خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:06:14

بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

ئىشتىھاسىزلىق 10ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىى بولۇپ ، ئۇ ئومومەن كېسەللىك ئالامىتىدىن باشقا ، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى مىكرو ئېلېمىنتلارنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دېققەت قىلىش لازىم :
1. تۇرمۇشى رېتىملىق بولۇپ ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا تاماق يېيىشى ۋە تاماقنى باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە يېيىشى لازىم .
2.بالىلارغا گۆش ۋە كۆكتات ئارلاشقان تاماق بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
3.تاماقنى خوشال -خورام ۋە تېنىچ مۇھىتتا يېيىشى ، ئۇلارنى ئالداش ، قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقلىق تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىماسلىقى ، تاماق ۋاقتىدا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تىللىماسلىق ، ئۇرماسلىق لازىم . ئۇلار قانچە جىددىيلەشسە تاماقنى شۇنچە ئاز يەيدۇ .
4. تاماقنى بالا چارچىغاندا ئەمەس ، بەلكى قورسىقى ئاچقاندا بېرىش لازىم .
5.بالا تاماقنى ياخشى يىگەندە مۇۋاپىق ماختاپ قويۇش كېرەك ، تاماق يىمەي تۇرۇۋالغاندا شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى ، بەزى بالىلار تاماق يىمەي تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق چوڭلارنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇلار خاپا بولغاندا ياكى خەتەرلىك تۇيغۇ بولغان شۇنداق قىلىدۇ.
  6.تاماق تۈرىنى ئۆزگەرتىش ئارقلىق ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش لازىم ، بولۇپمۇ تاماقنىڭ تەمىگە ئېتىبار بېرىش، بالا گۆش يېيىشنى خالىمىسا ، جۇۋاۋا ، ياكى چۆۋۈرە قىلىپ بېرىش ، بېلىق يىمىسە بېلىق كۇمۇلىچى قىلىپ بېرىش لازىم .
7.بالا ئۇسساپ كەتسە تاماقنى ئاز يەيدۇ . بىراق تاماق يىيىشتىن ئاۋۋال ئىچىملىك بىلەن قورسىقىنى تويدۇرۋېلىشقا يول قويماسلىق لازىم.
8.خۇرۇچى كۆپ ۋە تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەسلىك لازىم . تاتلىق-تۇرۈملەرنى ئامال بار ئاز بېرىش ، ساغلام بالىلارغا ئادەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى بەرمەسلىك لازىم .
9.مىكرو ئېلېمېنتلار كەم بولۇشتىن ئىشتىھاسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى دورا بېرىش ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى يىمەكلىك ئارقىلق تولۇقلاش لازىم .
10.بالا ئاغرىپ قالغاندا ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز -ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىش كېرەك . مەسىلەن تاماق يېيىشنى خالىمىغاندا زورلىماي بىردەم تۇرغۇزۇپ ئاندىن بېرىش ، ئىچ سۈرۈپ ياكى قىززىپ قالغاندا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش لازىم .


مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:03:30

دىمىگەن بىلەن مېنىڭ قىزلىرىمنىڭ ئىشتىھاسى دادىسىنىلا دورىغان دىسە:lol

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:40:36

مېنىڭ قوشماقلىرىمنىڭ ئىشتىھاسى بەك بەلەن جۇمۇ ، ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى كەلمەسكە كەتتىمىكىن دەيمەن .

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 01:11:30

لىكىن شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلش كېرەككى ،مىنىڭ قىزىم تۇيۇقسىز 4كۈن تاماق يىمەي سۈتلا ئىچتى ،ئاخرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ 微量元素دەيدىغان بىر تۈر باركەن ،شۇنى تەكشۇرتسەك 铅 (قوغۇشۇن )تەركىۋى ئىشىپ كىتىپ شۇنداق تاماق يىمەيدىغان بۇلۇپ قالغانكەن .دورا بېرىپ يۇرۇپ قوغۇشۇن تەركىۋىنى چۇشۇرگەندىن كىيىن ئاندىن تاماق يىگەن ،ھازىرغىچە نورمال كىتىپ بارىدۇ .ھەر ھالدا دىققەت قىلغان ياخشىكەن .

sayida يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:18:58

ئانا بولغۇچى بالىدىكى ئۆزگۆرۈشكە كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.
بەت: [1]
: بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى