆيلۈيدىغان كىشىلەر بولۇپ ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلاردا نېرۋىسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار .

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:46:39

ئەينەككە قاراپ چېچىمنى بىر سىلاپ باقاي جۇما:lol

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:30:43

توۋا....ماۋۇ ئادەمنىڭ چېچى ھېچقايسىغا چۈشمەيدىكەن دېسە:o، بۇ ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى بىلىش نىمانداق تەستۇ;P

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:39:24

ئانارچى خان   بۇ تىمىنىڭ  مەنبەسى  قىنى  ئۆزىڭىزنىڭ خىيالىغا كەلگەن  گەپنى يىزىپ قويدىڭىزما   
بىر ئادەمنىڭ  تۇرقىغا  قاراپ   چىرايىغا قاراپ   چىچىغا قاراپ  باھا  بەرگىلى  بۇلامدىكەن   :$

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:08:02

سەل تەسمۇ قانداق ؟ :L
مۇرەككەپ رىتسىپلىق چىقىپ قالدى ....

ئوماق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:26:45

ھازىرچە ساقلىۋالاي كىيىن كېيىنچە ئەس قاتىدىغاندەك قىلىدۇ.

xakilat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:28:09

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:39 static/image/common/back.gif
ئانارچى خان   بۇ تىمىنىڭ  مەنبەسى  قىنى  ئۆزىڭىزنىڭ خىيا ...

مېنىڭ ئىسمىم شاكىلات، ئانارچى دىگەن كىم ئۆزى.... مەنبە ئېنتىرنىت:P

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:02:50

ئىنكاس قايتۇرۇش xakilat نىڭ يازمىسى

ئا  كەچۇرۇڭ

dilnaz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:18:13

سەل مۇرەككەپرەك چىقىپ قالدا :o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:18  

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:38:48

مەنغۇ تاپالمىدىم ئۇنى بۇ يەردىن.:lol
بەت: [1] 2
: يىگىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى چېچىغا قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .