بىلىۋىلىڭ
كىتاپتىن مۇنۇلارنى كۆرۇپ مۇنبەردىكى خانىم-قىزلىرىمىز يادىمغا يەتتىدە، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا يوللاشنى قارار قىلدىم.:lol پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. سىناپ بىقىڭلار ھە؟:o1. كالا سۇتىدىن بىر نەچچە تېمىم تىمىتىپ يۇز ۋە قولغا سۇرتۇپ بەرسە تىرىنىڭ پارقىراق ۋە يۇمشاق بولىشىنى ئاشۇردۇ.
2. كۇندە ئەتىگەندە يۇز يۇيغاندا داسقا ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ئۇستىگە لۆڭگە يىپىپ يۇزنى ھوردىتىپ بەرسە، يۇزگە قورۇق چۇشۇشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. سىرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ، قايناتقان سۇيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قول ۋە يۇزگە سۇرتۇپ بەرسە، يۇزگە قورۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4.تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلغاندا، چىراي گۇزەللىكىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
5. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۇرۇك مىغىزىنى يۇمشاق يانجىپ تالقان ھالەتكە كەلتۇرۇپ، ئاندىن تەڭ مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، ئۇنى ھەر كۇنى ئەتىگەن ھەم كەچتە يۇزگە سۇرتۇپ بەرسە، قورۇقنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭدەك، يۇزنى ئاقارتىدۇ ۋە سىلىقلاشتۇرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:10
4.تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلغاندا، چىراي گۇزەللىكىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
..............
مېنىڭ كۈندىن- كۈنگە گۈزەللىشىپ كېتىپ بارغىنىم بىكار ئەمەسكەندە :lol مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:39 static/image/common/back.gif
4.تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلغاندا، چىرا ...
شۇنداق جاپالارنى تارتىسىزدە ئەمدى ، قازاندا بارى شۇ بولغاندىكىن :lol
مانا مەن خۇدايىمنىڭ سۈيى بىلەن يۈزۈمنى سىيپاپلا چىقىمەن ، قاچانلا قارىسا شۇنداق سۈزۈك ھەم پارقىراق تېرەم ...:$بەزىدە ئەينەكتىنمۇ نۇر قايتىپ كېتىدۇ :lol anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:42 static/image/common/back.gif
شۇنداق جاپالارنى تارتىسىزدە ئەمدى ، قازاندا بارى شۇ ب ...
تىۋىش....بىز ئۈچەيلەن ھازىرلا بىر يەردە بىللە ئولتۇرۇپ غىزالانغاندەك قىلغان ھە، بولمىسا:L ۋاي ما ئىككىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ماختىشىپ كەتكىنى ، مېنى بۈگۈن كۆردۈڭلارغۇ ، سۇپسۇزۇك تاپتازا ھە ;P;P;P
ئاغزىدا دىسىلا ھېساپ ئەمەس ، مانداق ئەمىلىيەتتىن ئۆتكەن بولىشى كېرەك .... tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:48 static/image/common/back.gif
ۋاي ما ئىككىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ماختىشىپ كەتكىنى ، مېنى ...
مەن ئۇخلايمىكىن :Q ھىم ....تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ مۇھىم ئېقىم بىلىملىرىگە ئىگە قىلىپ قويدۇم دىمىگەن بىلەن سىلەرنى :lol anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:55 static/image/common/back.gif
ھىم ....تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ مۇھىم ئېقىم بىلىملىرىگە ئى ...
ئۇنى بىر دىمەڭ، مەنمۇ كىرىپلا تېلۋېزوردىن ئېقىم مەسىلىلىرى توغۇرلۇق خەۋەر بېرىدىغان قانالدىن بىرنى تېپىپ ئېچىپ قويۇپ چۈشەنمىسەممۇ يېرىم سائەتچە ئولتۇرۋەتتىم، ئەتە سەھەردە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن:lol. بۇگۇن ئۈچىڭلار پۈتۈن دۇنيانىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە يانماي مۇنبەردە سۆزلىشىۋاتامسىلەر ؟قول قويدۇم سىلەرگە ....
مۇشۇنداق ئۆيدە بىكارلىق چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى پەقەت ۋاقتىدا قىلپ بولالمايمەن ،تېرەم بەك پەيزە بولغاچقا شۇنداقمىكىن ..... مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:59 /static/image/common/back.gif
ئۇنى بىر دىمەڭ، مەنمۇ كىرىپلا تېلۋېزوردىن ئېقىم مەسى ...
بۇدا كۆرۈشكىچە ئاناردىن ئېشىپ كېتەي دەپما جانىم ؟؟؟؟؟نىمىمۇ قىلارسىز دەيمەن بىكار ئاۋارە بوپ :o ئەتە ھەر قانچە بالدۇر قوپۇپ داۋاملاشتۇرسىڭىزمۇ يەنىلا كەچتە ئاچچىق يۇتىۋالىسىز شۇ :L بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tiwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 00:06