ئۈژمە ھالۋىسى (جۈجەم ھالۋىسى)
سالام دوسلار،ياز كىلىشى بىلەن ئۈژمىمۇ پىشىپ قالدى ،شۇڭا بۇ تىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇدۇم ،سىناپ ھوزۇرىنى سۈرگەيسىلەر.خۇرۇچى؛ ئاق ئۈژمە ،ئۇن ،قوي مېيى قاتارلىقلار.
خۇسۇسىيتى؛ تىرىدىكى تەمرەتكە، ئاق -قارا داغلارنى يوقتىش خۇسۇسىيتى بار. شىپالىق رولى ؛سوغۇق مىجەز كىشلەرگە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.ھۆل سوغۇقنى ھەيدەيدۇ،بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ،جىگەرنى تازلايدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى؛ قوي مېيىنى قازانغا سىلىپ قىززىغاندا ئۇننى ياققا چالىمىز،ئاندىن ئۈجمىنى سالىمىز(ئېسىڭىزدە بولسۇن تۇز سالمايمىز) قوي مېينىڭ ئورنىغا باشقا ماي ئىشلەتكەن ياخشى چۈنكى قوي مېيى قاندا ماي بارلارغا زىيانلىق.
مەنبەسى؛ئۇيغۇرلارنىڭ شىپالىق تائاملىرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
ئاپاڭزىنى بىر بوزەك قىلىدىغان گەپمۇ نىمە:lol ئۈژمە ھالۋىسى دەپ ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن جۇمۇ . ۋاي ئېست مەن مۇراببا قىلىۋىتپتىمەن.بالدۇراق كۆرسەمچۇ ..... neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 01:13 static/image/common/back.gif
ۋاي ئېست مەن مۇراببا قىلىۋىتپتىمەن.بالدۇراق كۆرسەمچۇ . ...
بازاردىن يەنە ئالسىڭىز بولمىدىمۇ;P قوغۇن ھالۋىسى دەپ ئاڭلىغان ،ھالۋىسىمۇ بولىدىكەندە ئەسلى خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:00 static/image/common/back.gif
ئېتىش ئۇسۇلى؛ قوي مېيىنى قازانغا سىلىپ قىززىغاندا ئۇننى ياققا چالىمىز،ئاندىن ئۈجمىنى سالىمىز(ئېسىڭىزدە بولسۇن تۇز سالمايمىز) ...
مۇشۇنداق گەپنى كۆرسەملا كۈلگۈم كىلىدۇ. خېلى يىقىن بىر تونۇشۇم بولىدىغان ئالدىنقى يىلى ئەتىيازغۇ دەيمەن. بىر كۈنى تېلفۇن قىپتۇ. ھالۋا يىگۈسى كىلىپ ئايالىغا بۇيرۇپتىكەن. ئىتەلمەيمەن ئېتىپ باقمىغان. دەپ ئەتكىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆزى ئېتىپ تۇزنى خېلى سىلىپ ئاغزىغا شۇنداق سىلىپ، نېمە يەپ سالغىنىنى بىلمەي ئوڭدىسىغا چۈشۈپتۇ. كىيىن ماڭا تېفۇن قىپتىكەن. ھالۋىغا قانچىلىك تۇز سالىدۇ دەپ. مەن جاۋاپنىمۇ بىرەلمەي بىر ھازا تازا كۈلگەن ئىدىم. كىيىن بولغان ئىشنى ئايالى دەپ بەرگەندە كۈلۈپ تىلىقىپ قالدىم. ھازىر ئويلىساممۇ كۈلەۈم كىلىدۇ. ھالۋىغا تۇز سىلىش ئاجايىپ بىر تەم. شىكەرگە تۇز ئارلاشتۇرسا قانداق تەم ھاسىل بولىدىغىنىنى ئويلاپ بېقىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:08
ھالۋا دىسە كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەن بىرەيلەن ئېسىمگە كېلىپ قالدى ;P anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:11 static/image/common/back.gif
ھالۋا دىسە كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەن بىرەيلەن ئېسىمگە ك ...
ھالۋا دېسە يىغلىۋىتىمەن مەن:lol anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:11 static/image/common/back.gif
ھالۋا دىسە كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەن بىرەيلەن ئېسىمگە ك ...
مەنغۇ ئۇنداق قىلمايمەن بولمىسا ، ئۇ كىمدۇ ئەمدى:o
بەت:
[1]
2