بىر ۋاق تاماقتىن تۇغۇلغان ئويلار
بالىلىرىم سىلەر تېخى كىچىك!بۈگۈن چۈشلىك دەم ئېلىشتا دوستۇم بىلەن <ئاۋرال تېز تاماقخانىسى>دا كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ئىشتىن چۈشۈپ شۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم، دوستۇمدىن سەل بالدۇر كېلىپ قالغاچقا ئۇنى ساقلاشقا توغرا كەلدى، چۈش بولغاچقا ئاخشانا ئەتتىراپىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىر بەكمۇ كۆپ ئىدى، ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئوقۇغۇچىلار توپ- توپ بولۇپ بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشىۋاتاتتى.
شۇ ئەسنادا كۆزۈم ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان ئوخشاشلا ئۇچىسىدا مەكتەپ فورمىسى بار، ئەمما قىلىقى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر جۈپ قىز - ئوغۇلغا چۈشتى، گەرچە قىزنىڭ ئۇچىسىدا مەكتەپ فورمىسى بولسىمۇ، چاچلىرىنىڭ تارىلىشى ئوقۇغۇچىغا لايىق ئەمەس ئىدى.
ئۇ ئىككۈيلەن بىر بوش ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى، تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ چىققۇچە ئارلىقتا، قىزنىڭ يىگىتكە تويماي قاراشلىرى، ئەتتىراپتىكى ناتونۇش بولغان باشقا كىشىلەرنى ۋە ئۆزى بىلەن بىر مەكتەپ ياكى بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا يىگىتنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويۇشلىرى، يىگىتنىڭ قولىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ سىلاشلىرى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى، ئەجىبا بۇلار تېخى ئوقۇغۇچىلارغۇ؟ شۇ ھامان كاللامدا ئەمدىلا تولۇقسىزغا چىققان بالام كەلدى، مۇشۇ تاپتا ئۇمۇ مەكتەپ ئەتتىراپىدىكى بىر ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماققا ئولتۇردى ھەقىچان، ئەجىبا ئۇمۇ مۇشۇنداق.........؟؟؟ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
گەرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا بالىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىر ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇمۇسنى، پەدىشەپنى قايرىۋېتىپ، خۇددى كىنۇلاردىكىدەك قىزغىن مۇھەببەتلىشىشى بىزگە سەل ياتمۇ قانداق؟؟؟
دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ!
ئارىدىن يېرىم سائەتچە ئۆتكەندە دوستۇممۇ يېتىپ كەلدى، ئىككىمىز ئاددىيغىنە تاماقلانغاندىن كېيىن، دوستۇم تېل؛ىفۇن ئالغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى، يېنىمدىكى جوزىدا بىر ئوتتۇرا ياش ئەر ، قارىماققىلا ئۈرۈمچىگە مېھمان ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، بىر بوۋاي، موماي ۋە بىر ياش يىگىت ئولتۇراتتى، ئوتتۇرا ياش ئەر ئۇلارنى ئۈستەلدىكى ھەر- خىل نازۇ- نىممەتلەرگە زورلايتتى، شۇ ئارىدا تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى بولغاي، ئوتتۇرا ياش ئادەم:
-ئەمدى، مەن سىلەرنى دۆڭكۆۋرۈك ئەتتىراپىنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي، دەپلا ئورنىدىن تۇردى.
ئەمما بوۋاي شۇ ھامانلا ئاۋازلىق قىلىپ:
- ئامىن، دەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم بىر خىل جىللىقتا ئەتتىراپىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، جايىغا كېلىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ، قىسقىغىنە دۇئا قىلىپ قولىنى يۈزىگە سۈرۈپلا تۇردى.
ئويلاپ قالدىم، شۇنداق مول بىر ۋاقلىق تائامنى مەززە قىلىپ يىگەن ئادەم نېمىشقا ، ئاللاھقا ھەمدۇ- سانا ئېيتىشنى ئۇنۇتۇپ ماڭىدىغاندۇ؟
مەنمۇ ھەر دائىم شۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرۇتۇپ تۇرىمەن، بەزىدە قىزلىرىمدىن ئەنسىرەپمۇ قالىمەن، نىمە دەيمىزئەمدى، پەقەت ئاللاھتىن ئىمان، ئىنساپ، دىيانەت تىلەپ ئولتۇرۇپتىمىز:( ئالىي مەكتەپلەردە ئەمەس ھازىر ئى باشلانغۇچتىكى بالىلار ئارلىشىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ ،بەزىدە ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇپلا قالىمەن .
قايسى بىر كۈنى دوستۇم بىلەن كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ تاماق سىڭدۈرگەچ ماڭغان ئىدۇ ،ھەمدە يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردۇق ،ئۇدۇلىمىزدىكى ئۇرۇندۇقتا مەكتەپ فورمىسى كەيگەن ،قارىماققا تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغاندەك قىلىپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ يانلىرىدا بولسۇن ،ئالدىدا بولسۇن ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان چوڭلار ،ئۆزى دىمەتلىكلەر بار ئىدى ،ئۇلار بۇلارنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمىۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ ئېيتاۋۇر ئاقلاققىنى يوقاتقان ئاساستا بىر بىرسىنى بوينىغا ئېسلىشىپ ئولتۇراتتى ،يەنە بىر قۇلى بولسا چىڭ گىرەھلەشكەن ،يۈزلىرى بىر بىرسىگە تىگىشكەن .بۇ ھالەتنى كۆرۈپ تاس قالدىم بارغان بېرى قۇڭىغا بىرنى تەپكىلى لېكىن ئۇنداق قىلشقا ھوقۇقۇم يوقتە.ياققاننى تۇتقانچە دوستۇم بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلدۇق . نىمە بۇلۇپ كىتىپ باردۇ بۇ جاھان بەك تەراققى قىلسا مۇشۇنداق بۇلامدۇ يە :lol جاھان ئاجايىپ بوپ كېتىپتۇ.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاپتۇبۇستا ئىدىم. يېنىمدا 23 ياشلاردا بار بىر قىز تۇردى. ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىۋېدى 25 ياشلاردا بار خېلى كېلىشكەن بىر يىگىت چىقتى ھېلىقى قىزنىڭ يېنىدىلا ئاپتۇبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇردى. شۇ ئارىدا ماۋۇ يولداشلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغان بالىلىرى بىر-بىرلەپ ئاپتۇبۇسقا چىقت بۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى. تۆۋە دەيمەن بۇلارنىڭ ھەممە يەردە شۇنداق زۇۋانى بېسىقمايدىكەن. بىزلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلىرىمىزمۇ ئاپتۇبۇسقا چىقسا گەپنى تولا قىلامدىغاندۇ دەپ دىققەت قىلىپ باقتىم. بىزنىڭ بالىلىرىمىز چىقسا پەس ئاۋازلار ئەدەبلىكلىك بىلەن پاراڭلىشىدىكەن.
يا ئاللاھ بۇلارنى ئاپتۇبۇس مەن چۈشىدىغان يەرگە بېرىپ بولغىچە مېڭەم پارتلاپ كېتەي دېدى.
شۇ ئارلىقتا ھېلىقى يىگىت نېمە تولا گەپ بۇ ئېغىزىغا لاتا تىقىپ قويغىدەك بوپ قالدىم دېۋىدى يېنىدىكى قىزمۇ بۇ يىگىتنىڭ گېپىگە تەڭ جۆر بولۇپ مېنىڭمۇ مېڭەمنى ئاغرىتىۋەتتى دېدى.
شۇنىڭ بىلەن تۇنۇشمايدىغان بۇ قىز-يىگىت بىردەمدە تېلېفون نومۇرلىرىنى بىر-بىرگە دەپ بېرىشىپ تېلېفون قىلىپ كۆرۈشۈدىغان بولۇپ ھەر ئىككىلىسى ئاپتۇبۇستىن ئايرىلدى. تۇرۇپلا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ھازىرقى قىزلاردا ئەخلاق،نۇمۇس تۇيغۇسى قالماپتۇ. ئەتراپىدا كىم بار كىم يوق. پەرۋايى پەلەك ياشايدىكەن.
ئۇف........... يەنىلا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەي!
بەت:
[1]